باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

ئىتالىيەدىكى ئورگان دېھقانچىلىق مەيدانى ھۆكۈمەتنى ئالداپ تولۇقلىما ئېلىشقا چېتىلىپ قالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 14:19 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ياۋروپا «بىرلەشمە تورى»نىڭ ئىتالىيەدىكى «ياۋروپا ئاخبارات ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىتسىلىيەنىڭ راگۇسا شەھەرىدە ساقچىلار يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، شۇ جايدىكى توققۇز «ئورگانىك دېھقانچىلىك مەيدانى»نىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق دۆلەتنى ئالداپ يۇقىرى سوممىلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تولۇقلىمىسى ئالغانلىقىنى بايقاپ قالغان. ساقچىلار دېلوغا چېتىشلىق كارخانىنى مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى توختىتىشقا ھەمدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇغان. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، راگۇسا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى شۇ جايدىكى ئورگانىك دېھقانچىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان 15 شىركەتنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس تۈرى بويىچە تەكشۈرگەن. ساقچىلار تەكشۈرگەن توققۇز شىركەتتىن، زور مىقداردىكى چەكلەنگەن خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىمىيەۋى ياسالما دورىلارنى قولغا چۈشۈرگەن ھەمدە «ئورگانىك دېھقانچىلىك مەيدانى»دا ئىشلىتىش چەكلىگەندىن 10 توننىدىن كۆپرەك خىمىيەۋى ياسالما دورىلارنى پېچەتلىگەن. 

ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتالىيە ئارقا-ئارقىدىن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپتۇ. ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش ئىشلەش كارخانىلىرىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە يۇقىرى سوممىلىق تولۇقلىما ۋە بازاردا باھاسىدا مۇۋاپىق ئېتىبار بەرگەن باشقا، باج قاتارلىقلاردىمۇ خېلى كۆپ ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپتۇ. 

ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈلگەن توققۇز شىركەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بەرگەن «ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش» ئېتىراپنامىسى باركەن، ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازار باھاسى ئادەتتىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭكىدىن %30 تىن %50 كىچە يۇقىرىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلار دۆلەتتىن 7 مىليون 740 مىڭ يۈەنگە يېقىن تولۇقلىما ئالغانىكەن. 

تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ساقچى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، دېلوغا چېتىشلىق توققۇز «ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانى» ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا سەل قاراپ، قائىدىگە خىلاپ خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىپ ئارىدىن پايدا ئۈندۈرۈۋالغان، ئۇلارنىڭ قىلمىشى جەمئىيەتكە تامامەن مەسئۇل بولمىغانلىقكەن. نۆۋەتتە، ساقچىلار ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا چېتىشلىق ئالدامچىلىق دېلوسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号