باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

ئەنگلىيەلىك ئەر-ئايال بارلىق بىساتىنى سېتىپ بالىلىرى بىلەن ساياھەت قىلماقچى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 17:25 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئەنگلىيەلىك ئەر-ئايال كېررى بىلەن جوئې سىمىس ئارقا-ئارقىدىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ شۇنداقلا بارلىق بىساتىنى سېتىۋېتىپ، بىر جۈپ ئوغۇل-قىزىنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.

ئاتا-ئانا بولغاندىن كېيىن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئاياغلاشمايدىغانلىقنى ئىسپاتلىماقچى بولغان بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال قانداق قىلىپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، بارلىق بىساتىنى ساتماقچى بولغانلىقىنى يەنە تېخى يېشى كىچىك بىر جۈپ بالىسىنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىش جەريانىنى بايان قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «خاتا چۈشىنىپ قىلىش» ياكى «ئاۋۋال دېگەننى ئاساس قىلىش قارىشى» بىلەن ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن ساياھەتتىن ۋاز كېچىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانا بۇ قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. ئۇلار بىر قاتار پائالىيەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، 2018-يىلى 4 ياشلىق ئوغلى ۋە 2 ياشلىق قىزى بىلەن بىرلىكتە  لاپلاندقا بېرىپ، روژدېستۋو بوۋاينى كۆرۈش ھەمدە فىجىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشتەك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. باشقا پىلاندا يەنە تېخى ئاپتوموبىل ئۆي بىلەن ساياھەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دېسنىي باغچىسىدا پۇخادىن چىققۇچە ئويناش ھەمدە ياۋروپا يۇلتۇزىغا بېرىش قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇ ئەر-ئايال ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا تونۇشقان بولۇپ، ئۇلار بىر قىسىم دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئۆي ۋە ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ، دۇنيانى ئايلىنىش ئويىنىڭ پۈتۈنلەي «ئەقىلدىن ئازغانلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلار بىلوگىغا: «بىزنىڭ ئىللىق ئۆيىمىز، چىرايلىق ماشىنىمىز ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىمىز بار، بىراق يېتەرلىك ۋاقتىمىز يوق»، دەپ يازغان. ئۇلار يەنە ئاساسلىق نىشانىنىڭ «كىچىك ئېكسپېدىتسىيىچىلەرگە ماس كېلىدىغان تەۋەككۈل ھەرىكىتىنى تېپىش» ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەلۇم جايدىكى چەكلىمە ياكى بولمىسا ئەزەلدىن كىچىك بالىلار بىلەن ساياھەت قىلىشنى سىناپ باقمىغانلىقى بىلەن نۇرغۇن گۈزەل شەيئىلەردىن مەھرۇم قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار كىچىك بالىلار بىلەن بىرلىكتە ساياھەت قىلىشتا نۇرغۇنلىغان تاللاشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇلار كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ساياھەت ئورۇنلىرىغا بارىدىغان بولۇپ، شۇ ئورۇنلار ئازادە ياتاق ۋە بالىلار پائالىيەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بالىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى چۈشىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە بۇ ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号