باش بەت

چالىقۇش

983يوللانما
154مەستانە

ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئايالى باشقىلارغا ئەمەس، ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 17:39 4 ئىنكاس چۈشتى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى:

نۇرغۇن ھاللاردا مۇنداق مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز: ئېرى سىرتقا قاراپ قالسا، ئاياللار قاتتىق ئازابلانغان ھالدا پىسخىك مەسلىھەت ئورنىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى ئېرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىش.

ئاياللار ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ ھەم پىسخىكا دوختۇرىدىن «مېنىڭ ئېرىم نېمە ئويلايدىغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن ئېڭىدا ئېرىنى ئەيىبلەيدۇ ھەم ئېرىدىن گۇناھىنى بوينىغا ئېلىشنى كۈتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، نىكاھ بىر تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. يېرىق بولغاندىن كېيىن 3-شەخىسنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ماجىرالار، يەنى ھېسسىياتنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشنىڭ كەمچىللىكى، كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلارغا بەك ئېسىلىۋېلىش، بالا تەربىيەلەشتە بىردەكلىك بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبلەر كىمنىڭدۇر مەسئۇلىيىتى ئەمەس.

ئۇنىڭدىن باشقا، «ئېرىم نېمە ئويلايدىغاندۇ» دەيدىغان ئاياللارنىڭ ئېرى بىلەن بولغان قەلب رىشتىسى چوڭقۇر ئەمەس. «ئېرىم نېمە ئويلايدىغاندۇ»لىقىنى پىسخىكا دوختۇرىدىن سوراش ئاقىلانىلىك ئەمەس، چۈنكى پىسخىكا دوختۇرى ئۇنىڭ ئېرى ئەمەستە، يەنە كېلىپ دوختۇر ئۇنىڭ ئېرىنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى قانداق بىلسۇن؟ چەت ئەللەردە مۇنداق پىسخىكا مەسلىھەتىگە خوتۇنى يالغۇز كەلسە، دوختۇر ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. چوقۇم ئەر-ئايال بىللە كېلىشى كېرەك.

ئەگەر خوتۇنى جاھىللىق بىلەن ئېرىنىڭ «نېمە ئويلايدىغان»لىقىنى بىلمەكچى بولسا، ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆيگە قايتىپ ئېرىنى داۋاملىق «سوراق» قىلىۋەرسە، بەلكىم يالغان راستقا ئايلىنىپ، ئېرى راستلا باشقا بىر قىز بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر خوتۇنى ئېرى بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشسە، ئېرىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەيىبلىمىسە، ئەپۇچانلىق بىلەن ئېرىنى قوبۇل قىلسا، بەلكىم ئىشلاردا زور ياخشىلىنىش بولۇشى مۇمكىن.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

پىراكتىكانت سۈرىيە راشىدىن تەييارلىغان 

مەنبەسى: http://uy.ts.cn/system/2017/11/14/035036191.shtml

باش سۈرەت تاللاش x
  • @يىگانە@6 كۈن ئىلگىرى

    كۆڭلى بۆلۈنگەن ئادەمنىڭ تۈزەلمىكى بەك بەك بەك تەسكەن،مەنمۇ ئالتە-يەتتە يىل بولدى مۇشۇ دەرتنى تارتۋاتقىلى،ئازراق ئوڭشىلىپ قالغاندەك تۇرغىنى بىلەن يەنلا ئۆزىنىڭ قىلغىنى قىلغان ،ئۈچ بالام ئۈچۈن چىداپ كېتىپ بارىمەن،
    ۋەدە بېرىپ بۇنىڭدىن كىين ئۇنداق قىلمايمەن،قالايىيمقان خوتۇنلار بىلەن ئارلاشمايمەن دىگنى بىلەن ئەمەل قىلالمايدىكەن،مەنمۇ ھازىر ئىشەنمەيدىغان بوپ قالدىم،تېلېفونغىمۇ مىما سەپ قويىدۇ،
    چوڭلارنىڭ ئېرىڭغا ئىشەنگۈچە ئىشكىڭنىڭ ئىلغۇرغا ئىشەن دىگەن گېپى ئنتايىن توغىرىكەن،

  • لەيلا1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچىمۇ بەم توغرا،كۆڭلى بۆلۈنگەن ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغىننى توغرا دەپ ئويلايدۇ،ھەم باناسى تولا

  • نازىلە31 ھەپتە ئىلگىرى

    ئايتىكىنگە بىر بىلەت كەتتى !

  • ئايتېكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئېرى تالاغا قاراپ قاپغان ئاياللارغا ھەرگىزمۇ ئېرىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىڭ ،كەچۈرۋېتىڭ،بالىلار ئۈچۈن بولسىمۇ دەپ نەسىھەت قىلمايمەن،ھەقىقى كەچۈرۈش مۈمكىن ئەمەس،يۈرەكتە داغ قالىدۇ،ئۇرۇش جېدەل يەنىلا تۈگىمەيدۇ،ئۇنىڭدىن بىر ياقلىق بولۇپ قۇتۇلغان ئوڭ،چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ،دەرت تارتىپ ئەلەم بىلەن ياشىغاندىن ۋاقتىنى ئۆزىگە ،بالىسىغا قارىتىپ ئۇنتۇيدىغاننى ئۇنتۇپ خوشال ياشىغۇلۇق …

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号