باش بەت

چالىقۇش

983يوللانما
154مەستانە

«كۈچەپ سېتىۋېلىش»تىن كېيىن بىزدە يەنە نېمە قالدى؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:28 6 ئىنكاس چۈشتى

«كۈچەپ سېتىۋىلىش»تىن كېيىن بىزدە يەنە نېمە قالدى؟

2017.11.14      مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 

«قوش 11» چۇقان-سۈرەن ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ھەم ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشقا ئۇدۇل كېلىپ قېلىش، ھەم تۈرلۈك-تۈمەن پائالىيەت قائىدىسى ۋە كۆزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش «سېكۇنتلۇق ئەڭ تۆۋەن باھا» پائالىيەتلىرى كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى خېلى ئوبدان قىزىتىپ، بۇ يىلقى «قوش 11» سودا سوممىسىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ بەكرەك يۇقىرى كۆتۈردى. كىشىلەر ھەر تەرەپتىن پۇل توپلاپ، ئىنچىكە ھېسابلاپ، كاللا ئىشلىتىپ «جىددىي ھەم چارچىغان» ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزدى. نۆۋەتتە، بۇ «كاتتا مەرىكە» ئاخىرلاشتى، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىمۇ ئاستا-ئاستا تارىدى.

شىنخۇا تورى «<قوش 11> زور خۇشاللىق بايرىمى>دا نەرسىلەر راست ئەرزانمۇ ياكى پەقەت قاتنىشىپ تاماشا قىلىپ قويۇۋاتامسىز؟» تېمىسىدىكى توردا تەكشۈرۈشتە، يېرىم ئۈلۈشتىن ئارتۇق كىشى «قوش 11»گە قاتنىشىپ مال سېتىۋالغانلىقى، ئۈچ ئۈلۈش ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياكى ئېغىر دەرىجىدە مال سېتىۋالغۇچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. بىر تەرەپتە، توردا سېتىۋېلىش مەرىكىسىگە چوقۇم قاتناشمىسا بولمايدىغان تۇيغۇ، يەنە بىر تەرەپتە، توردا سېتىۋېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى پۇشايمان قىلىش تۇيغۇسى. ئۆزئارا زىددىيەتلىك ھەم ساقلانغىلى بولمايدىغان بۇنداق ئەھۋال بەلكىم ئاۋام ئىستېمالى دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال پىسخىكىسىدىكى جانلىق تەسۋىرى بولۇشى مۇمكىن.

«شىنجىڭ گېزىتى»نىڭ 13-نويابىر ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ماددىي بۇيۇملار ئېشىنىپ قېلىۋاتقان دەۋردىكى غەلىتە كۆرۈنۈش. نۇرغۇنلىغان تاۋارلار پەقەت مۇشۇ بىر كۈن ئۈچۈن ياسىلىدۇ، سان-ساناقسىز كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي زۆرۈر بولغانلىقتىن شۇ نەرسىنى سېتىۋالمايدۇ. بارلىق بىردەملىك ھېسىيات مۇشۇ بىر كۈندە قويۇپ بېرىلىپ، ئەكسىچە، پوسۇلكىسىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدا، سېتىۋالغان نەرسىسىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتمەيدۇ.

نېمىشقا خۇش بولمايدۇ؟ بىر تەرەپتىن، ھەقىقىي تاۋارنىڭ سېھرىي كۈچى توردا كۆرگەزمە قىلىنغىنىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، «ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجەپ ئەرزانكەن» دېگەن ئۇقۇم شۇ چاغدا ئەھمىيەتسىز بىر مەنىگە ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ بىكاردىن پۇل ئىسراپ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشى مۇشۇنداق يېرىم قوبۇل قىلىش، يېرىم قوبۇل قىلماسلىق ھالىتىدە شۇ تاۋارنى سېتىۋالىدۇ، ئارقىدىنلا كېلەر يىلى چوقۇم ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىدۇ.

ئاندىنچۇ؟ بىز ئۇ قەسىمىڭىزنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولىدۇ. چۈنكى كېيىنكى يىلىغا قالماي، پات يېقىندىكى يەنە بىر «توردا مال سېتىۋېلىش زور خۇشاللىق پائالىيىتى» باشلانسا، سىزنىڭ ئىچكەن قەسىمىڭىز كاللىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ.

ھازىر، توردا مال سېتىۋېلىش بايرىمىمۇ ئاخىرلاشتى، پوسۇلكا ساقلاشتىن باشقا، بىزگە يەنە نېمە قالدى؟ بەلكىم بىزگە قايتىدىن قەسەم ئىچىش، ياكى كىرېدىت كارتىمىزنى قۇرۇغدىۋېتىپ، ھارغىچە قەرزگە بوغۇلغاندىكى ھەسرەت ۋە پۇشايمان قالغان بولۇشى مۇمكىن! ئەمەلىيەتتە، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىي دۇنيارىمىز ئۈچۈن ئازراق بوشلۇق بېرىپ ئويلاپ كۆرسەك بولىدۇ، ماددىي قانائەتلىنىش خۇشاللىقى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، بىز زادى نېمىگە بەكرەك ئېھتىياجلىق؟


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئادىل11 سائەت ئىلگىرى

    مەن ئەلغانتىم 10كۈندىن ئۇشۇق ۋاقىتتا كەلدى

  • تولۇنئاي6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئاران نەچچە يۈزكويلا خەجلىدىم، ۋەيران بوپ كەتكۈدەك جىق ئەمەس، ئالدىڭمۇ دىسە ئالدىم دىگۈدەكلا، لىكىن قىززىق بولىدىكەن ھې ھې ھې

  • 159******106 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇ بىكارغا بىرسىمۇ تازا ئھتىيات بىلەن ئالغان ياخشى

  • ئابدۇكېرىم 5201 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ ھېچنىمە سېتۋلمىدىم ھەي

  • kanji1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە قۇرۇق يانچۇق قالدىمكى

  • 1111111111 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ھېچنىم سېتىۋالمىدىم ھازىرچە ئېھتىياجىم يوقكەن شۇڭا بىكاردىن پۇل بۇزغۇم كەلمىدى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号