باش بەت

چالىقۇش

1312يوللانما
354مەستانە

شىئەن ئايرودرومىغا سەپلەنگەن «بىردەم مۈگدىۋېلىڭ» ئارام ئۆيى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 22:40 10 ئىنكاس چۈشتى

شىئەن ئايرودرومىدا مۇنداق ئامبارسىمان ئۆيلەرنى كۆرىسىز. «ئامبار» لارنىڭ سىرتىغا «بىردەم مۈگدىۋېلىڭ眯一会» دېگەن خەت يېزىقلىق ھەم رەت نومۇرى بار.

سىرتىدىن قاراشتا كاپسۇل مېھمانسارايلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ئۆتكەن يىلى شىئەن شيەنياڭ ئايرودرومىغا يېڭىدىن كىرگۈزگەن ئارام ئېلىش خانىسى. 

بۇ بىر كىشلىك ئايرىمخانىسى. يەنە تېخى قوش كىشلىك ئايرىمخانىسىمۇ بار. ئاساسلىقى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بېلىتىنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەر ئۈچۈن تەمىنلەنگەن. چۈنكى تۇيۇقسىز بېلەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتكەنلەر ئاۋارە بولۇپ قايتىپ ئەتىسى يەنە كەلگەندىن مۇشۇ خانىدە ئارام ئېلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزسە بولىدۇ.

بۇ خىل ئارام ئېلىش خانىسىدە تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، ئەسلىھەلەر تولۇق. ئايروپىلاننىڭ باش بۆلمىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. 

بۇ خىلدىكى ئارام ئېلىش خانىسى نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومى، چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودرومى، خاڭجۇ تاڭشەن ئايرودرومى، شىئەن شيەنياڭ ئايرودرومىدا بار.

بۇ خىل ئارام ئېلىش خانىسىنىڭ بىر سائەتلىكى 50 يۈەن، بىر كېچىلىكى 240 يۈەن. قوش كىشلىك خانىنىڭ بىر سائىتى 80 يۈەن، بىر كېچىلىكى 360 يۈەن بولۇپ، مېھمانسارايلاردىن پەرقلەنمەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نازىلە32 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئايرىمخانا دىگەن مەخسۇس ئايرۇپىلان كۇتۇش زالىنىڭ بىر تەرىپىدە بۇلىدۇ ، ئايرىدىرۇم ئىچىگە كىرىپلا يۇك تاقلارنى ھاۋالىك تۇشۇش ئۇرنىغا تاپشۇردىغان گەپ،ھەرگىزمۇ كۇتۇش ئۇرنىغا ئەكىرگىلى قۇيمايدۇ پەقەت بىر قەدەر كىچىك قۇل سۇمكا،يەشىككە قاچىلانغان مىۋە دىگەنلەرنىلا ئەكىرگىلى قۇيدۇ 。

  • ئاق گۇل2 ئاي ئىلگىرى

    ياخشىكەن ھە يولىچىلارغا قولايلىق بوپتۇ

  • ئالدانغان يۈرەك.2 ئاي ئىلگىرى

    قانچە يۇلتۇزلۇقتۇ؟نېمانداق قىممەت؟

  • NEWRUZ2 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ياخشىكەن قىممەت بولسىمۇ ئاشۇنداق ئارام ئالىدىغان يەرنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەر جەريانىدا يۈك تاق بىلەن ھېرىپمۇ قالىدۇ ئادەم

  • ئەغزەم تۆرە2 ئاي ئىلگىرى

    ۋاھ ئالامەتقۇ كىيىن يۇرتقا قايتقاندا بىر كېچە يېتىپ چىقمىسام

  • bodak2 ئاي ئىلگىرى

    بۇپ قالدىكەن ، ئايرىدۇرۇمغا زادى لايىق كەپتۇ ،باھاسى سەل قىممەتكەن ،ئامما ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن لايىھەلىگەن ئايرىمخانىكەن!

  • شاھىنشاھ2 ئاي ئىلگىرى

    ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرمىدا بىر قاچا خام لەغمەننى بىر پىيالە قىرتاق چېيى بىلەن 127كويغا يەپ ئايرۇپلانغا چىققاندا ئىچىم سۈرۈپ چۈشكەندە ياندۇرۋەتكىنىم ئىسمگە كەلدى

  • نازىلە32 ئاي ئىلگىرى

    قىممەتلىكىغۇ بىر ئاز قىممەتكەن لىكىن ئايرىدىرۇم دىگەن تۇلىمۇ چەت يىراق جايلاردا بۇلىدۇ بۇلۇپمۇ بىيجىڭنىڭ ئايرىدىرۇمى شەھەر ئىچىدىن تەخمىنەن بىرەر يۇز يۇندىن ئارتۇق يول ، مەسىلەن باشقا بىر شەھەردىن ئايرۇپىلانغا ئۇلتۇرۇش ئۇچۇن كەلگەن بۇلسا قايتىپ يننە كىلىشنىڭ ئۇرنىغا بۇ مۇ قۇلايلىك بىر ھىساپتا ھەم سىرتنىڭ ئايرىدىرۇم ئەتراپىدىكى مىخمانخانلارغا قارىغاندا كۇپ بقخەتەر مىكىن دەيمەن

  • خەي...2 ئاي ئىلگىرى

    ئوۋ ئوۋ ئوۋ ئوۋ ئوۋ

  • قەخرىمان2 ئاي ئىلگىرى

    بەك قىممىتكەن بۇ كىچىك بوغان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号