باش بەت

كىنوچى

33يوللانما
9مەستانە

دېسنىي 21-ئەسىر فوكسنى سېتىۋالسا، پولات بۆرە قىساسكارلار ئىتتىپاقىغا قوشۇلامدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:25 9 ئىنكاس چۈشتى

ھازىر قويۇلۇۋاتقان مارۋېل فىلىمى «چاقماق ئىلاھى3» تىكى چاقماق ئىلاھى بىلەن يېشىل گىگانت ئادەمنىڭ ئېلىشقان كۆرۈنۈشى كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولدى. لېكىن ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە بىز پولات بۆرە بىلەن ئۆلۈم مۇھاپىزەتچىسى «Deadpool» نىڭ پولات پالۋان، ئامېرىكا كاپىتانى ۋە ئۆمۈچۈك پالۋانلار بىلەن بىرگە ئەسكىلەرگە تاقابىل تۇرغانلىقىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. 

ئىگىلىنىشىچە، دېسنىي 21-ئەسىر فوكسنىڭ كۆپ قىسىم مۈلكىنى سېتىۋالماقچى بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتى، 20-ئەسىر فوكس تېلېۋىزىيە شىركىتى ۋە فوكس سىملىق تېلېۋىزىيە تورى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. 21-ئەسىر فوكس شىركىتى پەقەت بىر خەۋەر ۋە تەنتەربىيە شىركىتىنىلا ئېلىپ قالىدىكەن.

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، دېسنىي بىلەن 21-ئەسىر فوكس كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپمۇ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان. بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، 21-ئەسىر فوكسنىڭ پاي باھاسى %10 ئۆرلىگەن، دېسنىينىڭمۇ %2 ئۆرلىگەن.

ئەگەر بۇ سودا تاماملانسا، ئۇنداقتا بۇ دېسنىينىڭ تاماشا ساھەسىدىكى كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ زورىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھوللىۋودتىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. كۆرۈرمەنلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ سودا تاماملانغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار مارۋېلغا قايتىدۇ.

ھازىر، 21-ئەسىر فوكسنىڭ 20-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتى «x ساقچى»، «ئۆلۈم مۇھاپىزەتچىسى Deadpool»، ۋە «سىرلىق تۆت پالۋان» قاتارلىق مارۋېل ھەجۋىي رەسىمىنىڭ كىنو قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ فىلىملەر 2000-يىلىدىن بۇيان، فوكسقا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم ئېلىپ كەلگەن.

ئەمەلىيەتتە، «x ساقچى»، «ئۆلۈم مۇھاپىزەتچىسى Deadpool»، ۋە «سىرلىق تۆت پالۋان» قاتارلىق بۇ قەھرىمانلار مارۋېلغا تەۋە بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرى مارۋېل زور ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچراپ، ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەسەرلىرىنىڭ كىنو قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەش ھوقۇقىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ سەۋەبلىك مارۋېلغا تەۋە بولغان كۆپلىگەن دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنىڭ ھوقۇقى بۇ باشقا كىنو شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىلگەن. «x ساقچى»، «ئۆلۈم مۇھاپىزەتچىسى Deadpool» ۋە «سىرلىق تۆت پالۋان» لار 20-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتىگە، ئۆمۈچۈك پالۋان ۋە جوكېر سونىي شىركىتىگە سېتىپ بېرىلگەن.

گەرچە بۇ كىنو شىركەتلىرىنىڭ سېتىۋالغان ھوقۇقلىرى مەڭگۈلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك ماددىلار تۈپەيلى، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار مارۋېلنىڭ قولىغا قايتىپ كېلەلمىگەن. مەسىلەن، 1994-يىلى مارۋېل 20-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتى بىلەن «x ساقچى» توغرىسىدا 7 يىللىق توختام ئىمزالىغان بولۇپ، لېكىن بۇنىڭدا ئېيتىلغان 7 يىل ۋاقىت توشقاندا، بۇ ھوقۇم ھەرگىزمۇ مارۋېلغا قايتىپ كەلمەيدۇ، يەنى بۇ 7 يىل ئىچىدە «x ساقچى» فىلىمى ئىشلەنسە، ئۇنداقتا 20-ئەسىر فوكس كىنو شىركىتى داۋاملىق ھالدا «x ساقچى» نىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئوخشاشلا، «ئۆمۈچۈك پالۋان» نى قولدىن چىقارغاندا 5 يىللىق توختام تۈزۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن، كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ x ساقچىلار بىلەن قىساسكارلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشىنى كۆرۈشى تەسكە توختىغان. 2015-يىلى سونى بىلەن مارۋېل بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، «ئۆمۈچۈك پالۋان» رەسمىي ھالدا مارۋېلغا قايتقان بولۇپ، يېقىندا قويۇلغان «ئۆمۈچۈك پالۋان: قەھرىماننىڭ قايتىشى» كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە نائىل بولغان.

دېسنىينىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Bob Iger دېسنىي تاماشا ئېمپىرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى 2019-يىلى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا، 21-ئەسىر فوكسنى سېتىۋالغانلىقى ئۇنىڭ دېسنىيغا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى سوۋغىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە بۇ ئىككى شىركەت بىرلىككە كېلىپ، دېسنىي شىركىتى 21-ئەسىر فوكس شىركىتىنىڭ يۇقاردا ئېيتىلغان كۆپ قىسىم مۈلكىنى سېتىۋالسا، ئۇنداقتا بىز ياخشى كۆرۈپ كەلگەن پولات بۆرە قاتارلىق قەھرىمانلار مارۋېلغا قايتىدۇ ھەمدە «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» دا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن، سىز بۇ قەھرىمانلارنىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» دا پولات پالۋان، ئامېرىكا كاپىتانى ۋە ئۆمۈچۈك پالۋانلار بىلەن بىرگە ئەسكىلەرگە تاقابىل تۇرۇشىنى كۆرۈشنى خالامسىز؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    ئىككىسى بىر شىركەت ئەمەس ، بىرسى ئەلرام بىرسى ئابىدە

  • ھەقىقەت1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەسلى مانداقكەندە ، مارۋىلدىكى ئىقتىدارلىق شەخىسلە ئىنتايىن كۆپ … مارۋىل ھەممىنى بىردىن كىنو قىپ ئىشلىگىلى تۇرسا ، بىيىپ كىتىدۇدە

  • 180******481 ھەپتە ئىلگىرى

    بالىلار سونى كىنو شىركىتى بىلەن مارىۋىل كىنو شىركىتى بىر شىركەتمۇ؟

  • ئەخمەق يىگىت1 ھەپتە ئىلگىرى

    كەلگۇسى 10يىل ، 20يىل ، ياكى 30 يىلمۇ ۋە ياكى 50 يىلمۇ ئۇچاق باغىچە تەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار قېرىپ تۇگەپ ماكچىيىپ كېتە ھاھاھا كەلگۇسى دەڭلا ،،،،،

  • شاھىنشاھ1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈن ۋۇكۇڭ قىساسكارلار ئىتپاقىغا قاتناشسا ياخشتى ئەمما يانا جۇباجى

  • ئەزىمەت(ئارسېنال)1 ھەپتە ئىلگىرى

    نىمەدېگەن پەيزى،مارۋېل قول ئاستىدىكى قىساسكارلار ئىتتىپاقى پولات بۆرىلەرنى قوشىۋالسا تېخىمى كۈچەيگىدەك ھەقەقەتەن ئېسىل ئىش بولدى،بىراقDCقول ئاستىدىكى (ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقى)ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان بولدىدە كۈنلەنىڭ بىرىدە (قىساسكارلا ئىتتىپاقى)بىلەن(ھەققانىيەتچىلەرئىتتىپاقى)ئۇرۇش قىپ قالسا بىر زور ئىش بولىدىغان بولىدۇ دە ………

  • تۆمۈر پالۋان1 ھەپتە ئىلگىرى

    قايتىپ كەلسىمۇ، بۇرۇنقى ئارتىست قايتىپ كەلمەيدۇ. بەرىبىر ئارتىستنى ئالماشتۇرىۋېتىدۇ

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    خالايمەن ئەلۋەتتە

  • بالۇن قاپىيە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاھ بەك ئىسىل خەۋەر بوپتۇ بەك خوش بولدۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号