باش بەت

شىرئەلى روزى

381يوللانما
14مەستانە

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى سىزمۇ سېتىۋالالايسىز

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:33 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى

مەيلى بېنىز ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەۋەسكارى ياكى پورسچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەستانىسى بولسۇن، ئارزۇيىدىكىدەك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋىلىش ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىغا نىسبەتەن يەنىلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان گۈزەل ئارزۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش سۇپىسى carswitch.comنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سىز باھاسى ناھايىتى قىممەت دەپ ئويلايدىغان ئاشۇ نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى سىز ئويلىغاندىنمۇ خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. دېمەك مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىكى كۆرگەزمە زاللىرىدىن يېڭى ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالغاندىن كۆرە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن بىر نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا خېلى كۆپ پۇلنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

ئىماد خەمىد carswitch.com نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىش سۇپىسىنى بىرلىشىپ قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئۇ «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنى خېلىلا ئەرزان ئالالايسىز» دېگەن، ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ سەۋەبى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 3 يىلدىن 4 يىلغىچە بولىدۇ، بىراق باشقا بازارلاردىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 6 يىلدىن 8 يىلغىچە بولىدۇ، دېمەك بۇ نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى تېز تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئادەتتە ئۈچ يىل ھەيدەلگەن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى ئەسلىدىكىدىن %50تىن ئارتۇق چۈشۈپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر نىمكەش پورسچى 911 ئاپتوموبىلىنىڭ لوندوندىكى باھاسى 300 مىڭ دەرھەم ، بىراق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مۇشۇ ئاپتوموبىلنى پەقەت 200 مىڭ دەرھەمگىلا (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 360 مىڭ يۈەن) سېتىۋالغىلى بولىدۇ.»

carswitch.com نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىش سۇپىسىنىڭ قارىشى بويىچە، كۆڭۈلدىكىدەك بىر نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشتا يەنە باشقا ئامىللارمۇ مۇھىم ئىكەن، مەسىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئاپتوموبىل قالدۇق گازى بېجى ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى ئالاھىدە رويخەتكە ئېلىش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

خەمىدنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يېقىلغۇ ۋە سۇغۇرتا خىراجىتى باشقا جايلاردىكىدىن بەش ھەسسە تۆۋەن ئىكەن، لوندوندا بېنىز G دەرىجىلىك پىكاپىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى 100 مىڭ دەرھەمدىن ئاشىدىكەن، بىراق دۇبەيدە مۇشۇ ئاپتوموبىلنى 2200 دەرھەمگىلا (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 3980 يۈەن) سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغىلى بولىدىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىخەتەر ۋەزىيىتىمۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىۋىلىشقا پايدىلىق، carswitch.com نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇلتۇر دۇبەيدە پەقەت 133 ئاپتوموبىللا ئوغرىلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغرىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىدىكى ئىگىسى تاشلىۋەتكەن ئاپتوموبىللار ئىكەن.

بىراق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئالى دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ رېمونت ھەققى ۋە ئاسراش خىراجىتى ناھايىتى قىممەت.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشنى ياخشى كۆرىدۇ، روللىس رويىس ئاپتوموبىلىنى مىسالغا ئالساق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى %80تىن ئارتۇق سېتىۋالغۇچى ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغان، بۇنداق ئاپتوموبىللارنىڭ كونكېرت باھاسى ئەسلىدىكىدىن %20 يۇقىرى بولىدۇ.

تۆۋەندە carswitch.com نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل سېتىش سۇپىسى باھالاپ چىققان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدىكى سېتىۋېلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان بەش خىل ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنى كۆرۈپ باقايلى:

1. روللىس رويىس كۆلەڭگە ئاپتوموبىلى

باھاسى: 360 مىڭ دەرھەمدىن 600 مىڭ دەرھەمگىچە (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 650 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 85 مىڭ يۈەنگىچە) 

carswitch.com ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن روللىس رويىس كۆلەڭگە ئاپتوموبىلى ئەڭ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان نىمكەش ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار تىزىملىكىنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. YallaMotor ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بىر يېڭى روللىس رويىس كۆلەڭگە ئاپتوموبىلىنىڭ باشلىنىش باھاسى 1مىليون 400 دەرھەم (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 2 مىليون 530 مىڭ يۈەن) گە يېتىدۇ.

2. مېرسېدېس بېنىز AMG GT-R ئاپتوموبىلى

باھاسى: 440 مىڭ دەرھەمدىن 800 مىڭ دەرھەمگىچە (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 795 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 446 مىڭ يۈەنگىچە) 

3. مېرسېدېس بېنىز S دەرىجىلىك ئاپتوموبىلى

باھاسى: 90 مىڭ دەرھەمدىن 230 مىڭ دەرھەمگىچە  (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 160 مىڭ يۈەندىن 416 مىڭ يۈەنگىچە) 

4. مېرسېدېس بېنىز G دەرىجىلىك AMG ئاپتوموبىلى

باھاسى: 150 مىڭ دەرھەمدىن 350 مىڭ دەرھەمگىچە (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 270 مىڭ يۈەندىن 630 مىڭ يۈەنگىچە) 

5. پورسچى 911 ئاپتوموبىلى

باھاسى: 140 مىڭ دەرھەمدىن 230 مىڭ دەرھەمگىچە (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 250 مىڭ يۈەندىن 416 مىڭ يۈەنگىچە) 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 176******496 كۈن ئىلگىرى

    تاموژنا بېجى جىق ئەپ كېتەرمۇ

  • شەھرۇق6 كۈن ئىلگىرى

    مەن بىنىز G دەرجىدىن بىرنى سىتۋالقان ،كىيىن شۇيەردىكى ئىنىمغا بىر ۋەتتىم

  • ئالما1 ھەپتە ئىلگىرى

    پۇرسىچى دىن بىرنى ئالىمەن چۇقۇم ھامان بىر كۇنى

  • abdu15421 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي راسلا ئەرزانكەنغۇ مىنىڭمۇ بىرتال ئالغۇم كەلدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号