باش بەت

دىل بايان

608يوللانما
63مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن 10 كومېدىيەلىك فىلىم

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:00 30 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

1. يېڭى «غەربكە ساياھەت» __ ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ ئۆيلىنىشى (大话西游之大圣娶亲): بەلكىم، گۆدەكلىكىڭلاردا ھەممىڭلار بۇ فىلىمنى ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدە قوپال چىققان دەپ ئىچىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى كەمستىكەن بولۇشىڭلار مۇمكىن، بىراق ئىشىنىمەنكى، چوڭ بولۇپ ھاياتتىكى نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئارزۇ قىلغانغىلا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكىنىڭلاردا، ئاندىن تەبئىيلا بۇ فىلىمنى چۈشىنىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا يېڭى «غەربكە ساياھەت» __ ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ ئۆيلىنىشىنى ئەڭ كومېدىيەلىك چىققان فىلىم ئىكەنلىكىنىمۇ تونۇپ يېتىسىلەر.

2. ئالۋاستىلار كەلدى (鬼子来了): بۇ فىلىم گەرچە 10 كومېدىيەلىك فىلىم تەرتىپىگە تىزىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەتلا بىر كومېدىيەلىك فىلىملا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن، يەنى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىۋاستە كۆرسىتىپ بەرگەن فىلىم.

3. مودا دەۋرى (摩登时代): بۇ فىلىم ئامېرىكا كىنو-فىلىم تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىلىملەرنىڭ بىرى، يەنە كېلىپ چاپلىننىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى. كومېدىيەلىك 10 فىلىم رەت تەرتىپىدىكى مودا دەۋىر ھەقىقىي مەنىدىكى داڭلىق ئەسەر.

4. شەھەر نۇرى (城市之光): «شەھەر نۇرى» چاپلىننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئاۋازسىز كىنوسى، يەنى چاپلىننىڭ كىنوچىلىق سەنئىتىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسىرى. نۆۋەتتە، «شەھەر نۇرى» ئامېرىكا دۆلەتلىك كىنو-فىلىم قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن فىلىمنىڭ سەنئەت قىممىتىدىكى نەتىجىسنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

5. ئۈچ ئەخمەق (三傻大闹宝莱坞): «ئۈچ ئەخمەق» گەرچە بىر كۈلكىلىك فىلىم بولسىمۇ، بىراق رېژىسسور ۋە سىنارسىت يۇمۇرلۇق ھەجۋىي قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەرخىل مەسىلىلەرنى ئېچىپ بەرگەن. مەسىلەن: ئۆلۈۋېلىش، باي-نامراتلىق پەرقى، مال-دۇنياغا چوقۇنۇش... فىلىمدە ئوخشىمىغان كۆرۈنۈشلۈك سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن يۇقارقىدەك مەسىلىلەر مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىنغان. شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىمۇ زور دەرىجىدە نامايەن قىلىنغان، چەكسىز سەمىمىي ھېسسىيات، كۈلكە، كۆز يېشى ۋە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ سىزنى گاھىدا كۈلدۈرسە گاھ تەسىرلەندۈرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ.

6. يېڭى «غەربكە ساياھەت» __ ئاي نۇرى گۆھەر قۇتىسى (大话西游之月光宝盒): غەربكە ساياھەت توغرىلىق گەپ بولۇنغاندا، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى جۇ باجيېنىڭ كاۋچۇك بىلەن قىلىنغان قورسىقى ۋە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ تەبئىي بولمىغان تۈكلۈك يۈزى، بۇنىڭدىن يېڭى «غەربكە ساياھەت»نى ئەسلەپ قالىسىز. سېھىرلىك ئەينەكتىكى قورقۇنچلۇق پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى، ئەينەكنىڭ سىرتىدا ئاق ۋە سۈزۈك، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈۋالىدۇ.

7. قەھرىمان ھەيكىلىنىڭ تەرجىمىھالى (射雕英雄传之东成西就): بۇ بىر كومېدىيە ئېلىمېنتى ناھايىتى يۇقىرى فىلىم. فىلىمدە گۇمپا فىلىملىرىگە تىرەك بولغان مەلۇم ئىدىيەلەر ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. فىلىمدىكى غوجايىنىڭ ھەرىكىتى ھەقىقىي ئەمەس بەلكى ئارزۇ. فىلىمنىڭ خاتىمىسىدە مەغلۇب قىلىنغىنى گۇمپا شاھى بولماستىن بەلكى مەۋھۇم ئەۋلىيالار.

8. كارپ دېڭىز قاراقچىلىرى (加勒比海盗): بىرنەچچە دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئاداۋىتى سۆزلىنىدۇ، باشقا بىر دېڭىز قاراقچىسى جېكنى ئارالغا تاشلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ «قارا مەرۋايىت»ىنى دېڭىز قاراقچىلىرى ئالداپ ئېلىپ كېتىدۇ. بابوسا كاپىتان ئاي نۇرى ئاستىدا ئىسكىلىتقا ئايلىنىدىغان ئەپسۇننى يېشىدىغان ئالاھىدە بىرنەرسىنى ئىزدەيدۇ، تۆمۈرچى ۋېل ئەمەلىيەتتە دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئوغلى، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ، پەقەت كىچىك ۋاقتىدىكى «تەۋەررۈك»نى كۆڭلىدىكى ئادەمگە سوۋغا قىلىۋىتىدۇ.

9. The Gods Must Be Crazy上帝也疯狂: بۇ بىر مىكرو كومېدىيە فىلىمى، كۈلكىدىن كېيىن ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، مىڭ ئوقۇرمەننىڭ مىڭ خامېلىتى بولىدۇ. فىلىممۇ دەل مانا مۇشۇنداق.

10. رەزىل مەن (神偷奶爸): فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن ئىجادچانلىققا ئىگە ۋە ناھايىتى ئاددىي، كۆرۈنۈشلىرى قىزىقارلىق. فىلىمدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئۈچ بالىنىڭ قانداق قىلىپ بىر ئەبلەخنىڭ دىققىتىنى چېچىش ۋە ئۇنىڭغا ئاينى ئوغرىلاشتىنمۇ يامانراق ۋە مەنىلىك ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۇنداق ئىشلار بۇپ تۇرىدۇ5 كۈن ئىلگىرى

    @13...133@تورداش سىز دىگەن كورىيە كىنوسىنى يۇكۇدىن كۆرگىلى بۇلامدۇ ئىسمىنى نىمە دەپ كىرگۈزسەم بۇلىدۇ

  • ئاق باش6 كۈن ئىلگىرى

    تەڭرىنىڭ كۈلكىسى،تەڭرىنىڭ غەزىپى دېگەن كىنومۇ بەك قىىززىق

  • بەيدۇللا6 كۈن ئىلگىرى

    ئافرىقىغا قايتىش دەپ بىر كىنو با ئۇمۇ بەك قىززىق

  • قەيسەر راخمان6 كۈن ئىلگىرى

    大话西游之大圣娶亲 بۇرۇن بىر كۆرگەنىدىم. ئۇ ۋاقىتتا تولىمۇ تايىنى يوق كومىدىيە فېلىمىدەك بىلىنگەن ئىدى. بايا يەنە بىر كۆرۈپ چىقتىم. بۇ كىنو كومىدىيە ئارقىلىق ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى يۇشۇرۇن رەۋىشتە ھېس قىلدۇرىدىكەن. فېلىمنىڭ ئاخىرىدىكى ئاشۇ مۇڭلۇق ،ئىسىل ناخشا بىلەن بىرلەشكەن كۆرۈنۈشلەر ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلتۈرىدىكەن. جۇشىڭجىنىڭ كىنوسىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقىتلىرىمدا ماڭا بۇنىڭ كىنولىرى بەك لاۋزا بىلىنەتتى. ھازىر بىلدىم جۇشىڭجىنىڭ كىنولىرى ئاشۇ كومىدىيەلىرى ئارقىلىق ئادەمگە ئاجايىپ بىر پەلسەپە سۆزلەپ بېرىدىكەن، خۇددى ئەدەبىياتتىكى مۇدىرنىزىم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان ئەسەرلەردەك.
    بۇ فېلىمنىڭ دوۋبەندىكى نۇمۇرىمۇ 9.2 كەن.

  • 133******136 كۈن ئىلگىرى

    كورىيە ھىكايە فىلمى (ھەر ئىش ئادەمگە باغلىق)

  • ئايتېكىن6 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ سېرىقچاقلارنىڭ مەستانىسى،قىزلىرىم بىلەن تەڭ كىنوسىنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرىمىز

  • تولۇنئاي6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ ئىككى يېرىم ياشلىق ئوغلۇم رەزىل مەن دىكى سېرىقچاقلارنىڭ مەستانىسى

  • 嘻嘻哈哈6 كۈن ئىلگىرى

    گۈللەلانىڭ دىگىنى شۇ تىزىملىكتىكى ئالۋاستى كەلدى دىگەن كىنو

  • A K ~~+~~ 4 76 كۈن ئىلگىرى

    ئاي نۇرى گۆھەر قۇتىسى بىلەن سۇن مايمۇننىڭ ئۆيلىىنىشى بىر كىنو ئەمەسما

  • sarang bora6 كۈن ئىلگىرى

    يەنىلا دەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن ئىشخانىدىكى ئىشلارغا يەتمەيدو

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号