باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ئەرلەر تۈرمىسىگە قامىلىش ئالدىدا تۇرغان بىردىنبىر ئايال مەھبۇس

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 20:00 17 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىسپانىيەدە تۇرىدىغان مېكسىكىلىق 34 ياشلىق ئېستىبالىز كاررانزا (EstibalizCarranza) ئىتالىيەنىڭ ئۇدىن شەھىرىدە قېچىپ يۈرگەندە ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئەرنى ئۆلتۈرگەن بۇ ئايال ئاۋسترىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ تەكشۈرۈلدى.

بۇ دېلو يۈز بەرگەن 1-نەق مەيدان، ئېستىبالىزنىڭ تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنى. بۇ رايوننىڭ كوچا قۇرۇلۇشى ئۆزگەرتىلگەندە خىزمەتچىلەر يەر ئاستى ئۆيىدىن سېمونت پارچىسى شەكىللىك غەلىتە نەرسە بايقاپ ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى.

ساقچىلار نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن سېمونت پارچىسى شەكىللىك نەرسىلەرنىڭ ئادەمنىڭ قالدۇق سۆڭىكى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ سۆڭەكلەرنىڭ ئىككى ئەرنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. شۇ ۋاقىتتا تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنى ئېچىۋاتقان ئېستىبالىز يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان 1-نۇقتا بايقالدى.

سوراق جەريانىدا ئېستىبالىز جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ھېسسىيات مەسىلىسى تۈپەيلى ئىككى ئەرنى 0.22 كالبېرلىق بېرېتتا تاپانچىسى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ جەسەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا ساقچىلارنىڭ توخۇئەتلىرى ئۆرلەپ كەتتى. چۈنكى ئېستىبالىز جەسەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ كۆمۈۋېتىشكە كۈچى يەتمىگەنلىكتىن توك ھەرىسىدە پارچىلاپ يەر ئاستى ئۆيىگە كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بۇ دېلو ئاشكارىلانغاندىن كېيىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى، نۇرغۇن ئادەم شۇنچە چىرايلىق ئايالنىڭ مۇشۇنداق رەزىل ئىشنى قىلغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېيىنكى سوت جەريانىدا ئېستىبالىز قىلمىشىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى، ئاقلىغۇچىمۇ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلدى.

سوتچىلار يەنە ئېستىبالىزنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانى، ئىشلەتكەن ۋاستىسى بەكلا قەبىھ بولغانلىقتىن ئادەتتىكى ئاياللار تۈرمىسىگە قاماشقا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ پات ئارىدا بىر ئالاھىدە تۈرمىگە يۆتكىلىدۇ. بۇ تۈرمە ھازىرغىچە ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن 91 ئەر مەھبۇسنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئېستىبالىز بۇ تۈرمىنىڭ تۇنجى ئايال مەھبۇسى بولۇپ قالىدۇ.

ئېستىبالىز تۈرمىگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 3-يىگىتىدىن تۇغۇلغان بالىسىنى يەڭگىپ ئۇنىڭ دادىسى بىلەن توي قىلدى. ئۇ يەنە تۈرمىدە بىر ئەسلىمە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جىنايىتىگە قايتا-قايتا پۇشايمان قىلغانلىقى بايان قىلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • توغراق،شاھى6 كۈن ئىلگىرى

    ئەرلەر،تۇرمىسىگە،قامالسا،بو،نورمال،تورموشقا،ئىگە،بولغانلىقىنى،چۇشەندۇردو،ئاياللار،تۇرمىسى،ياكى،ئارىم،كامىرغا،سولىدوق،دىسە،بو،بىر،ئايال،كىشگە،ئېغىر،جازا،بىرىلگەن،ھىساپلىناتتى،91ئەر،...راسا،جايىنى،تېپىپ،سولاپتو،

  • جىمجىت6 كۈن ئىلگىرى

    باللا بۇ ئايال ئانۇشكا شارماغا بەكلا ئوخشايدىكەنغۇ ھىس قىممىدىڭلاما

  • يەكەن ئوغلى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوجون،،،،،

    ئايال كىشىنى ئەرلە تۈرمىسىگە قامىغاندىن،ئىتىپلاۋەتسە ياخشىغۇ مىنىڭچە ،

  • ئابلىز3181 ھەپتە ئىلگىرى

    قايسى تەلەيلىك مەھبۇسنىڭ كامىرىغا كىرەر بۇ چىرايلىق ئايال

  • ئەغزەم تۆرە1 ھەپتە ئىلگىرى

    تەنھا ئالامەت ھېي شوخ، قىقاس يىگىتكەنسە

  • ئەيلىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي دوسلار ماڭا ياردەم قىلىڭلارچۇ چەمبىرەككە بىرنەرسە چىقارماقچىتىم لىكىن چىقراممايۋاتىمەن بىر ياردەم قىلىڭلار

  • ئابدىكىرىم1 ھەپتە ئىلگىرى

    توۋا نۇرداش ئۇ ئايال تۆرمىدىن چىقىپ توي قىممىغاندۇ ئۈچۈنچى يىگىتىدىن بۇغان بالسىنى تۇغۇپ توي قىلدى دەيدۇ

  • توۋا1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي نۇرداشلار تىمىنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئوقۇڭلا،،تۇرمىغا كىرىپ ئۇزۇن ئوتمەي بۇرۇنقى ئىككى يىگتىنى ئولتۇرۇپ بولغانكىن كىيىنكىسى ، 3 يىگتىدىن بولغان بالسىنى تۇغدى دەۋاتىدۇ قولغا ئىلنىشتىن بۇرۇن ئارلاشقان يىگتىدىن بولغان بالا دىگەن بولىدۇ،،

  • ♡ F o R L i F e ♡1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەڭ چوڭ دۈشمەن دنل ئۆزىدۇۇر كىشى ئۆزىگە

  • T@NHA1 ھەپتە ئىلگىرى

    91ئادەم بەك تالىشىپكىتە بۇنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号