باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

لەھەڭنىڭ سۇ يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ ئوۋ ئوۋلىغان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:48 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا توردا بىر چوڭ ئاق لەھەڭنىڭ دېڭىز يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ بېلىق تۇتقان كۆرۈنۈشى خاتىرىلەنگەن سىن تورداشلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان.

لەھەڭلەر ئادەتتە ئەتراپىدىكى جانلىقلارنى تۇيۇقسىز ئوۋلايدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن مۇداپىيەسىز ھالەتتە تۇرغان ئوۋ نىشانىنىڭ تېگىدە تۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ سۇ يۈزىگە چىقىپ ئولجىسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ.

بۇ سىننى سۈرەتكە ئالغان دەن ئاببوت (Dan Abbott): «مەنمۇ دەل ۋاقتىدا ناھايىتى توغرا ئورۇندا تۇرۇپ سىنغا ئاپتىمەن. ئۇ كۈنى ئەتىگىنى بىز ئۇ جايدا بىر يېرىم سائەتتەك تۇردۇق. بىراق، لەھەڭنىڭ <ھۈنەر> ئىشلەتكىنىنى بىر قېتىملا كۆرەلىدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە بۇنداق سىنلارنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئەتىگەن تۇرۇش كېرەكلىكى، چوڭ ئاق لەھەڭلەر يوشۇرۇن ئوۋچىلار قاتارىغا تەۋە بولغانلىقتىن ئاساسلىقى قۇياش كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئوۋ ئوۋلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号