باش بەت

كىنوچى

33يوللانما
9مەستانە

«چاقماق ئىلاھى3» نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 17:48 4 ئىنكاس چۈشتى

   نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى بېلەت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «چاقماق ئىلاھى3» قويۇلۇپ ئىككىنچى ھەپتىسى يەنە 271 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن ھەمدە يەنە بىر قېتىم ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى چېمپىيونىغا ئايلانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 633 مىليون يۈەنگە ئېرىشكەن.

«چاقماق ئىلاھى» نىڭ بۇندىن بۇرۇنقى 2 بۆلىمىگە سېلىشتۇرغاندا، «چاقماق ئىلاھى3» زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، «چاقماق ئىلاھى» 2011-يىلى دۆلەت ئىچىدە قويۇلغاندا پەقەت 97 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن. «چاقماق ئىلاھى2» بولسا 342 مىليون يۈەنلىك بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە، «چاقماق ئىلاھى3» نىڭ بېلەت كىرىمى ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمنىڭ بېلەت كىرىمى يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

ئۇندىن باشقا، «چاقماق ئىلاھى3» نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بېلەت كىرىمى بۇ يىل قويۇلغان يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىنو «سىرلىق ئايال پالۋان» نىڭ بېلەت كىرىمىدىن (610 مىليون يۈەن) ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەپتە «سامانيولى قوغدىغۇچىلار ئەترىتى2» نىڭ بېلەت كىرىمىگە (686 مىليون يۈەن) يېتىشىۋېلىشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • پولات-1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنە ئاخىرى چىقمايلا تۇگۇدى … 4-بولۇم بادەك قىلدۇ …

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىساسكارلا ئىتىپاقى 2بۆلۈم چىقىپ بولدى ،،،پۇلات پالۋان 3بۆلۈم چىقىپ بولدى ،،،،ئامرىكا كاپىتانى 3بۆلۈم چىقىپ بولدى ،،، خوك 2بۆلۈم چىقىپ بولدى ،،، چاقماق پالۋان 3بۆلۈم چىقىپ بولدى ،،،قاغانلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم ،

  • نادىرە1 ھەپتە ئىلگىرى

    زادى نەچۋە بۈلۈم كىنۇ بۇ قىساسكارلار ئىتتىپاقى

  • kapsiz09031 ھەپتە ئىلگىرى

    خوك بىرخىل ئاخساغۇ ھېي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号