باش بەت

كىنوچى

33يوللانما
9مەستانە

1990-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە بولغان شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ بازارلىق كىنولار

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 18:56 8 ئىنكاس چۈشتى

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، يەنى 1990-يىلىدىن باشلاپ 1999-يىلىغىچە بولغان بۇ 10 يىل مابەينىدە، شياڭگاڭ كىنوچىلىقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن 10 يىل دەپ ئاتالغان. مەيلى چولپانلار بولسۇن ياكى كىنولارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى بولسۇن، ھەممىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ دەۋر كەلمەسكە كەتتى. لېكىن خۇشاللىنارلىقى شۇكى، دەل مۇشۇ ئالتۇن 10 يىلدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن نادىر كىنولار ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى. بۈگۈن بىز مانا بۇ 10 يىلدىكى بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن كىنولارغا نەزەر سېلىپ باقايلى، بۇ كىنولارغا قارىساقلا شۇنى بىلىمىزكى، ئاساسىي جەھەتتىن، بۇ 10 يىل ئىچىدە، جوۋ رۈنفا، جوۋ شىڭچى ۋە چېڭلوڭ قاتارلىق بۇ ئۈچ چولپان شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىنى مونۇپول قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «كومېدىيە شاھى» جوۋ شىڭچىنىڭ 5 كىنوسى بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

1990-يىلى، «赌圣قىمار شاھى»، بېلەت كىرىمى: 41 مىليون 32 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. بۇ فىلىم يۈەن كۈي ۋە ليۇ جېنۋېينىڭ رېژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جوۋ شىڭچى، ۋۇ مېڭدا ۋە جاڭ مىن باش رول ئالغان. فىلىمدە جوۋ شىڭچى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ياش زو سوڭشىڭنىڭ رولىنى ئالغان.

1991-يىلى، «逃学威龙دەرستىن قاچقان ئەجدىھا»، بېلەت كىرىمى: 43 مىليون 830 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم چېن جياشاڭنىڭ رېژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جوۋ شىڭچى، ۋۇ مېڭدا ۋە جاڭ مىن باش رول ئالغان. فىلىمدا جوۋ شىڭچى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ رولىنى ئېلىپ، يوشۇرۇنچە مەكتەپكە كىرىپ، چوڭ بىر دېلونى پاش قىلىدۇ.

1992-يىلى. «审死官ئۆلۈم ئەمەلدارى»، بېلەت كىرىمى: 49 مىليون 880 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم دۇ چىفېڭنىڭ رېژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جوۋ شىڭچى، مېي يەنفاڭ ۋە ۋۇ مېڭدا باش رول ئالغان. فىلىمدە جوۋ شىڭچى دەۋا مەسلىھەتچىسىنىڭ رولىنى ئالغان، ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشقا تاسلا قالغان. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، بۇ يىلدىكى شياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ ئالدىنقى بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بەش فىلىمنىڭ ھەممىسى جوۋ شىڭچى باش رول ئالغان فىلىملەر بولۇپ، 1992-يىلىنى «جوۋ شىڭچى يىلى» دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

1993-يىلى، «唐伯虎点秋香تاڭ بوخۇ بىلەن چيۇ شياڭ»، بېلەت كىرىمى: 40 مىليون 170 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم لى لىچىنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جوۋ شىڭچى، گوڭ لى ۋە چېن بەيشياڭ باش رول ئالغان. فىلىمدە جوۋ شىڭچى رولىنى ئالغان تاڭ بوخۇ، ئىتنايىن تەسلىكتە ئۆزى ياقتۇرغان قىز چيۇشياڭغا ئېرىشىدۇ.

1994-يىلى، «赌神2قىمار شاھى 2»، بېلەت كىرىمى: 51 مىليون 530 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم ۋاڭ جىڭنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جوۋ رۈنفا، ۋۇ چيەنليەن، لياڭ جياخۈي ۋە چيۇ شۇجېن قاتارلىقلار باش رول ئالغان. جوۋ رۈنفا رولىنى ئالغان قىمار ئىلاھى گاۋ جىن تۈرلۈك مۈشكۈلاتلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى ئامراق ئايالىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ.

1995-يىلى، «红番区خوڭفەن رايونى»، شياڭگاڭدىكى بېلەت كىرىمى 57 مىليون شياڭگاڭ پۇلى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بېلەت كىرىمى 95 مىليون يۈەن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمى 32 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. بۇ فىلىم تاڭ جىلىنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، چېڭلوڭ، مېي يەنفاڭ ۋە يې فەنخۇا باش رول ئالغان. بۇ فىلىم ئارقىلىق چېڭلوڭ ھوللىۋودقا بۆسۈپ كىرگەن بولۇپ، چېڭلوڭنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى «ئەڭ نادىر ئەسەر» دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

1996-يىلى، «警察故事4简单任务ساقچى ھېكايىسى 4: ئاددىي ۋەزىپە»، بېلەت كىرىمى: 84 مىليون 500 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم تاڭ جىلىنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، چېڭلوڭ، ۋۇ چېنجۈن ۋە Jackson Liu باش رول ئالغان.

1997-يىلى، «一个好人بىر ياخشى ئادەم»، بېلەت كىرىمى: 45 مىليون 500 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم خوڭ جىنباۋنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، چېڭلوڭ، لى تىڭيى، رېچارد لاۋتون باش رول ئالغان. فىلىمدا بىر ئاشپەزنىڭ رولىنى ئالغان چېڭلوڭ ئۆز گۇمپىسىغا تايىنىپ بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن قارشىلىشىدۇ.

1998-يىلى، «风云雄霸天下بوران چاپقۇن: جاھان زومىگىرى»، بېلەت كىرىمى: 41 مىليون 500 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. فىلىم ليۇ جېنۋېينىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جېڭ يىجيەن، گو فۇچېڭ باش رول ئالغان. بۇ فىلىمدە شياڭگاڭ كىنوچىلىقى تۇنجى قېتىم كومپيۇتېر ئالاھىدە تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ فىلىمدىكى تېخنىكا ھازىرقىدىنمۇ قېلىشمايدۇ.

1999-يىلى، «喜剧之王كومېدىيە شاھى»، بېلەت كىرىمى: 29 مىليون 800 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى. بۇ فىلىم جوۋ شىڭچى ۋە لى لىچىنىڭ رېژىسسورلۇقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، جوۋ شىڭچى، جاڭ بوجې ۋە مو ۋېنۋىي باش رول ئالغان. جوۋ شىڭچى كۆپلىگەن ئارتىسلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى بۇ فىلىم ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ فىلىم كۈلكىلىك بىلىنگەن بولسا، ھازىر كۆرسىڭىز كۆزىڭىزنى ياش باغلايدۇ. 

90-يىلىدىكى بۇ 10 يىل، جوۋ شىڭچى بىلەن باشلىنىپ، جوۋ شىڭچى بىلەن ئاياغلاشقان. جوۋ شىڭچىنىڭ نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرغانلىقىغا، چېڭلوڭنىڭ جۇڭگو گۇمپىسىنى دۇنياغا تونۇتقىنىغا، جوۋ رۈنفانىڭ قىمار ئىلاھىنى ھەربىر كۆرۈرمەننىڭ قەلبىگە سىڭدۈرگىنىگە رەھمەت ئېيمىز. گەرچە يىللار بۇ ئۇلارنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن قورۇقلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرى مەڭگۈ ئەسلىنىپ تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دىل-مۇراد1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي… دىمىسىمۇ بۇ ئونيىل شىياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ سەلتەنەتلىك دەۋىرلىرىكەنتۇق

  • ئېكىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىمار شاھى دىگەنمۇ ئەسلى جوۋ شىڭچىنىڭ پاتىنىتىكەندە.

  • يىڭى يىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىر بىرىدىن قىلىشمايدۇ بۇ چولپانلار شەخسەن مەن ھەممىسنىڭ كىنولىرنى ياقتۇرۇپ كۆرمەن

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي چىڭلۇڭغا ئوخشاش ئوخشاش ئوخشاش قالتىس جاھىل بالىكىنا

  • 麦麦提阿卜杜拉1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنىلا جۇرۇڭفا قالتىس جۇما

  • فىروزە1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇنداق،ھەممىسى ناھايتى قالتىس

  • leo messi 10号1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ھەممىسى بىز جۇڭگولۇقلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئارتىسلار ،ئاشۇ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇردى ئەمەسمۇ ،قايسى بىرى بۇلارنى مەن ياقتۇرمايمەن دىيەلەيدۇ .فىلىمنى چۈشىنىپ كۆرگەنلەر بولسا بىلىدۇ قانداقلىقىنى.

  • ئىسىم يوقيا1 ھەپتە ئىلگىرى

    يەنىلا چىڭلۇڭ قالتىس،،،،،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号