باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

جۇڭگودىكى 35 شەھەرنىڭ بايلىقى 35 دۆلەتكە تېتىيالايدۇ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:00 15 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سېتىلىش كۈچىنى باھا بېرىش (PPP) ئارقىلىق، رەقەملىك تاراتقۇ «كۆرۈش سەزگۈسى كاپېتالىزمى» ياسىغان بىر گىرافىكتا جۇڭگودىكى شەھەرلەر بىلەن بىىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ GDPسى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلغان. تۆۋەندىكى گىرافىكتا جۇڭگودىكى 35 شەھەرنىڭ GDP كۆلىمى (PPP) ئايرىم-ئايرىم 35 دۆلەتكە تەڭ قىلىنغان. 

شاڭخەي-فىلىپپىن، بېيجىڭ-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، گۇاڭجۇ-شىۋىتسارىيە، شېنجېن-شىۋىتسىيە، تىيەنجىن-رومىنىيە، سۇجۇ-ئاۋىستىرالىيە، چۇڭچىڭ-چىلى، شىياڭگاڭ-پېرۇ، ۋۇخەن-ئىسرائىلىيە، چېڭدۇ-نورۋېگىيە، خاڭجۇ-گرېتسىيە، نەنجىڭ-دانىيە، ۋۇشى-ماراكەش، چىڭداۋ-ۋېنگىرىيە، چاڭشا-سىرېلانكا، دالىيەن-فېنلاندىيە، فوشەن-ئۆزبېكىستان، نىڭبو-ئانگولا، شېنياڭ-سۇدان، جېڭجۇ-ئېكۋادور، تاڭشەن-يېڭى زېلاندىيە، دوڭگۈەن-ئېفىئوپىيە، يەنتەي-بېلورۇسىيە، جىنەن-ئەزەربەيجان، نەنتوڭ-سىلوۋاكىيە، چاڭچۈن-دومىنىكا، شىئەن-كېنىيە، فۇجۇ-تانزانىيە، خاربىن-بۇلغارىيە، خېفېي-تۇنىس، شىجاجۇاڭ-گۋاتېمالا، شۈجۇ-گانا، چاڭجۇ-سېرۋىيە، ۋېنجۇ-كىرودىيە، زىبو-پاناما.

بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا ئاساسلىقى ئۈچ مۇھىم شەھەر توپى بار. بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجىياڭ دېلتىسىدىكى شەھەر توپىنىڭ GDP ئومۇمىي قىممىتى ئىككى تىرىليون 170 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي كۆلىمى ئىتالىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. جۇجىياڭ دېلتىسىدىكى شەھەر توپىنىڭ GDP ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 890 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، بايلىق ئومۇمىي قىممىتى كورېيە بىلەن تەڭلىشىدۇ؛ بېيجىڭ-تىيەنجىن شەھەر چەمبىرىكىنىڭ GDP ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 140 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، ئىقتىساد كۆلىمى ئاۋىستىرالىيە بىلەن تەڭلىشىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالامەت 4 كۈن ئىلگىرى

    ياشا ئانا ۋەتىنىم جۇڭگو كوز تەگمىسۇن

  • بىلگيار6 كۈن ئىلگىرى

    بىز نىڭ جۇڭگو مانا نۇشۇنداق ئەينا

  • تېچ ئوكيان6 كۈن ئىلگىرى

    مەن تۇرۇۋاتقان چاڭچۈن دومىنكا بىلەن تەڭ تۇرىدىكەن GDP سى

  • ئېزىز جان6 كۈن ئىلگىرى

    تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش.كۆپرەك پەن تېخنىكا ئۆگىنىش. ساياھەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپەيسە چۇقۇم بىز قۇدرەت تېپىپ كىتەلەيمىز.

  • نازىلە36 كۈن ئىلگىرى

    ئوۋ مەن تۇرىۋاتقان تىيەنجىننى مۇنداقلا بىر شەھەرمىكىن دىسەم

  • تۇلپار،1 ھەپتە ئىلگىرى

    چەتئەل دىسە ھەيران قالىدىغان نادانلار كۆپرەك كۆرسە بولغىدەك،

  • MR99501 ھەپتە ئىلگىرى

    دېمەك يوقارقى سېلىشتۇرۇشلاردىن ياۋروپانىڭ دۇنيادا قانچىلىك باي ئىكەنلىكىنى ۋە ئورنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يوقۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .

  • ئېلھامجان09981 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشغۇ ياشاپ كەت ۋەتەن مۇشۇنداق تەرەققې قېپ دۇنيانڭ ئالدېنقې 1 تەرەققې قېلغان دولەت بوپ كېتشڭنې چېن كوڭلۇمدېن ئومۇت قېلمەن

  • نازىلە31 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوۋ مەن تىخى تۇرۋاتقان تيەنجىن شەھەرنى ئادەتتىكنلا دەپ ئۇيلىسام بۇ قاتاردا با ئىكەنغۇ ھەيران قالدىم،

  • خەي...1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياشسۇن ئۇلۇغ ۋەتىنىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号