باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

MIT: مىتسۇبىشىنىڭ Mirage ئاپتوموبىلى تېسلانىڭ Model Sتىن بەكرەك مۇھىت ئاسرايدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 19:27 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماسساچۇسېتس تېخنىك ئىنىستىتۇتى (MIT) يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىتسۇبىسىنىڭ Mirageن ئاپتوموبىلىنى تېسلانىڭ Model Sغا سېلىشتۇرغاندا ئىشلەپچىقىرىشتىن بىراك قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل دەۋرىيلىكىدە CO2 ئومۇمىي بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن، مۇھىت ئاسراش كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ماسساچۇسېتس تېخنىك ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مىستۇبىشى Mirage، تېسلا Model S ۋە BMW 750i xDriveنىڭ ئۆز دەۋرىيلىكىدە قويۇپ بېرىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، يېقىلغۇ تەمىنلەشنى ساقلاش ۋە ئاپتوموبىلغا كېرەكلىك ئېنىرگىيەلەرنى يىغىۋېلىش قاتارلىقلار ئەتراپلىق ئويلىشىلغان. 

ئاپتوموبىل قانچە چوڭ بولسا ھەرىكەت كۈچىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېنىرگىيە شۇنچە كۆپ بولىدۇ. 

ئوتتۇرىچە ھېسابلىغاندا مىتسۇبىشى Mirage ھەر كىلومېتىردا 192g كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدىكەن. تېسلانىڭ Model S ھەر كىلومېتىردا 226g كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. BMW پىكاۋى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ ھەر كىلومېتىردا 385g كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «پاكىز ئاپتوموبىل» ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. 

ئەگەر تەتقىقات ئوبيېكتى نىسساننىڭ ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلى Leafنى ئۆزئىچىگە ئالسا، ئۇ ھالدا ئەڭ قالتىس ئاپتوموبىل بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى ئەڭ ئاز. تېسلانىڭ Model X ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى تېخىمۇ كۆپ.

بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغان مەتبۇئاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەتقىقاتتا ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدا تېسلانىڭ Model S ئاپتوموبىلى سىناق قىلىنغان. بۇ رايوندىكى ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىنىڭ ھەممىسى شامال ئېنىرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنىرگىيەسى قاتارلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيەدىن كېلىدىغان بولۇپ، شۈبھىسىزكى، بۇنداق مۇھىتتا قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىد تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. 

تەتقىقاتچى جېسسىكا ترانسىك (Jessica Trancik)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن، چۈنكى ئارىلاش ماتورلۇق ئاپتوموبىل بىلەن توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىلغا قارىغاندا مۇھىتنى ئاسرايدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号