باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

سوغۇققا چىدامچان «ئەڭ گۈزەل دۈمبە» ئېلان قوبۇل قىلماقچى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:45 9 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. مۇشۇ سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ كاللىسى ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئېچىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر قىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشىنى ياقتۇرسا، بەزىلەر قىزلارنى كىيىنىشىگە دىققەت قىلغىنى ياخشى، بەك ئوچۇق كىيىنىۋالسا شاللاق كۆرۈنۈپ قالىدۇ دەپ ئويلايدۇ؛ بەزىلەر قىشتىمۇ تور پايپاق كىيىپ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلسا، بەزى قىزلار تومۇز كۈنلىرىمۇ تىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئىشتانلارنى كىيىشكە پېتىنالمايدۇ.

ھازىر كىنوچىلىق ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىۋاستە كۆرسىتىش، تور ماقالىسى، تور كىنوسى دېگەندەكلەرمۇ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. بەزىلەر پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن قاپ يۈرەكلىك بىلەن بىر قىسىم ساھەلەرگە يۈرۈش قىلغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىپ، ئېچىۋېتىلگەن قىممەت قارىشى، ياۋرو-ئامېرىكا ئېقىمىغا قارىغۇلاچە ئەگىشىش ھادىسىسى شەكىللىنىپ، كىيىم كىيىشتە جۈرئەتلىك بولۇپ كېتىۋاتماقتا. گەرچە ھازىر ئىدىيەسى ئوچۇق كىشىلەرنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ، ياسىنىش جەھەتتە بارغانسېرى «قاپ يۈرەك» بولۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەرنىڭ ياسىنىش ئادىتى ئادەمنى باشقىچە «ھوزۇرلاندۇرىدۇ»، بەزىلەر يازلاردا زىيادە قىسقا ئىشتان، دۈمبىسى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ. ھازىر بىر قىسىم كىشىنىڭ كىيىنىش تېخىمۇ «ئۆزگىچە» بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلەر دۈمبىسى ئوچۇق كىيىم كىيىۋالغانلارنى كۆرسە ئارقىدىن خېلى كۆپ گەپ قىلىپ باقىدۇ.

يېقىندا، بىر ئىش كۆپچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بىر ئايال دۈمبىسى پۈتۈنلەي ئوچۇق كۆينەك كىيىپ مېتروغا چىقتى. دۈمبىسى ئوچۇق كۆينەك كىيىشنى ئانچە ئەيىبلەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ. بىراق، سورۇن ۋە ۋاقىتقا دىققەت قىلىش كېرەك-تە. ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قىش كىرىپ قار يېغىشقا باشلىدى، كىشىلەر يازلىق، كۈزلۈك كىيىملىرىنى قىشلىق كىيىمگە ئالماشتۇردى. باشقىلار ئۇزۇن يەڭلىك كىيىملەرنى، ھەتتا پوپايكىلارنى كىيىپ يۈرگەن بۈگۈنكىدەك كۈندە دۈمبىسى ئوچۇق يۈرگەن ئايالنى كۆرگەنلەرنىڭ بەدىنىنى تىترەك باستى. بىراق، ئۇ ئايال باشقىلارنىڭ قاراشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن ۋاگوندا خۇددى مودېللاردەك بىمالال تۇردى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا چۈشەنمەسلىك نەزىرىدە قارىسا، بەزىلىرى مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قارىدى، ھەتتا ئاياللارمۇ ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى باسالمىدى، بەزىلەر تېخى كىيىنىشى ئالاھىدە پەرقلىق بۇ ئايالنى يىراقتىن سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ سۈرەت توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلار سىنچىلاپ قاراپ ئۇ ئايالنىڭ دۈمبىسىدە خەت بارلىقىنى كۆردى. بىراق، خەتنى ئوچۇق كۆرۈش بىلەن ھوشىدىن كېتىشكە ئازلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە «ئەڭ گۈزەل دۈمبە ئېلان قوبۇل قىلىدۇ!» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق تۇراتتى. ئەسلىدە بۇ ئايال دۈمبىسىدە ئېلان بېرىپ پۇل تاپماقچىكەن ئەمەسمۇ. بەدىنىمىزنى بىزگە ئاتا-ئانىمىز بەرگەن تۇرسا ئۇنى خارلىساق قانداق بولىدۇ؟ بەزىلەر ئۇنىڭ ئۇسۇلىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، بۇنداق قىلىشىنىڭ يامان يېرى يوق دەپ قارىدى.

تورداشلار بۇ ئايالغا تۆۋەندىكىدەك باھالارنى بېرىشتى:

1-تورداش: قارشى تۇرىمەن! بۇ كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىش جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلسا ھەرگىز قوشۇلمايتتى ھەم قىزىنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پۇل تېپىشىدىن خىجىل بولاتتى. مېتروغا ئوخشاش ئادەم كۆپ بولىدىغان ئاممىۋىي سورۇندا بولىدىغان ئىشلار نۇرغۇن ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ باشقىلارنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرغانلىق ئەمەسمۇ؟ ھازىر دۈمبىسىنى ئوچۇق قويۇپ ئېلان قوبۇل قىلسا، ئەتە-ئۆگۈن يوتىسىغا ئېلان بېرىشى، ھەتتا سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ قورسىقىغا ئېلان سۆزى يېزىۋېلىشى مۇمكىنغۇ؟ بۇنداق كېتىۋەرسە ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ دىققەتنى بەكلا تارتىدىغىنى ھەقىقەت. بىراق، بۇ جەمئىيەتكە سەلبىي تەسىر بېرىدۇ، بالىلارنىڭ خاتا يولغا مېڭىشىغا، ناتوغرا قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك قاراش يېتىلدۈرۈۋېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

2-تورداش: قوللايمەن. بۇ بىر ياخشى ئىجادىيەت. ئوغرىلىق-بۇلاڭچىلىق قىلمىغان تۇرسا، نەرى خاتا؟ قانۇندا دۈمبىسى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىش چەكلەنگەنمۇ؟ ھازىرقى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسى بەكلا قاتمال. ھېچكىمگە ھېچقانداق دەخلى-تەرۇز قىلماي كىرىم ياراتقاننىڭ نېمىسى خاتا؟ مودېللار بەدىنىنى بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئېچىپ قويىدىغۇ؟ شۇڭا بۇنداق قىلىش ئاقىلانىلىك بولمىسىمۇ، ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.

3-تورداش: قوبۇل قىلىمەن، ئەمما تەشەببۇس قىلمايمەن. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بولىدۇ. بۇ ئايالنىڭ كىيىنىشى ئۆرپ-ئادىتىمىزگە خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىش بەزى ناتوغرا كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ياخشى. بىراق، ئۇنىڭ ئاممىۋىي سورۇندا ئوچۇق كىيىنىشى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىدىيەسى ئېچىلىپ كەتكەن ياشلارنى ياقتۇرمايدۇ. گەرچە مودېللارمۇ ئوچۇق كىيىنسىمۇ، ئەمما ئۇ دېگەن سەھنە. بىراق، بۇ دېگەن ئاممىۋىي سورۇن. ھازىر ئىلگىرى قوبۇل قىلىنمىغان نۇرغۇن ئىشلار قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىمۇ ئېچىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالدىراپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۇنداق ئىشلار بۇپ تۇرىدۇ6 كۈن ئىلگىرى

    توۋا ماتۇرداشلارنىڭ ئىنكاسىغا كۈلۈپ توختالمايۋاتىمە دىسە

  • گۈل6 كۈن ئىلگىرى

    ئۈچىنچى خىل قاراشنى قوللايمەن، ئادەم مۆتىدىل يول تۇتقان ياخشى

  • ئومەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    منڭچە يەنە نېپز ئكرانلق ئايپەتتن بېرنې ئۇرنۇتۇپ كوپرەك ئلان قوبۇل قسا بۇغۇدەك

  • گۇلئەزىز1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۇۋۋا دەيمەن. بۇنۇڭدىن كىيىن نىمە ئىشلارنى كۇرەمىز ئەمدى؟

  • akax man1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇمۇ بىر زامان تەرەقىياتىنى

  • يارالمىش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ زامان نىمىدىگەن تەرەقى قىلغانھە ھەي

  • قەخرىمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇندىن كىيىن ئەمدى مۇشۇنداق ئادەملە كۇپۇيۇپ كىتىدۇ

  • ئېلىجان 139991 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشى بوپتۇ، دۈمبىسى بىكا تۇرسىمۇ تۇرىدۇ

  • دۇنيا شاھزادىسى شىرزات.T1 ھەپتە ئىلگىرى

    شىلتىڭنى جىق ئېتىپ،دۈمبىسىگە ئاچچىق چۈچۈك تەملىك پەشۋا يېگەن چېغى بار،ئالتۇن دۈمبىڭىزدىكى ھۈررەك گۈللىرىنىڭ تېزرەك ساقىيىپ،سەللىمازا بوپكېتىشىگە تىلەكداشمەن!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号