باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

ياپونىيەدە ئەزا كۆچۈرۈش قانۇنى يولغا قويۇلغان 20 يىلدا ئاران %10 ئادەم ئەزا تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 17:02 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىراۋا قاتارلىق يازمىچە ھۆججەتلەردە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەزاسىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران %10نى ئىگىلىگەن، بۇ نىسبەت بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇنقى ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئوخشاشكەن. 

«ئەزا كۆچۈرۈش قانۇنى» يولغا قويۇلغىلى ھازىرغىچە 20 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەزكۇر قانۇننىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئانچە بەك تەسىر قىلمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەزا كۆچۈرۈشنى ساقلاپ تۇرغان بىمارلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەزا تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئازكەن، بۇ ئەھۋال ياپونىيەنىڭ ئەزا كۆچۈرۈپ داۋالاش ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان.

ياپونىيە داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋازارىتى مۇنداق دېگەن: «بىز ئاممىغا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىمىز، ئۇلار ئۆزىنىڭ پىكىرىنى يازمىچە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ». ئالدىنقى قېتىملىق تەكشۈرۈش 8-ئايدىن 9-ئايغىچە يۈزتۇرانە سۆھبەت شەكلىدە قانات يايدۇرۇلغانىكەن. 18 ياشقا توشقان 1911 ئادەم ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. 13-نويابىر ئىچكى كابىنېت تور بېكىتى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى قىسقىچە ئېلان قىلغان. 

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يازمىچە ئىنكاس يازغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %12.7 كەن، بۇ نىسبەت 2013-يىلدىكى %12.6 لىك نىسبەت بىلەن پەرق قىلمىغان. بىراق بۇ تۈزۈمدە، يازمىچە ئىنكاسقا «تەقدىم قىلىشنى خالىمايمەن» دەپ يازغان تەقدىردىمۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئەزاسىنى ئىشلەتسە بولىدىكەن. بىراق بۇ قېتىمقى ئەل رايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، مۇبادا يۇقىرىقىدەك قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلىنىپ قالسا قانداق قىلىدىغانلىقى سورالغاندا، «خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگۈچىلەرنىڭ سانى %50 تىن ئېشىپ كەتكەن. 

يازمىچە ئىنكاسقا خالىمايمەن دەپ يازغانلارنىڭ سانى سەككىز ئۈلۈشتىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىغۇدەك سەۋەبلەر «ياخشى ئويلاشمىدىم» (%25.4) ۋە «قارشىلىشىش كەيپىياتى بار» (%19.9) كەن. 

ئەزا تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈش ھەققىدىكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم ئادەم ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئۆيىدىكىلەر بىلەن بۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشىپ باققانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئۆيدىكىلەرنىڭ يازمىچە ماقۇللۇقىغا ھۆرمەت قىلىمەن» دېگەنلەرنىڭ سانى %90 كە يېقىنلاشقان. 

ئەزا كۆچۈرۈش ۋە ئەزا تەقدىم قىلىش جەھەتتە كېلىشتۈرۈش رولىنى ئۆتەۋاتقان «ئەزا تەقدىم قىلىشنى خالاش كارتىسى» تور بېتى ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، ياكى پىراۋا قاتارلىق يازما ھۆججەتلەردىمۇ ئەزا تەقدىم قىلىشنى خالاش-خالىماسلىققا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بىراق بۇ قېتىمقى ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر %50 ئەتراپىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号