باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

ئۇچقۇچى ئاسماندا قىز دوستىغا رومانتىك توي تەكلىپى قويدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 19:00 9 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىدىكى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق كىچىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، نيۇيورك ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئايروپىلان رادىيو ئىستانسىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى كېلىپ، ئۇلارنىڭ چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ قالغانلىقىنى، بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ئۇلارنى بۇ رايوندىن ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ چاغدا ئايروپىلاندىكى قىز ئۇچۇپ كېلىدىغىنىنىڭ ھەربىي ئايروپىلان ئەمەس، بەلكى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. فىلورىيان ئوتتو ئامېرىكىدىكى ئىشتىن سىرتقى ئۇچقۇچى بولۇپ، قىز دوستى مارۇيىنانى ئۇچراتقاندىن كېيىن، ئۇچۇشقا تېخىمۇ ھېرسمەن بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇ خۇسۇسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۇچقاندا، مارۇيىنامۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى.

ھەر يىلى فىلورىيان بىلەن مارۇينانىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 120 سائەتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىمۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى بىلەن توختىماستىن چوڭقۇرلاشتى. بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، نيۇيوركتا ئاپتاپ پارلاپ چىققان بولۇپ، ئۇچۇشقا ماس كېلىدىغان كۈن ئىدى. فىلورىيان قىز دوستى مارۇينانى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. مارۇينان ئايروپىلان ئاستىدىكى كۆپكۈك دېڭىز ۋە شەھەرلەرگە قاراپ تولىمۇ خۇشال ئىدى. بىراق فىلورىيان قارىماققا بىر قەدەر سوغۇققاندەك كۆرۈنەتتى.

بۇ چاغدا ئايروپىلاندىكى سىمسىز رادىيو ئىستانىسىسىدىن تۇيۇقسىز ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئىككەيلەننىڭ ئۇچۇش چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ قالغانلىقىنى، بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ئۇلارنى شۇ جايدىن ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مارۇينان ئازراق جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان. بىراق فىلورىيانانىڭ يەنىلا تەمكىن ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن مارۇينان خۇددى تىنچلاندۇرۇش كۇمىلىچى يەۋالغاندەك ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلدى.

ناھايىتى تېزلا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئايروگېنېراتورنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مارۇينان ئىختىيارسىز ئارقسىىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ئارقا ئوڭ تەرىپىدىن بىر كىچىك ئايروپىلاننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىراق ئايروپىلان يېقىنلاشقاندا، مارۇينان بۇنىڭ ھەربىي ئايروپىلان بولماستىن بەلكى ئادەتتىكى خۇسۇسىي ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئايروپىلانغا «ماڭا ياتلىق بولۇڭ!» دېگەن خەتنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆردى. تولىمۇ قىزىقارلىقى، ئايروپىلاننى كۆرگەن مارۇينان كۈلكىسىنى باسالماي فىلورىيانغا قاراپ قارىشىنى سۆزلىدى.

بۇ چاغدا فىلورىيان قوينىدىن بىرىليانت ئۈزۈك سېلىنغان قاپنى چىقاردى. «چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز؟» دېدى مارۇينان قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىدىن. ئۇ ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزىگە توي تەكلىپى قويغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئېيتىپ تەسۋىرلىگۈسىز بەخت ئىلىكىدە ئۈزۈكنى تاقاپ، ئۇنىڭ تەكلىپىگە ماقۇل بولدى. فىلورىيان رادىيو ئىستانىسىسى ئارقىلىق «ئۇ ماقۇل بولدى»، دېگەندە، «ماڭا ياتلىق بولۇڭ» دېگەن خەت بېسىلغان ئايروپىلاندىن «مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن گەپ ئاڭلاندى.

ئەسلىدە بۇ ئايروپىلان ھەربىي ئايروپىلان بولماستىن، فىلورىياننىڭ دوستىنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانى ئىدى. فىلورىيان قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويماقچى بولۇپ، بۇ ئويىنى دوستىغا دېگەندە، دوستى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ناھايىتى ئېنىقكى، فىلورىيان قىز دوستىنى تولىمۇ چۈشىنىدىغان بولۇپ، توي تەكلىپى قويۇشتىكى ئىجادىيىتى ئۇنى چەكسىز شادلاندۇرغانىدى.

ئايروپىلان قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلغان دوستلىرىنى ئۇچراتتى. بۇ چاغدا مارۇينان يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارنى قۇچاقلاپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ «سىلەر بەك قالتسكەنسىلەر، ئىجادىيىتىڭلارنى تولىمۇ ياقتۇردۇم» دېدى. فىلورىيان بۇ قېتىم قىز دوستىغا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان دوستى ئادەتتىكى ئۇچقۇچى بولماستىن، بەلكى كەسپىي ئۇچقۇچى بولۇپ، ئىسمى سوۋېر، ئۇ ئۇچۇش خىزمىتىنى پىشىشق بىلىدۇ.

فىلورىيان بىلەن مارۇيناننىڭ بوشلۇقتا تاپشۇرۇۋالغان سىگنالىمۇ يەر يۈزى كونترول مەركىزىدىن كەلمىگەن. بەلكى سوۋېر كەسپىي قانىلى ئارقىلىق مەخسۇس ئۇلارغا يەتكۈزگەن. ئايروپىلاندىكى خەتنى بۇنىڭدىن بۇرۇن فىلورىيان بىلەن سوۋېر تەييارلاپ قويغان. بۇ رومانتىك توي تەكلىپى جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، ئىككەيلەن ئىنتايىن ئەتراپلىق ھالدا پۈتكۈل سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىنى لايىھەلىگەن ھەمدە ئايروپىلان ئىچىگە كامېرا ئورۇنلاشتۇرغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەھرۇق6 كۈن ئىلگىرى

    قاندا قىسىا ياخشى كۈگىنىگە قىلدى ئۇ ئۈزنىڭ ئىشى بىزنىڭ ئىچىمىزدە بىرەسىنى ياخشى كۈسۈ ئۇدۇللا بىرىپ ئەلچە كىرگۈسسۇن

  • گۈزەل ماكان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئايتىكىن سۆزلىرىڭىز ناھايتى ئۇرۇنلۇق، سزنىڭ مۇشۇ گىپىڭىزگە كۆپچىلىككە ۋاكالەتەن رەخمەت ئىيتىمەن، سزدەك ئويلايدىغان قىزلاردىن نەچچسى باردۇ ئارىمىزدا؟

  • دىلبىرىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    سەرۋى ناھايىتى توغرا سۆز قىلىپسىز،

  • دۇنيا شاھزادىسى شىرزات.T1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھاي ھاي،شوپۇر ئۇستام،ئايروپىلاننىڭ رولىنى چىڭ تۇتىلى،ئەينى مەينىغا ھاڭۋېقىپ قارىماي،ئالدى تەرەپتە يىڭناغۇچتىن بىرى ئۇچۇپ كىۋاتىتۇ!

  • ئايتېكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەركىم ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا توي تەكلىپى قويسا بولغىنى،ھەشەم بولسۇن ئاددى بولسۇن چىن كۆڭلىدىن بولسىلا بولغىنى،بىزدىكى ئەڭ ئالى توي تەكلىپى ئاددى بولسىمۇ تاۋاق قىلىپ ئەلچى كىرگۈزۈش،بۇ ئادىتىمىز داۋاملاشقاي …

  • ھاياتىم گۈزەل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقى مۇھەببەتكە كۆپكۆك ئاسماندا ئايرۇپىلاندا ئۇچۇپ كېتىۋىتىپ،بىرلىيانت ئۈزۈك سېلىپ تەلەپ قويۇش كەتمەيدۇ.
    ھەقىقى مۇھەببەت ئادەتتىكى بىر تال ئۈزۈك ،مۇھەببەتلىك يۈرەك بولسىلا كۇپايە.
    ھەر كىشىنىڭ

  • سەرۋى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۇنچە ھەشەمنىڭ كىرىكى يوق ، يۈرەك ئىللىغۇدەك بولسىلا يىتەر ....::: توي تەكلىبى قويماي توي قىلغانلامۇ بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ ، شۇنچە ھەشەمەتلىك توي تەكلىبى قويغانلامۇ بەختىسز بوپ قېلىۋاتىدۇ ...... ھەر كىمنىڭ بەخىتكە بولغان كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ ، ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام ئەزۋەيلەپ كەتمىگەيسىلە

  • شەھرۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقىي دۇس ھەقىقى ئاشىق شۇندا بۇلدۇ

  • 156******971 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمانداق رومانتىك، مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم كېلۋاتدىۇ، ئەپسۇس

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号