باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

ئەرلەرنىڭ 10 تۈرلۈك ئومۇميۈزلۈك مۇھەببەت پىسخىكىسى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:28 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مۇقەددىمە

دۇنيادىكى ئۈچ خىل نەرسىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىشكە بولمايدۇ: ئەر كىشىنىڭ قەسىمىگە، ئەر كىىشنىڭ ھېسسىياتىغا ھەمدە ئەر كىشىنىڭ باھانىسىغا. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ئۈچ نەرسە بولسا: ئەرلەرنىڭ قەسىمى، ئەرلەرنىڭ ھېسسىياتى ھەمدە ئەرلەرنىڭ قەلبى!

ئەرلەر سىزگە ۋەدە بەرگەندە، ئەلۋەتتە چىن كۆڭلىدىن شۇ سۆزلەرنى دەيدۇ، بىراق ئاسىيلىق قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا چىن كۆڭلىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولغاندا، كۆڭلى ئۆزگەرگەندە، سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى جەلپ قىلغان ئالاھىدىلىكىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىدۇ.

بىر ئەقىللىق ئايال ناھايىتى تەبئىيلا ئەرلەرنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرق ئېتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئەڭ ئاقىلانە قارار چىقىرالايدۇ؛ بىراق بىر نادان ئايال بەلكىم باشتىن-ئاخىر ئۆكتەملىك قىلىپ، مۇھەببەتنى كونترول قىلىش ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا دەپ ئويلايدۇ-يۇ، ئاقىۋەتتە، ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

تۆۋەندىكى 10 تۈر Fuente يېتەكچىسىنىڭ خانىم-قىزلارغا بەرگەن تەكلىپى بولۇپ، ئۇ ئاياللارنىڭ ئەقىل-پاراسەتكە تويۇنغان ھەم جەلىپكار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ:

1. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئەگەر ئەر كىشى سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلسا، ئۇنىڭدىن قەتئىيلىك بىلەن ئايرىلىپ كېتىڭ؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقلانماي تىنچ ھالەتتە ئايرىلىپ كېتىشكە دىققەت قىلىڭ.

ئەگەر سىز ئاچچىقلانسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز سەۋەبلىك ئايرىلىپ كەتتۇق دەپ قاراپ، ئازىراقمۇ ۋىجدان ئازابى تارتمايدۇ؛ ئەگەر سىز تىنچ ھالەتتە ئايرىلىپ كەتسىڭىز، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەسىراتىڭىزمۇ گۈزەل بولىدۇ، بۇ پەقەت تەقدىرىڭلار قوشۇلمىغانلىقتىن خالاس.

قەدىرلىكىم، ئەرلەرگە ئازىراق بولسىمۇ ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ مەڭگۈ يېتەلمەيدىغان مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرۇڭ، ئەرلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قەدىرلەشنى بىلمەي، ئېرىشەلمىگەنلىرىنى ئەڭ قىممەتلىك دەپ بىلىپ، ئايرىلىغاندىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۇنتالمايدۇ. ئۇنى ئۆزىڭىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇڭ، ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ پىسخىكا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىشى كېرەك.

2. 30 ياشتىن ئاشقان، ئەزەلدىن توي قىلمىغان، بۈگۈنگە قەدەر مۇقىم قىز دوستى يوق ئەرنى بويسۇندۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ. بۇنداق ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىىسنىڭ پىسخىكا ئاجىزلىقى بولىدۇ.

قەدىرلىكىم، ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ئالدىنىپ ئۆزىڭىزنى ئازابقا سۆرەپ كىرمەڭ.

3. بىر ئەرنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭ سىزنى ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا باشلاپ كىرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىغا قاراڭ.

ئەگەر ئۇ ئىزچىل سىزنى دوستلىرىغا تونۇشتۇرۇشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا، ئۇ پەقەت سىز بىلەن مۇنداقلا ئارىلىشىپ قويماقچى خالاس. بۇنداق ئەرلەر ئەزەلدىن سىز بىلەن كەلگۈسىنىڭ بولۇشىنى ئويلىغان ئەمەس.

4. ئەگەر بىر ئەرنى ھەقىقىي قايىل قىلىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئەلۋەتتە، «سىلىق سۆز تاشنى يارار»، دەيدىغان گەپ بار، ئامالنىڭ بارىچە ياخشى سۆزلۈك بولۇپ، ھەرقانداق ئىشتا ئۇنى مۇھىم دەپ بىلىڭ، ئۇ ئاغرىپ قالغاندا ھالىدىن خەۋەر ئالسىڭىز، چۈشكۈنلەشكەندە كەيپىياتىنى كۆتۈرسڭىز بولىدۇ، بىراق ئۇنى يامان ئۆگىتىپ قويماڭ، ئۇنىڭدا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويماڭ.

سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ بۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزدىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭمۇ ئوخشاش بەدەل تۆلەپ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.

5. ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز سۆيگەن ئەرگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. ئۇلار بەزىدە يۈزىنى ئاياپ، بىر قىسىم يالغانچىلىقلارنى دەپ قويىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا سىز بىلىپلا قويسىڭىز ياخشى، چۈنكى بەزى ئىشلارنى يۈزىگە سېلىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.

بىراق ئۆزىڭىزگە، ئۇنىڭغا بىر چەك بېكىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇ بۇ چەكتىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنداقتا قەتئىيرەك بولۇپ ئايرىلىپ كېتىڭ، بولمىسا، ئۇنىڭ ئالدىدا قىممىتىڭىز بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، نۆۋىتى كەلگەندە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەس بولۇپ قالىسىز.

6. ھەربىر ئايال ھاياتىدا كەم دېگەندىمۇ بىر قېتىم ھاماقەتلىك قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ياشلىقى، سەبىيلىكى. بىراق ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەخمەق بولسىڭىز، ئۇنداقتا، ئالدانغانلىقىڭىزغا، تاشلىۋېتىلگىنىڭىزگە خوپ بوپتۇ.

7. ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىز (يولدىشىڭىز)غا تېلېفون ئۇرغاندا، قايتۇرمىسا، ئېتىۋەتسە، ئۇنداقتا 2-قېتىم قايتۇرۇپ ئۇرۇشىڭىزنىڭ ئەسلا زۆرۈريىتى يوق. چۈنكى ئۇ بەلكىم راستتىنلا ئالدىراش بولۇشى ياكى ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىش قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بەك جىق تېلېفون ئۇرۇپ كەتسىڭىز، يۈزىڭىزنى چۈشۈرۈۋالسىز خالاس.

ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇردىن بىرنى قالدۇرۇپ، ئۇنى ئىزدىگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىزلا بولدى. ئۇ ئالدىراش ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۆزى ئالاقىلىىشدۇ. ئەگەر ئىزچىل قايتۇرمىسا ھەم چۈشەندۈرمىسە، ئۇنداقتا ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلشىىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

8. ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭ يانفونىدىكى قىسقا ئۇچۇرنى ئاختۇرۇپ، ئىش ئورنىغا بېرىپ ئارقسىىدىن ئەگىشىپ يۈرمەڭ. ئەرلەرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى قانچىكى مۇھىم دەپ بىلىدىغىنىڭىزنى ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك مۇھىم دەپ بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز ۋە ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك.

ئۇ سىزنى قانچىكى مۇھىم دەپ بىلسە، سىزنى شۇنچىكى ئايايدۇ، سىزدىن ئايرىلىشنى ھەتتا بۇ مۇھەببەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ.

9. باشقىلارنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز (يولدىشىڭىز)نىڭ يالغانچىلىقلىرى توغرىلىق دېگەن گەپلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ. ئەلۋەتتە، ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرسىڭىز، دەرھال ئايرىلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. بىراق يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلسىڭىز، ئۇنداقتا، سىرتتىكىلەرگە بىردەك تاقابىل تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلماي، ئاندىن ئىچكى زىددىيەتنى ھەل قىلىڭ.

بىراق ئەگەر چىداپ تۇرالمىسىڭىز، ئۇنداقتا،  ئاچچىقىڭىزنى قانداق چىقىرىۋالغۇىڭىز بولسا شۇنداق چىقىرۋېلىڭ. ئۇنىڭغا ئوخشاش پەسكەش ئەرلەرمۇ ئاياللارغا ئاسىيلىق قىلسا، قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن.

10. قەدىرلىك قىزچاق، بەلكىم بەزىدە سىز راستتىنلا «قارىغۇ» بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؛ دەسلەپتە، قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىڭلاردا، ئۇنى سالاپەتلىك، ئاق ئاتلىق شاھزادە دەپ قېلىشىڭىز، ئەڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئۇنىڭ ھەتتا پاقىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان «مەخلۇق» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.

بىراق بۇ دۇنيادا ھەمىشە شۇنچىلىك مۇنەۋۋەر ئەرلەرمۇ بار. ئۇ مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان، يۇمۇرسىتىك ھەمدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك؛ ئۇ بەلكىم باشقىلارغا ئوخشاش كانىدەك چاپلىشىۋالمىسىمۇ، بىراق تۇرمۇشىڭىزنى ئىنتايىن مەنىلىك قىلالايدۇ؛ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇ سىزنى سۆيىدۇ!

ئەگەر سىز بۇنداق ئەرنى ئۇچراتسىڭىز، قەدىرلىكىم، ئېسىڭىزدە بولسۇن، بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچىڭىزنى يېتىشىچە، ھەر قانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بولسىمۇ، سىزنى سۆيىدىغان ھەم سىزمۇ سۆيىدىغان ئەرگە ياتلىق بولۇڭ!


باش سۈرەت تاللاش x
  • مىھمان6 كۈن ئىلگىرى

    ئۈزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى بىر ماقالە يېزىپلا ھەممە ئادەمگە تاڭماقچىمۇ سىز ؟

  • نازىلە36 كۈن ئىلگىرى

    سىلەرگە ھەۋەس قىلۋاتىمەن ھەم يۇقىرقى تىمىىنى ئۇقۇپ، ئازراق كۇڭلۇم يىرىم بۇپ قالدى قانداقلا بۇلسۇن سىلەرگە بىخىت تىلەيمەن، بىر ئادەم بولسىمۇ خاتىرجەم بەخىتلىك بۇلسۇن !

  • 131******736 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ يولدىشىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ئۇمۇ مىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ مىنى بەكلا ئايايدۇ بىز مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان شۇ چاغدا مەن مىنى قوغلاشقان نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ ئىچىدىن تاللاپ تەگكەن گەرچە تۇرمىشىمىز بەك باياشات بولمىسىمۇ ئەمما ئىككى بالام بار بەك بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمىز مەنمۇ يولدىشىمنى ئەڭ ياخشى ئەر دەپ ئويلايمەن

  • ئايتېكىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۇنيادىكى ياخشى ئەرلەرنىڭ بىرسى دەل مېنىڭ يولدىشىم …

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号