باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

ياڭ مىنىڭ «ئالتۇن بۈركۈت بايرىمى»غا قاتناشقاندىكى نادىر سۈرەتلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 15:35 8 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئاشۇ يىلى ياڭ مىنىڭ قارمىقىدىكى سەنئەتكارلارنى باشلاپ، خۇنەن تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئالتۇن بۈركۈت بايرىمى»غا قاتناشقاندىكى كۆرۈنۈش ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ ئۇچىسىغا ئالتۇن رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان ئۇ چېچىنى تۈرىۋالغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئوماق ھالىتىدىن بىراقلا لاتاپەتلىك ئايالغا ئايلانغانىدى.

يەنە كېلىپ بۇ چاغدا يەنىلا ياڭ مى ئەڭ كۆزنى چاقناتقان بولۇپ، يېنىدىكى نازىنىن قىزلار، كېلىشكەن يىگىتلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇپپا ئەينى ۋاقىتتا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا ئېرىشكەنىدى.

شۇ ۋاقىتلاردا ياڭ مى لى يىفېڭ بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرغان بولۇپ، يەنە تېخى سۈرەتلەرنىمۇ يوللىغان. بىلمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككەيلەننىڭ يەنە ھەمكارىلىشىشىنى كۆرەلەيمىزمۇ-يوق!

شۇ كۈنى ياڭ بەئەينى «چوڭ ئاچا»غا ئوخشاش، ئەڭ ئەتىۋارلايدىغان ئىنى-سىڭىللىرىنى ئېلىپ قىزىل گىلەمدە ماڭغاندەك، تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى.

شۇ كۈنى ياڭ مى ئەڭ گۈزەل بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ياڭ مى بىلەن لى يىفېڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆسەك-سۆزلەرمۇ تارقالمىغان، دىلرابامۇ بۇنچىلىك ئالقىشقا ئېرىشمىگەنىدى.

بىلمىدۇق، ياڭ مى ئەمدى قاچان يەنە بىر قېتىم جياشىڭ شىركىتىدىكى ئارتىسلارنى باشلاپ، قىزىل گىلەم ئۈستىدە ماڭىدىكىن؟


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەلنەزەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇلار نىڭ ئارىسىدا دىلرابا ئەڭ چىرايلىق

  • نۇرسىما1 ھەپتە ئىلگىرى

    دىلراباغا نىمانداق رەڭگى كۆرۈمسىز كۆينەك كەيگۈزۈپ قويغاندۇ، ھىچ بولمىغاندا ئاۋۇ ئوڭ تەرەپتىكى قىزبالىدەك ئوچۇقراق كىيىم كەيمەپتۇ،بۇمۇ بولغىنى چىرايلىق ئادەم نىمىلا كەيسە يارىشىدۇ ئەمەسمۇ بەك يارىشىپتۇ ھەممىسىگە

  • 可爱1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ئوماق دىلرابا ياڭمى چىرايلەق قىزلار غەيرەت قىلىڭلار ،،؟؟،؟؟،؟؟،؟؟،؟

  • خۇشتەبەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياڭ مى بىلەن لى يى فىڭ غا ھازىر نىمە بوپتۇ ؟

  • …………1 ھەپتە ئىلگىرى

    يامغۇر نۇرداش جاۋيوتىڭ ئىسمى يىخۇا ئوبرازى شۇغۇ

  • ئەزىزە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياڭمىنىڭ ئۇستازىنىڭ رولىنى ئالغىنى جاۋيوۋتىڭ ،

  • يامغۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    نۇرداشلار سوراپ باقسام، قايسىڭلا زاماندىن ھالقىغان رىشتە دىگەن كىنودا ياڭمىنىڭ ئۇستازىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسنڭ ئىسمنى بىلىسىلە؟ بىلسەڭلا ياردەم قىلىپ دەپ بەسەڭلا بوپتىكەن

  • تۇرغۇنجان يىگىت1 ھەپتە ئىلگىرى

    دىلرابامو شونچە گۈزەل چىقىپتىغو

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号