باش بەت

سەپەرجان

3093يوللانما
237مەستانە

خەلقئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى: جۇڭگو 4:0 كولومبىيە

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 21:40 8 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

11-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5:35دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان خەلقئارا دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كولومبىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ يېقىنقى تۆت يىل ئىچىدە مۇسابىقىلەشكەن بىر قەدەر كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقىنى تاماملىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا كولومبىيە كوماندىسى مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە كولومبىيە كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن 3 توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئېلىمىز كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 4:0 نەتىجىدە كولومبىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ۋارىس98986 كۈن ئىلگىرى

    پالاكەتلەر ………

  • ئىمامھەسەن 09986 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە ئىرپاننى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىش كىرەك ، نىمە ئۇ 18 ياشلىق 19ياشلىق دەپ دۇنارومما مۇ 17 ياش ۋاقتىدا مەيدانغا چىقىپ بولدى ، نىمىشقا ئىپادىسى ياخشى ، ئىرپاننىڭ
    ئىپادىسىمۇ بەك ياخشى شۇنداق بولغانكەن بالدۇر چاقىرتىپ زاپاس قىلىپ بولامدۇ ، دوستلۇق مۇسابىقىسى بولامدۇ تەجرىبە توپلاتقۇزمامدۇ ،
    تىرىنىر لىپى دا مەسلە يوق ئۇ كەلگەننىڭ ياقى يىڭىلسىمۇ 90 مىنۇت ئاكتىپ يۈگۈرۈپ ئوينىغىدەك بولدى ، ئۇلارغىمۇ ئامال يوق ئاستا ئاستا كىلىدۇ ، بىراقلا كولومبىيە كوماندىسىنى يىڭىۋەتسە چىمپىيۇنلۇق بىزدىن ئاشمايدۇ

  • خىيالچان بەگزادە1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىزنىڭ دۆلەتنىڭ كوماندىسى بەكلا تىرىشتى ،، لېكىن كولومبىيە كالامپايلىرى بەكلا چىدىماسكەن قاچانلا قارىسا سۇقۇپ پۇتلاپ ئاشۇنداقمۇ چىدىماس توپ ئوينىغان بامۇ دەيمەن،، دۆلىتىمىزنىڭ كوماندىسى يول قويدى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ مىنىڭچە،، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ كوماندىسىنىڭ تېخنىكىسى تۆۋەن كەپ قالدى مۇداپىئە ئاجىز،، ھۇجۇم ئاجىز،، ئەمما ھەقىقى توپچىلارغا خاس جاسارەت بىلەن ئوينىدى،، ئەركەكتەك ئوينىدى،، قالايمىقان قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىدى پەقەت شۇنچىلىك،، ئەتىگەن دۆلىتىمىزنىڭ كوماندىسىغا 2000كوي تەنتەربىيە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان لېكىن كولومبىيە كوماندىسى ئۈچۈن 5000 كويلۇق بېلەت ئالغانتىم،، لېكىن زىيان چىقمىدى چۈنكى كولومبىيە كوماندىسى ئۇتىدىغانلىكىنى بىلەتتىم ھېچقىسى يوق چوڭ مەسىلە ئەمەس بۇ،، پەقەت تېخنىكا ئىگەللەپ تېخىمۇ قالتىس توپچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقسا باشقا ئەللەرنىڭ كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆزەمچە،،، كەمىنە مادىرىت مەستانىسى،،،، لاتارىيە ھەۋەسكارى ،، كۈندە بەش ئون مىڭ كوي پۇل ھېچقانچە گەپ ئەمەس شۇڭا بەزى نۇرداشلار خاتا چۈشەنمىسەڭلا ،،

  • كۈسەنى1 ھەپتە ئىلگىرى

    كولۇمبىيە 13 ئورۇندا تۇرىدۇ ھېلىمۇ دۆلىتىمىز بەك كۈچىدى

  • 186******481 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇداپىئەسى بەكلا ئاجىز

  • ئابدۇمىجىت،،1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۆلەت كوماندىسىدكلەرمۇ كۆپ تىرىشچانلق كۆرسەتتى

  • ئابدۇمىجىت،،1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنڭچە دۆلەت كوماندىسىدكلەرمۇ كۆپ تىرشىتى

  • *~قارا كۆز~*1 ھەپتە ئىلگىرى

    تاماشابىنلارنىڭ قەلبىدە سىلەر ئەڭ قالتىس.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号