باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

كورېيەلىك چولپان ئىتالىيەدىكى مەدەنىيەتسىز قىلمىشى بىلەن تونۇلۇپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 15:54 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۇ يۇتىڭ كورېيەدىكى ئانچە نامى چىقمىغان ئايال چولپان بولۇپ، 13-نويابىر ئىتالىيە ستمارك مەيدانىدىكى ئۆزتارتىم سۈرىتىنى يوللاپ، كورېيەلىك تورداشلارنىڭ تىل ئاھانىتىدە سېپى ئۆزىدىن داڭقى چىققان چولپانغا ئايلانغان.

13-نويابىر ئىتالىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقان سۇ يۇتىڭ INSكە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن. سۈرەتتىكى ئۇ ستمارك مەيدانىدىكى بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە تەئەججۈپ بىلەن قارىغانلىقىغىمۇ پىسەنت قىلمىغان.

ئارقىدىن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش خادىمى سۇ يۇتىڭنى ئەيىبلىگەن. ئۇ ئېلان قىلغان سۈرىتىگە يەنە :«مەن بىر سېكۇنتتىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكنى بىلمىدىم، مەن پەقەتلا بۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇمغىلا باشقۇرغۇچىلار مېنى تىللاپ كەتتى، قورققىنىمدىن قېچىپ كەتتىم»، دېگەن. بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ «بىچارىلەرچە تۇرقى» تورداشلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، سانسىزلىغان ئەيىبلەش سۆزلىرىگە ئۇچرىغان. كۆپلىگەن تورداشلار ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى دۆلەتكە كەلتۈرگەن ھاقارەت دەپ قاراپ، بەس-بەستە ئەيىبلەپ: «پۇلى بار، ۋاقتى بار تۇرۇپ، ياۋروپاغا بېرىپ ئويناشنى بىلىدىكەنيۇ، ئەڭ ئەقەللىي قائىدە-يوسۇننىمۇ بىلمەيدىكەن»، «تولا يۈزىمىزنى تۆكمەي، ئەڭ ئەقەللىي قائىدە-يوسۇنغا رىئايە قىلىپ قويۇڭ، بولامدۇ؟» دېيىشكەن.

ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ستمارك مەيدانى ئىتالىيە ۋېنتىسيەدىكى ئەڭ داڭلىق سەيلىگاھ بولۇپ، 9-ئەسىردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1177-يىلى كېڭەيتىلگەن. 1797-يىلى ناپالېئون بۇ مەيداننى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەيدان، دەپ مەدھىيەلىگەن.

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە قارىتا، سۇ يۇتىڭ دەرھال سۈرەتنى ئۆچۈرۋېتىپ، قايتىدىن ئەپۇ سوراپ، بەكلا يىنىكلىك قىلىپتىمەن، كەڭ خەلق ئاممىسىدىن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن، ئىش قىلغاندا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولىمەن، دېگەن. بىراق تورداشلار يەنىلا غەزىپىنى باسالماي، ئاۋۋالقىدەكلا ئۇنى كورېيە دۆلىتىگە ھاقارەت كەلتۈردى، دېگەن.

سۇ يۇتىڭ بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1996-يىلى MBCنىڭ «ئالتۇن پەي» (黄金羽毛) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن بۇ ساھەگە قەدەم قويۇپ، ئارقىدىن خېلى كۆپ تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرىدا رول ئالغان. بىراق ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردىكى ئارتىسلاردىن بولالمىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھىنشاھ1 ھەپتە ئىلگىرى

    ساپاسى بولمىسا ھەممسى نۆل

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号