باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ياپونىيە ھايۋاناتلار باغچىسىدا «ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ھايۋانات» باھالاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 18:25 2 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ناگويا شەھىرى خىگاشىياما ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى باغچا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ھايۋاناتنى باھالاش پائالىيىتى—خىگاشىياما ھايۋاناتلار ئومۇمىي سايلىمى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى باھالاشتا 12 مىڭ ھايۋاناتتىن 44 نامزات تاللانغان، ئاخىرىدا «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كېلىشكەن ئورانگۇتان» شابانى 279 بېلەت بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۆز ئاۋازىغا بولغان «ئىشەنچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان» ئۇزۇن بىلەك، ئاق ئالىقانلىق ئادەمسىمان مايمۇن «كېئىجى» 2-بولغان.

خىگاشىياما ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كىشى، شۇنداقلا شابانىنىڭ باققۇچىسى تەقدىرنامە تارقاتتى ھەم مۇكاپات بۇيۇمى سۈپىتىدە ئۇلارغا «ئېسىل تائام» بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بېلەت تاشلاش باسقۇچى 10-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، جەمئىي 2951 پارچە بېلەت تاشلانغان، «يۇكىچى» ئىسىملىك قاپلان 3-بولغان، كانادا ئورمان بۆرىسى خىكارۇ 4-بولغان. بۇ قېتىمقى تاللاشتا يەنە پىل ۋە خالتىلىق ئېيىقمۇ ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • راۋان بىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمە دىگەن ھەيۋەتلىك

  • جان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئۇرانكۇتانخا تۇركىيە كۇلدۇركە ئارتىسى رەھمەتلىك شابانىڭ ئسمنى قۇيۋاپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号