باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

دۆلىتىمىزدىكى 100 باي ئايال تالىشىپ كەتكەن ئەڭ كېلىشكەن راھىب

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 18:00 16 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپ قىسىم كىشىلەر راھىبلارنىڭ تۇرمۇشى جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، راھىبلارنىڭ كىرىمى دۆلىتىمىزدىكى ئاق ياقىلىقلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ مەزمۇندا تونۇشتۇرۇلىدىغان راھىبنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ راھەتتە ئۆتىدۇ. ئەينى يىللىرى ئۇنى 100 باي ئايال قوغلاشقان، ھەشەمەتلىك پىكاپلاردا ئاپىرىپ-ئەكەلگەن. بىراق، ئۇ 29 يېشىدا راھىبلىق يولىغا قەدەم قويغان.

ئۇنىڭ ئىسمى شى مىڭشىن، خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرى ماخا ئىبادەتخانىسىنى باشقۇرىدۇ، 2009-يىلى يوڭجيا ناھىيەسى مياۋجى ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلىقنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا راھىب بولغان، 2009-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بېيجىڭ فايۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ جۇڭگو بۇددا دىنى ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان.

ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.9 مېتىر كەلگەنلىكى ھەم ناھايىتى كېلىشكەن بولغانلىقتىن نۇرغۇن قىزلار قوغلاشقان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باي ئاياللارنىڭ كۆز چۈشكەن، باي ئاياللار ئۇنى ھەشەمەتلىك پىكاپلىرىدا ئاپىرىپ-ئەكەلگەن، تاماققا تەكلىپ قىلغان.

سۈرەتتىكىسى 2 مىليون 460 مىڭ يۈەنلىك ھەشەمەتلىك ماسېراتى GT، ئۇنىڭغا ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان 4.7L V8 ماتور سەپلەنگەن، سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 289 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ چوڭ ئات كۈچى 480، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىش ئۈچۈن 4.5 سېكۇنتلا كېتىدۇ. بۇ ئەينى يىللىرى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان ھەشەمەتلىك پىكاپ.

بەزىدە باي ئاياللار ئۇنى ناھايىتى راھەت ئاپتوموبىللار بىلەن ئاپىرىپ-ئەكەلگەن. بۇ سۈرەتتىكى تويوتا ئەلفا دالا ئاپتوموبىلىغا 3.5Lلىق ماتور سەپلەنگەن، سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا 190 كىلومېتىردا چەكلىنىدۇ.

شى مىڭشىن 29 ياشقا كىرگەندە تاساددىپىي پۇرسەتتە بىر «سامسارا» (بۇددا دىنىنىڭ روھ بىر تەندىن يەنە بىر تەنگە ئۆتۈپ تۇرۇش تەلىماتى) ئاڭلاپ قېلىپ ئاخىرىدا راھىب بولۇپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن باي ئاياللار ئۇنى قوغلىشىشتىن ۋاز كەچكەن. كېيىن تورداشلار ئۇنىڭ راھىب بولغاندىن كېيىنكى سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ئۇنى «جۇڭگو بويىچە ئەڭ كېلىشكەن راھىب» دەپ ئاتىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قۇملۇق تۈلكىسى6 كۈن ئىلگىرى

    راھىب دىگەن دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزگەن بۇلدۇ تەركىي دۇنيا ياشايدۇ بۈگۈنلا دەيدۇ كىشلەردىن تىلەپ يەيدۇ ئەجىر قىلمايدۇ شۇنۇڭغا ئوخشاش كىشىلەر پىرۇخەي دەپ ئاڭلىغانمۇ سۇ بۇيىدا روماننى ئۇقۇڭلار شى نەيئەن نىڭ 28بابنى ئاندىن چۈشنىسىلەر راھىبلار نى

  • ئېچىلجان6 كۈن ئىلگىرى

    قىزلارغا كىلىشكەن تاڭسىڭدەك كۈرۈنۈپ كىتىپتۇدە

  • ئومەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    قانداقسگە ئاق ياقلقلادن كوپ پول تاپدۇ نەدن كلدۇ ئو پول باي خۇتۇنلادېنما

  • ئالجوقې1 ھەپتە ئىلگىرى

    راھىپمۇ بولامدۇ دەيمە ..

  • پەيلاسوپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    راھىپ تۇنۇشتۇرۇشمۇ ياكى ماشىن ئېلانىمۇ بۇ

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    راھىپلار،ھاراق،ئىچمەيدو،تاماكا،چەكمەيدو،ئەيشى،ئىشرەت،يولىغا،ماڭمايدو،خوتون،ئالمايدو،گۆشلىك،تاماق،يىمەيدو،خوددى،تاڭ،ھەزرەتتەك،

  • 133******991 ھەپتە ئىلگىرى

    رايىپ بولغانلار ئاقتا قىلىنامدۇ

  • ئەلى قامەت بوي1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇف مۇشۇنىمۇ كىلىشكەن دەمدۇ يا مەن كۆرەلمىدىممۇ ماڭىغۇ بىلىنمىدى

  • جامالىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھازىرقى زاماندىكى تاڭسىڭكەنغۇ

  • جەڭچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەينى چاغدا تاڭسىڭنى ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھى قوغلاشقان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号