باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەمدى نېمىشقا ئامېرىكىنى تاللىماس بولۇپ قالدى؟

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 18:39 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئامېرىكىدىكى خەنزۇچە تور بەتلەرنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز  دۆلىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن كۆپ مەنبەلىك خەلقئارالاشقان شارائىت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ. 2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى %3 ئاشقان، بىراق بۇ ئېشىشنى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى %7 ۋە %10 كە سېلىشتۇرغاندا ئازراق تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاران %6.8 ئاشقان بولۇپ، 2006-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بولغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىدا تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان %10 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى تاللىغان. 2015-يىلدىن 2016-يىلغىچە، ئامېرىكىدىكى 335 مىڭ 329 ئوقۇغۇچى چەتئەلدە ئوقۇشنى تاللىغان، بۇ سان 2014-يىلدىكىدىن %4 يۇقىرى بولغان. 

2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر تەخمىنەن 1 مىليون 80 مىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. بۇ سان ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتقان. بۇ سان ئۇدا 11 يىل ئاشقان. جۇڭگو، ھىندىستان، كورېيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كانادالىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. 

بىراق، ئامېرىكىدا ئوقۇشنى تاللايدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. 2016-يىلدىكى %3 لىك ئېشىش نىسبىتىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى %7 لىك ۋە %10 لىك ئېشىشىش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ. 2016-يىلىنىڭ كۈز پەسىلىدە ئامېرىكىدا ئوقۇشنى تاللايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋال پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. بىرازىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى سەتچىلىكى تۈپەيلىدىن، بۇ ئىككى دۆلەتتىن ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى زور مىقداردا ئازلاپ كەتكەن. بىراق opt تۈرىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت بېرىشتەك ئارتۇقچىلىقى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرغان. ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار %32.5 نى ئىگىلىگەن. 2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە جەمئىي 350 مىڭ ئوقۇغۇچى ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. بۇ يىل ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن %6.8 كە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نىسبەت 2006-يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدىن 10-ئايغىچە باشقا 9 مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن بىللە تاماملىغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئوقۇش يىلىدا ئامېرىكىدىكى 500 دىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپكە تىزىملىتىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى %7 ئازلاپ كېتىشى مۇمكىنكەن. خەلقئارا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالان گۇدمان مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشان تۈزۈشى بەكمۇ مۇھىم، كەلگۈسى بىر يىلدا بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلىشى كېرەك. شۇنى بىلىپ قېلىش كېرەككى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە دۆلەت ھالقىغان ئاپپاراتلارنىڭ ھەممىسى سەر خىل ئىختىساسلىقلارنى تالىشىۋاتىدۇ». 

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا زەيتۇن شېخى سۇنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى ھەمدە ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قوللىنىپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشى بىلەن، ئالىي مائارىپ ۋە يەر شارىدىكى سەرخىل ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە». 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号