باش بەت

durdana

1071يوللانما
58مەستانە

پىسخىكىلىق نەزەرىيە-ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ نەزەرىيىسى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 18:40 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا IBM پۈتۈن دۇنيا سودا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا 10 يىللارچە ئاياللارنىڭ مودا خاھىشىنى ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئىقتىساد ياخشى بولماي دولقۇنلىنىۋاتقان مەزگىلدە مودىنى قوغلىشىدىغان ئاياللار ھەمىشە ئاياغنىڭ ناھايىتى ئېگىز پاشنىلىقىنى تاللىغان، ئۇچلۇق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ، تۇتاش پاشنىلىق ئاياغ دېگەندەك. 20-ئەسىردىكى ئىقتىسادىي كىرزىس دەۋرىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ تۆۋەن پاشنىلىق ساندال، تۆۋەن پاشنىلىق مەلىكە ئايغىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئىقتىساد سەل تۇراقلىشىپ، تۇرمۇش ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن راھەت، ئازادە تۇرىدىغان ئاياغلارنى تاللاشقا كۆنگەن. International Business Machines نىڭ ئىستىمال مۇتەخەسسىسى Trevor Davis نىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت كىرزىسى، تور مازغىپى دەۋرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن شۇنى بايقىغانكى، ئىقتىسادىي ئەھۋال ياخشى بولمىغاندىلا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ مودا بولىدىكەن، ئىقتىساد تۆۋەنلىگەنچە، ئاياغ ئېگىزلەيدىكەن.

بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى ئىستىمالچىلار ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ رېئاللىقتىن قاچماقچى بولىدىكەن، ئۆزىنىڭ خىيالىدىكىدەك ماكان ھازىرلىماقچى بولىدىكەن. ئىقتىساد ياخشى ئەمەس ۋاقتىدا بەلكىم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئىستىمالچىلار قارىماققا ھەشەم، كۆزنى چاقنىتىدىغان مودا ئاياغلار بىلەن رېئاللىقتىن قېچىشنى، خىيالىدىكى ھەشەمەتلىك تۇيغۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، كۆڭلىدىكى خاتىرجەمسىزلىكنى تولدۇرسا كېرەك. ئىقتىسادى شارائىت ياخشىلانغاندىن كېيىن ياكى «يېمەكلىك ۋە كىيىمنى قىسىش» پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بۇنداق ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن.

ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ نەزەرىيىسى ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ مودا يۆنىلىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى يۆنىلىش نەزەرىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاياللار ئەينى ۋاقىتتا ئاياغنى قانچە ئېگىز كىيىۋالسا ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ شۇنچە ناچارلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن، تۆۋەن پاشنىلىق ئاياغقا مايىللارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى نىسبەتەن ياخشى ئىكەن.

ئاياللارنىڭ «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى»

ئىسپاتلىنىشىچە، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئىجادچىسى لۇيىس 14 بولۇپ، بويى 1.56 مېتىر بولغان بۇ فىرانسىيەلىك پاكار پادىشاھ ئۆزىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ ھەم يوغان كۆرسىتىش ئۈچۈن موزدوزلارغا پاشنىنى ئېگىزلەتكۈزگەن، شۇنداق قىلىپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ مودا بولۇپ كەتكەن. ھازىر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاللىقاچان ئاياللىقنىڭ بىر تۈرلۈك سىمۋولى بولۇپ قالدى، پاشنا قانچە ئېگىز بولسا ئادەمنى شۇنچە «مەپتۇن» قىلىدۇ دەپ قارالدى.

بەزىلەر يەنە شۇنداق دەيدۇ، ئاياللارنىڭ ئايىغىنىڭ پاشنىسىنىڭ ئېگىزلىكى قەلبىدىكى ئىستىكى بىلەن نىسبەتلىشىدۇ، تەيۋەنلىك چولپان كىچىك ئېس ئىلگىرى بىر تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمىسەم بىخەتەرلىك تۇيغۇم پەقەتلا يوقاپ كېتىدۇ.» قارىغاندا پۇللا بىر ئادەمنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالمايدىكەن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىكەن. بۇ نېمىشقا؟ ئاياللار دائىم شۇنداق ئويلايدۇ، مېنىڭ پۇلۇم بولمىسىمۇ لېكىن مەن چىرايلىق ياسىنىمەن، ئۆزۈممۇ چىرايلىق بولىمەن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ داڭدارلاردەك تىكىسلاپ ماڭىمەن.... ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللارغا روھىي جەھەتتىن خوشاللىق ۋە تەسەللىي ئەكىلەلىگەن.

ئاياللار، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئىقتىساد

ئىقتىساد چېكىنگەن دەۋردە ھەشەم بۇيۇملار، ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج ۋە ئىستىمالچى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما تۇرمۇشقا زۆرۈر نەرسىلەر يەنىلا ئۇنداق ئەمەس. ئىقتىسادىي كىرزىس دەۋرىدە ئۆي-مۈلۈك كەسپى راستتىنلا بىر ئاپەت بولىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كەسىپنىڭ تەلىيى كېلىدۇ. پۇقرالار، ئىشچىلار قاتلىمىنىڭ كىرىمى ئازلاپ، ئۆي ئېلىشقا، ماشىنا ئېلىشقا پۇلى يەتمەي قولىدا ئېشىنچە پۇل قېلىپ قالىدۇ، بۇ پۇللارنى خىزمەت بېسىمى يۇقىرى بولمىغان ۋاقىتتا ئائىلە سايمانلىرى، كىيىم، ئاياغ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىشقا ئىشلىتىدۇ. ئاياللارمۇ بۇنداق چاغدا كەچكىچە ئۇيان-بۇيان چېپىپ ھېرىپ، گىرىمسىز، پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن گىرىمنى خالىغانچە قىلىپ، ئاياغ پاشنىسىنى خالىغانچە ئېگىزلىتىپ كىيىدۇ.

ئىقتىساد ۋە ئىستىمال

ئىقتىسادى تۆۋەنلەر ئەلۋەتتە ئىستىمال چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، لېكىن ئامېرىكىدا ئىقتىساد تۆۋەنلىگەن دەۋردە ھوللىۋودنىڭ فىلىملىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان. ئامېرىكلىقلار قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى بىلەن جان ساقلىسىمۇ، كىيىم ۋە يېمەكلىكىنى قىسسىمۇ كىنوخانىغا كىرىپ كىنو كۆرۈشكە پۇل ئاجرىتىپ، كۆڭلىگە تەسەللىي ۋە خوشاللىق بەرگەن، ھاياتنىڭ ئىللىقلىقىنى، ھاياتتىكى ئۈمىدنى ھېس قىلدۇرغان. 1997-يىلى ئاسىيا ئىقتىسادىي كىرىزىسى بولغاندا كورېيە كىنوچىلىقى ۋە ئويۇنلىرى، مودا مۇزىكىسى دېگەندەك ساھەلەر كىرىزىس ئىچىدىن باش كۆتۈرگەن. كورېيە پۈتۈن ئاسىياغا كورېيان ئېقىمىنى تاراتقان، شۇنداق قىلىپ كورېيە ماركىلىرىنى خەلقئارالاشتۇرالىغان ھەمدە ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 2008-يىلى ئامېرىكىدا يەنە بىر نۆۋەت پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى بولدى، ھازىر بۇ كىرىزىس ياۋروپادا كەڭ تارالماقتا. بۇ قېتىملىق كىرىزىسمۇ ھوللىۋود فىلىملىرى دەۋرىدىكى كىرىزىسقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىستىمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش پىسخىكىسى ۋە ئىستىمال قىلمىشى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولماقتا، ئىقتىسادى تۆۋەنلەر لەۋ سۇرۇخ دېگەندەك گىرىم بۇيۇملىرىنى ۋە مەدەنىيەت تۈرىگە تەۋە مەھسۇلاتلارنى قىزغىن سېتىۋالماقتا. بۇ ئىقتىساد تۆۋەنلىگەن مەزگىلدىكى «لەۋسۇرۇخ ئېففىكتى» نى پەيدا قىلغان. نىلسوننىڭ بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتىدا كۆرستىلىشىچە، 2008-يىلى 3-پەسىللىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەر ئايلىق تېلىۋوزور كۆرگەن ۋاقتى 142 سائەتكە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش يىلدىكىدىن 5 سائەت ئارتۇق بولغان. ھەر كۈنى بىر ئامېرىكا ئائىلىسىنىڭ تېلىۋوزور ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقتى 8 سائەت 18 مىنۇتقا يەتكەن بولۇپ، نىلسوننىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلانغان سانلىق مەلۇماتىدىكى كۆرۈش نىسبىتى رېكورتىنى بۇزغان. ئامېرىكىلىقلار ئەزەلدىن ھازىرقىدەك تېلېۋوزورغا ئامراق بولۇپ باقمىغان ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 甜蜜的幻想2 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ ئامراق ئ‍ىگىز پاشنىلىق ئ‍اياغقا بەك لاتاپەتلىك كۆرىنىدۇ

  • كەلگۈسى ئۈچۈن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي،. تاز گەدەن،بابۇر ئەركىشىدەك قىپ تۇردۇ ئۇنداق بولسا ئەلۋەتتە كىيەلمەي ھەۋەس قىلىدۇ دە.

  • شاپاق كاللا ، تاز گەدەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەۋەس قىلىپ ئولتۇرغىچە ئۆزىڭىز ئېلىپ كەيسىڭىزلا بولمىدىمۇ ، ھەي؟

  • بابۇر1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياقتۇرىدىغان ئاياللارغا بەك ئامراق،چۈنكى بەك جەزبىدار،نازاكەتلىك

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号