باش بەت

دىل بايان

608يوللانما
63مەستانە

«غەربكە ساياھەت»تىكى چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەرنى بىلەمسىز

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 15:05 24 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 86-يىلى نۇسخىسىدىكى «غەربكە ساياھەت» ھازىرچە باشقا نۇسخىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر كۆپچىلىككە نىسبەتەن فىلىملەردىكى چېنىپ قالغان جايلارنى تېپىشمۇ بىرخىل قىزىقارلىق ئىش بىلىنىدۇ، بىراق بۇ كۆرۈنۈشلەر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كىلاسسىكلىقىغا ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە غەربكە ساياھەتتە تۆت نۇقتىدا چېنىپ قالغان كۆرۈنۈش ساقلانغان، ئەينى ۋاقىتتا فىلىمنى كۆرگەندە بەلكىم كۆپچىلىك دىققەت قىلمىغان بولسا كېرەك.

فىلىم باشلىنىشىدىكى سۇ ۋۇكۇنىڭ سەكرىگەن كۆرۈنىشى، تەپسىلىي قارايدىغان بولسا ئاستىنقى قىسىمدا بىر قاڭقىما كارىۋات كۆرۈنىدۇ، بۇمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سۈرەتكە ئېلىشتا ئىشلىتىلگەن ئالاھىدە ماھارەتلىك جابدۇق.

بۇ ۋاقىتتا قاڭقىما كارىۋات كۆرۈنۈپلا يوقاپ كېتىدۇ، تۆۋەندىكى كەسمە سۈرەتتىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

جۇ باجىيې چىمەنتاغقا كېلىپ، سۇن ۋۇكۇڭنى قايتىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغاندىكى كۆرۈنۈشتە، بىرتوپ مايمۇنلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ كۆرۈنىشى چېنىپ قالغان، تەپسىلى قارىسىڭىز بايقىيالايسىز.

يەنى دەل ئەڭ ئاخىرىدىكىسى، باش قالپىقىنى كىيىۋاتىدۇ.

تۆۋەندىكى ئۇستاز شاگىرتلار شارقىراتمىدىن ئۆتكەندىكى كۆرۈنۈشتىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق مەسىلە باردەك ھېس قىلمىغان.

ئەمدى بىلدىمكى بۇ بىرنەچچە تۈۋرۈك بار ئىكەن، شۇنچە ئېنىق تۇرسا، ئەينى ۋاقىتتا قانداقسىگە كۆرمەي قالغاندىمە؟

ئاياللار دۆلىتىدىن ئۆتكەندىكى قىسىمىدا، جۇ باجىيې رۇجەكتىن سىرتقا قاراۋاتىدۇ، مەسىلىنى بايقىدىڭىزمۇ؟

جۇ باجيېنىڭ بۇرنىغا دىققەت قىلىڭ، رۇجەكتە ئەينەك بارلىقىنى بىلىۋالالايسىز.

بۇ نۇسخا «غەربكە ساياھەت»تىكى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشىمۇ دەل ئورنىغا چۈشكەن، فىلىم گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارمۇ فىلىم ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلغان ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلاد مىراس قالىدىغان ئېسىل ئەسەرلەردىن بىرى. فىلىمدىكى بۇ چېنىپ قالغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بىزگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 187******336 كۈن ئىلگىرى

    سۇرخاننىڭ قوشنىسى، سۇرخان ساقىيىپ كەتتىمۇ ياكى ئۆلۇپ كەتتىمۇ، ئىنكاسلاردا سامسۇڭ غەللىسى قىلىپلا تۇراتتى، ما يېقىندا يوقاپلا كەتتى

  • MR99506 كۈن ئىلگىرى

    ۋۇ چۇڭئېن يازغان بىر چۆچەكنى دەپ بۇ يەردە گەپ تالىشىش بىھاجەت ، ئەينەكنىڭ تەركىبىنى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان بولسا بىلىدۇ ، قۇمنىڭ تەركىبىدىن نېمىدىن ئايرىپ ئالىدىغاننىمۇ بىلىدۇ .

  • ئەركتىگىن6 كۈن ئىلگىرى

    تامۇخورنىڭ ئىنكاسىنىڭ پاكىتى بار، سىلەر تەبىئى ئەينەك بىلەن ئۆزىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەينەكنى ئارىلاشتۇرىۋالماڭلار. تارىخى ماتىرىياللاردا ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى لىق تەبىئى سودا بېسىلغان بىر كىمە ھازىرقى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدا توختاپ دىڭىز بويىدىكى قۇملۇقتا تاماق ئىتىپ يىگەن، ئۇلار قايتاش ئالدىدا ئۆزلىرى تاماق ئەتكەن ئورۇندا پارقىراق بىر نەرسىنى بايقىغان بۇ نەرسە دەل ئەينەك ئىدى، ئۇلار ئىزدىنىش ئارقىلىق تەبىئى سودا بىلەن قۇمنى(ھەرقانداق قۇم ماس كەلمەيدۇ) ئارىلاشتۇرۇپ قىزدۇرغاندا ئەينەك ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەينەك ياساش دۇنياغا كەلگەن ئەمما ئەڭ دەسلەپكى ئەينەكلەر زىننەت بويۇمى، تۇرمۇش بويۇملىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن، ئۆزىنى كۆرۈشكە ئىشلىتىدىغان ئەينەك قەدىمدە كۆرگۈ دەپ ئاتىلىدىغان بۇلۇپ ئاساسەن مىس ياكى پولاتتىن ياسالغان، 14-ئەسىرگە كەلگەندە ۋىنىتسەلىكلەر ئەينەكنىڭ كەينىگە قوغۇشۇننى سىماپتا ئىرىتىپ ھەل بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەينەك كۆرگۈ(سىنئەينەك) ياسايدىغان تېخنىكىنى ئىجات قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ۋىنىتسە ھۆكۈمىتى بۇنى سودىنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىپ، بارلىق ئەينەكچىلەرنى مولۇرا ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان ئارالغا يۆتكەپ، قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى قاتتىق مەخپىي تۇتقان.17-ئەسىرگە كەلگەندە فىرانسىيەنىڭ ۋىنىتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ تېخنىكىنى ئوغرىلاپ دۇنياغا تارقاتقان.

  • قارا كۆز6 كۈن ئىلگىرى

    شۇ ۋاقىتتىكى تېخنىكا شارائىتىدا خېلى ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم، قاندا بولمىسۇن مىنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلرىمغا ھەمراھ بولغان كىنۇدى بۇ، ئۇ ۋاقىتتالادا خېلى كۆپ باللانىڭ ئۆيىدە تېلۋىزۇر يوقتى،بىزنىڭ مەھەللە شۇجىسىنىڭ ئۆيدە كۆرەتتۇق،فىلىم باشلانسا ئۆيىگە بېرىۋالاتتۇق، ھازىر ئويلىسام شۇ بالىلىق چاغلا راستلام بەك گۈزەل.

  • تاماخور6 كۈن ئىلگىرى

    (MR9950) تەبى ئەينەكنىڭ تەركىۋىنى بىلەمسەن . مەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئادەتتە قۇم ئارىسىدا ناھايتى كۆپكەن .
    مەن مىس ئەينەكنى بىلىمەن ، تەلەي يۇلتۇزى پىروگىراممىسىدا چىقىدۇ مۇشۇ توغۇرلۇق ، ئىلگىركى رىۋايەتلەردە بىر توپ كىشلەر دېڭىز بۇيدا قۇم ساڭغۇ توپا ئۈستىگە ئوت يېقىپ تاماق ئىتىپ ئوت ئۆچكەندە قارىسا كۈلنىڭ ئاستىدا سۈزۈك كىرىستال نۇر ئۆتكىزىشچان نەرسە تۇرغانلىقىنى تاساددىبى بايقاپ ئەينەك كەشىپ قىلىنغان دەيدىكەن ، ھازىر بايقالغان ئەڭ قېرى ئەينەك 5مىڭ ياشقا كىرىپتۇ .
    باشقىلارغا رەدىيە بەرگەندە ئاساسنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئاندىن رەدىيە بىرىلى .

  • Ruby1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇ زاماندا توك بولمىسا توك سىمى تارتقان تۈۋرۈك نېمە قىلىدۇ، شۇڭا چېنىپ قالغان كۆرۈنۈش دەيدۇدە

  • ئېكىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    دىسەك چىنىپ قالغان يەرلەر جىق، توققۇز باشلىق قۇرۇتنى تۇتىدىغان قىسمىدا دېڭىز ئاستىدىكى تاشلار ئۇچۇپ ۋۇكۇڭ بىلەن باجىينى قوغلايدۇ، شۇ كۆرۈنۈشلەردە ۋۇكۇڭ، باجىينىڭ بىلىدىن باغلاپ ئۇچۇرغان ئارغامچىلار ئېنىق كۆرۈنۈپ قالىدۇ، بولۇپمۇ باجىينىڭ.

  • سەنۇبەر،1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇ يىللاردىكى كىنوچىلىق تېخنىكا سەۋيىسىگە نىسبەتەن ،خېلى ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە،،

  • sawr1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ كىنونى تاڭ سۇلالىسىدەك ئىشلىگەندەك تالشىپ كەتكىنىنى يىقىندا ئىشلىگەن كىنو بۇ

  • sawr1 ھەپتە ئىلگىرى

    چىنىپ قالغان يەرلىجىققۇ مايمۇن قاندامۇ ئۇچالىسۇن ھا ھا ھا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号