باش بەت

چالىقۇش

983يوللانما
154مەستانە

خوتۇنى خىزمەتتە ئۆسسە، ئەرلەر نېمە ئۈچۈن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالىدۇ؟

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 17:30 7 ئىنكاس چۈشتى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى:

خوتۇنىنىڭ شەرەپ بىلەن شىركەت دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى ئۆزى بىلەن بىر شىركەتتە ئاددىي خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغان ئېرىگە چوڭ بىر زەربە بولدى، ھەربىر قېتىم نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئاينى ئوراپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك خوتۇنى ئەتراپىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدا كۈچلۈك كىرىزىس ئېڭى پەيدا بولاتتى. ئۇ گۇمانلىنىش ۋە شەخسىيەتچىلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاچقا، ئەسلىدە ئىناق بولغان نىكاھىدا كىرىزىس كۆرۈلۈپ، خوتۇنى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. يىراقلاشقانسېرى ئۇنىڭدىكى گۇمان ۋە ئېسەنكىرەش ئېغىرلىشىۋاتاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟

خوتۇنى ئۆستۈرۈلسە، ئېرى گۇمانخور، تەشۋىشچان بولۇپ قالىدىغان بۇ خىل پىسخىكىلىق ھادىسە «خاتا تۇيغۇلۇق تەشۋىشلىنىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇھەببەتكە نىسبەتەن ئىشەنچى كەمچىل ياكى ناھايىتى ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ياكى ئامالسىزلىقتىن ياخشى كۆرىدىغان كىشلەردە ئاسانلا «خاتا تۇيغۇلۇق تەشۋىشلىنىش» كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل «پىسخىكىلىق مەخپىيىتى» بار كىشىلەر قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا دائىم بۇ خىل تەشۋىشلىنىشنى يوشۇرۇپ، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. لېكىن، باشقىلار ناھايىتى نورمال دەپ تونۇغان نەرسىلەرنى ئۇلار يوشۇرىدۇ ياكى قورقىدۇ. ئۇلاردا بىر خىل زىددىيەتلىك ئىش-ھەرىكەتلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: قارشى تەرەپ بىلەن بىللە مەلۇم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن قورقىدۇ ھەم مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ.

  بۇ خىل گۇمانخورلۇق، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىدىغان ئۈچ خىل ئۇسۇل بار:

1. ئۆزىڭىز گۇمانلىنىدىغان، تەشۋىشلىنىدىغان ئىشنى ئوچۇق، ئايدىڭ قىلىۋېتىڭ. شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ قۇرۇقتىن-قۇرۇق گۇمانلانغان ۋە تەشۋىشلەنگەنلىكىڭىزنى بىلىپ قالىسىز. ئەگەر قارشى تەرەپتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىشىڭىز ئۈستىدە قايتا-قايتا ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرسىڭىز، بۇ خىل زۆرۈرىيىتى بولمىغان پىسخىكىلىق يۈكتىن قۇتۇلىسىز؛

2. قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلىڭىزنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بەزىدە تۇتامىغا چىقمايدىغان كىچىك ئىشلار سىزدە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق كىچىك ئىشلار بىخلىنىپ قەلبىڭىزدە تۈگۈن پەيدا قىلىدۇ ھەم ئاسانلا خاتا ھۆكۈم قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ. قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تونۇپ يېتىڭ، شۇندىلا مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىڭىزنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك قورقۇنچنى يېنىكلىتەلەيسىز.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان

مەنبەسى: http://uy.ts.cn/system/2017/11/14/035036015.shtml

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايتېكىن5 كۈن ئىلگىرى

    رەجەپ توپاق لەقىمىڭىزگە تۇشلۇقلا تەپەككۇر قىلىدىكەنسىز…

  • رەجەپ توپاق6 كۈن ئىلگىرى

    شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس،ئاياللاېنىڭ خىزمەتتە ئۈسۈشى ئۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ كۈزى چۈشكەنلكى ياكى ھۇقۇق ئۈچۈن بەدەل «بەدەل تۈلىگەنلىكىنىڭ »ئىپادىسى دەپ قارىساق تامامەن بۇلىدۇ،ھەقىقەتەن قابىيلتى بولسا ئايرىم ئەھۋال لىكىن بۇ نىسپەت بەك ئازسانلقنى ئىگىلەيدۇ،مىنىڭ بېشمدىن ئۈتۈلگەن ئىشلار ماۋۇ،ئەرلەر يۇمشاق باش بولسا ئاياللار ھۇقۇقدار بۇلىدۇ

  • 荒漠儿子1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇڭا ئەرلەر ھەرقايسى جەھەتتىن ئۆزىدىن ئۈستۈن ئاياللار بىلەن ئىمكانقەدەر ئۆي تۇتماسلىقى كىرەك،بۇ ئاللىبۇرۇنلا ئىسپاتلانغان ھەقىقەت،بەزىبىر يۇمشاق ئەرلەر ئۇنىڭ سىرتىدا،،،،،
    چۈنكى بۇ تەبىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك قائىدىسى،،،،،

  • دىلبىرىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    يولدىشىمغا ئوقۇپ بەرمىسەم پەقەت بولمىدى،ئورۇنسىز كۈنلەشلىرى توختايدىغان بولدى.رەھمەت تەھرىر،ناھايىتى ياخشى مەزمۇنكەن،

  • بايشەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    توغرا تەپەككۇر قېپسېز ئايالېڭېزنېڭ مائاشې ئوسسە ھەممېسنېڭ ئوسېدۇ غەم قېلېش ھاجەتسېز ئەمما خېزمېتې ئوسسە قايسې بشلېق ئوستۇرگەندۇ مېنېتاشلاپ كېتەمتېكې دەپ ئەنسېرەپ قالېدۇ شۇ

  • man0991 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسمى جىسمىغا لايىق ھاماقەت ئىكەنسىز

  • ھاماقەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ھەقىقەتەن راس ئىشكىن جۇمۇ ، يىقىندا ئايالىمنىڭ مۇئاشى ئۆسكەنتى ،تىشىمدا خوش بولغىنىم بىلەن ئىچىممدە بىر خىللا بوپ كەتتىم زادى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号