باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا دوختۇرنىڭ بىمارنى خورلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 19:51 3 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر بۆلەك سىن خاتىرىسىدە، ئامېرىكا ئالاباما ئىشتاتىنىڭ بىرمىڭخام شەھەرىدىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانا Hill Crest نىڭ بىر كېسەلخانىسىدا، سېسترانىڭ بىر ياش بىمارنى خورلىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان. 

Hill Crest ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ روھىي كېسەللەر زەنجىرسىمان دوختۇرخانىسى-يەر شارى ساغلاملىق مۇلازىمىتى شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2016-يىلدىكى تىجارەت كىرىمى 8 مىليارد دوللارغا يەتكەن، قارمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ سانى 200 گە يېتىپ، بىمارلارنىڭ سانىمۇ 455 مىڭغا يەتكەن. 

15 ياشلىق بىمار خايدىن ۋىك مۇنداق دېدى: «ئىككى سېسترا مېنى كېسەلخانىدا سۆرەپ كىرىپ قاتتىق ئۇردى». ئىككى سېسترانىڭ ئۇنىڭغا زوراۋانلىق قىلغان كۆرۈنۈشى كارىدوردىكى كۆزەتكۈگە چۈشۈپ قالغان. 2015-يىلى 4-ئايدىكى بۇ سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خايدىننىڭ ئوڭ پۇتى يارىلانغان، ئۇ دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا ئاقساپ ماڭغان. شۇ چاغدا ئىساك ئىسىملىك بىر ساغلاملىق يېتەكچىسى ئۇنىڭغا قېشىغا كېلىپ ئۇنى يۇيۇپ قويماقچى بولغان، خايدىن ئىساكقا: «سېسترا پۇتۇڭنى ھۆل قىلساڭ بولمايدۇ دېگەنتى» دېگەن. 

ئىساك ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قول شىلتىگەن، ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىنى تۇتۇۋالغان، ئاندىن تامغا نىقتىغان. خايدىن قولتۇق تايىقىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئىساك ئۇنى يەنە بىر قېتىم يەرگە يىقىتىۋەتكەن، ئارقىدىن يەنە بىر خىزمەتچى كېلىپ ئۇنى سۆرىگىنىچە ياندىكى ئوچۇق كېسەلخانىغا ئېلىپ كىرگەن. بىردەمدىن كېيىن، خايدىننىڭ ھەممە يېرى قان چىققان، كېسەلخانىدىن ئاقساپ مېڭىپ چىققان، شۇنداقلا قولتۇق تايىقى بىلەن ئىساك ۋە يەنە بىر خىزمەتچىنى ئۇرماقچى بولغان، ئۇنىڭغىچە ئىساك ئۇنى يەنە كېسەلخانىغا سۆرەپ كىرىپ كەتكەن. 

ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، خايدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە كىرىپ قالغان، كۆزى قاناپ كەتكەچكە نەچچە يىپلىق تىكىلگەن. ئۇنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېگەن: «دوختۇر ماڭا ئىككىنچى كۈنى: <ئوغلىڭىز كارىدوردا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ> دېدى». ئەمما خايدىننىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ يۈزىدىكى يېرىلغان جايلارنى كۆرۈپ دوختۇرنىڭ گېپىگە ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك سىن خاتىرىسىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. 

ئىساك ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ: «مەن ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدىم» دېگەن. دوختۇرخانىمۇ: «خايدىندا زوراۋانلىق خاھىشى بار» دېگەن. بىراق خايدىننىڭ ئاپىسى مۇنداق دېگەن: «دوختۇرلارنىڭ ئوغلۇمغا نەچچە قېتىم قەستەن ھۇجۇم قىلىشى، مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس». 

باش سۈرەت تاللاش x
  • axikdunya1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇلار غا ئادەت ئوخشايدۇ

  • بايشەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاق خالاتلېق پەرېشتېگە يارشا ئېش قېلسچۇ دوختورلارنېڭ يۇزنې چۇشۇرۇپ

  • نازىلە31 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنداق ئىشلارغا قاتتىق زەربە بىرىش كىرەك كىشىلەر بىكادىن ئەكەپ قۇيمايدۇ باللىرىنى ئۇ يەگە ياخشىراق داۋالىنارمىكىن دىمىسە ئۇلار شۇ دۇختۇرلارغا ئىشەنگەچكە ئەڭ قىممەتلىك كىشىللىرىنى ئامالسىزلىقتىن شۇ يەگە ئاپىرىدۇ ئۇلار ئەسلى كۇيۇنۇشكە ئاسراشقد مۇھتاج ، چۇنكى ھىچ كىمنىڭ ئۇنداق بۇلۋالغىسى يۇق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号