باش بەت

durdana

1071يوللانما
58مەستانە

جۇڭگولۇق قىز-ئاياللارغا يۈز چاپلىقى «جىنى» چاپلاشتىمۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 23:20 37 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېڭى زاماندىكى ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە قانداق ئۆلچىمى بار دېيىلسە، تەبئىي كۆرۈنۈش ئۆلچەم قىلىنىۋاتىدۇ. بىر كۈنلۈك گىرىمى كەچكۈچە شۇ پېتى چىرايىنى سۈزۈك كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

يېقىندا مىكروبىلوگدا 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر قىزچاق ئۆزىنىڭ گىرىم ئۈستىلىنى داملاتتى. مىڭ خىلغا يېتىدىغان، قىممىتى ئون نەچچە مىڭلىق گىرىم بۇيۇمى بار ئىكەن. 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان «ئاچاشلار» بۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئىكەنغۇ، ۋاي توۋا، بىزمۇ ياشىدۇق دەپ يۈرۈپتۇق...ئېسىت...

قىزلار بۇنداق بولسىغۇ مەيلى، ھەتتا باشلانغۇچنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى تەكرار سىنىپىدا يۈز چاپلاق چاپلىغاچ تاپشۇرۇق ئىشلىگەن، ئېيتىشىچە بۇنى ئانىسىدىن ئالغان ئىكەن، ئادەتتە ئانىسى ئۇنىڭغا چاپلاپ قويغىلى ئۇنىمىغاچقا ئۇ ئوغرىلىقچە ئەكەپتۇ.

ۋەتەننىڭ چېچەكلىرى بولمىش بالىلارمۇ چىرايىنى ئاجايىپ ئاسرايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ دېسە.

نۇرغۇن قىزلار تېرىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دائىم يۈز چاپلاق چاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۈتمەكچى بولىدۇ، يۈزىدىكى قورۇقلارنى، كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيەسىنى، پېشانىسىدىكى مودۇر-چوقۇرلىرىنى چاپلاقنىڭ ئېلىپ كېتەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لەۋسۇرۇختىن بىرنى ئاز ئالسا بولىدۇ، لېكىن يۈز چاپلاقتىن بىرنى ئاز چاپلاشقا بولمايدۇ.

«يۈز قۇرۇلۇشى» نىڭ كۆلىمى غايەت زور

يۈز چاپلاق چاپلاش بىر خىل «ئېسىلزادىلەرچە» بولغان ئۆزىنى سۆيۈش ئۇسۇلى. ئەڭ بۇرۇنقى يۈز چاپلاقنى «داڭدار» لاردىن-مىسىر خانىشى چاپلىغان بولۇپ، تۇخۇم ئېقىدىن يۈز چاپلاق ئىشلەتكەن.

جۇڭگو قەدىمكى دەۋردىكى ئاياللارمۇ ئۇنچە زاماننىڭ ئارقىدا قالمىغان، تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ياڭ يۈخۇەن ئۆزى قارا مەرۋايىتتىن يۈز چاپلىقى ياسىغان، تېرىسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن تاڭ شاھىنى مايىل قىلغان. ۋۇ زېتىيەن ئۆمۈر بويى جوڭيىچە دورىلارنى ئىچىپ 80 ياشتىمۇ قېرىمىغان. شىسى تەيخوۋ تۇخۇم ئېقىنى يۈزىگە سۈرۈپ 60 يېشىدىمۇ يۈز تېرىسى شۇنداق ياخشى ئىكەنتۇق.

بۇرۇنقىلار شۇنداق بولغان يەردە ھازىرقىلار ئۇلاردىن بوش بولاتتىمۇ؟ ھازىر نۇرغۇن مېتىرولاردا «يۈز چاپلاق ئاپتوماتىك سېتىش ماشىنىسى» بار، تۈرلىرى سەرخىل، سېتىۋېلىش قولايلىق، نۇرغۇن سودىگەرلەرمۇ يۈز چاپلاقنى مۇكاپات بۇيۇمى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سېتىش ئىستىراتىگىيىسى سۈپىتىدە خېرىدارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ.

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 1000 غا يېقىن پۇقرا ۋۇخەن بولىن مەيدانىغا يىغىلىپ، يۈز چاپلاق مۇكاپاتى تالاشقان، ئىچىدە ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس.

ئەنگلىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى جۇڭگو ئاياللىرى يۈز چاپلاققىلا 6 مىليون 500 مىڭ يۈەن خەجلىۋەتكەن. ئۆتكەن 6 ئاي ئىچىدە 95 پىرسەنت 20 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان جۇڭگولۇق ئاياللار ئىلگىرى يۈز چاپلاق ئىشلىتىپ باققان، ئالدىن مۆلچەردە 2019-يىلى جۇڭگونىڭ چاپلاق بازىرى 13 مىليارد يۈەنلىك قىممەت يارىتىدىكەن، بۇ گىرىم بۇيۇملىرى داڭلىق بولغان كورېيەنى خېلىلا كەينىگە تاشلايدۇ.

ئاسىيا رايونىنىڭ يۈز چاپلاق ئىشلىتىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى، پەقەت سىز «چىراي مۇھىم» دېگەن قارماقنى تاشلىسىڭىز سېتىلىش مىقدارى ھېچقانچە گەپ ئەمەس. جۇڭگو بازىرىدا چوڭ-كىچىك يۈز چاپلاق ماركىلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا 4 ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن، نىلسون (دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق بازار تەكشۈرۈش شىركىتى-ت) ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكىلاتتا يۈز چاپلاق 24.6 پىرسەنتلىك ئۈلۈشى بىلەن 1-ئورۇنغا چىققان، سېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان تۈر قاتارىغا كىرگەن.

يۈز چاپلاقنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىسى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغان، ئەرزىنى 5 يۈەندىن قىممىتى نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن. يۈز چاپلاق بازىرى مەخسۇسلاشقان ئىشلەپچىقارغۇچىلار، گىرىم بۇيۇملىرىغا ۋاكالەتچى بولغانلار، ئۈندىدار سودىگەرلىرى قاتارلىقلار ھەممىسى ھەر خىل يۈز چاپلاقلارنى قېزىپ چىقىپ، بازار تالاشماقتا.

1993-يىلى توقۇلمىسىز رەختتىن ياسالغان يۈز چاپلاق ئاپىرىدە بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن مەشۇت يۈز چاپلىقى، يىلىملىق يۈز چاپلىقى، ساپ پاختىدىن ئىشلەنگەن، پامبۇك تالاسىدىن ئىشلەنگەن دېگەندەك يۈز چاپلاقلار تۇشمۇتۇشتىن يېغىپ كەتتى. ماتېرىيالى ۋە سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبى ئوخشىمىغانلىقتىن يۈز چاپلاقنىڭ باھاسىدىمۇ چوڭ پەرق پەيدا بولدى.

ئۇنداق بولسا ھېلىقىدەك ئاقارتىدىغان، قورۇق تۈزەيدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئىقتىدارلىرى بار يۈز چاپلاقلار كارغا كېلەمدۇ؟

ئەپسۇس، ئادەتتىكى ئەرزان باھالىق يۈز چاپلاقلار پەقەت «نەملىك ساقلاش» رولىنىلا ئۆتەيدۇ. بۇ خىل يۈز چاپلاقلارنىڭ تەركىبىدە ماي، نەملىك ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئاساس قىلىنغان. شۇڭا تېرە تۆشۈكچىلىرىگە سۇ تولۇقلاپ، ھۈجەيرىلەرنى تەرتىپكە سالىدۇ، شۇڭا يۈز چاپلاقنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن تېرە يۇمران، سۇلۇق كۆرۈنىدۇ، ھەتتا «ئاقىرىپ قالغان» دەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن بۇ ئۈنۈمگە يۈزنى يۇيۇش بىلەنمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

نىيويورك تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى Dendy Engelman دوكتۇر ئوخشىمىغان ماركىدىكى، ئوخشىمىغان باھا ۋە ئىقتىداردىكى يۈز چاپلاقلارنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ئىستىمالچىلارنىڭ ئاسانلا ئەرزان باھالىق يۈز چاپلىقىغا يۈگرەيدىغانلىقىنى بايقىغان، لېكىن ئەرزان باھالىق يۈز چاپلاق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بولىدىغان بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پايدىسى يوقكەن.

ئۇنداق بولسا قىممىتىنڭىچۇ؟

بازاردا بىر تېلى نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بولغان تور يۈز چاپلاقلىرى بار، بۇنداق يۈز چاپلاقلاردا «تەبئىي ھەم ئالاھىدە بولغان ھاياتىي كۈچى بار»-ئاقسىل يىلىمى بار ئىكەن، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىكەن. لېكىن تەبئىي كوللاگىن ئاقسىلى ھايۋانلارنىڭ ياكى ئادەملەرنىڭ ھەمرىيىدىن ئېلىنىدۇ، سۇدا ئېرىشچان ئەمەس، يەنە تېخى ۋىرۇس بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، شۇڭا بازارلاردىكى كوللاگىن ئاقسىللىق يۈز چاپلاق سۈنئىي كوللاگىن ئاقسىلىدۇر.

بېيجىڭ ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەجىرىبىسىنىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «سۈنئىي كوللاگىن ئاقسىلى» دا ياسالغان يۈز چاپلاقنى ئىشلەتكەندىلا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن، پەقەت سۇ تولۇقلاپ، ماي ئاجرالمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈنۈمى بار ئىكەن، شۇنداقلا قىسقا مۇددەتتە قورۇقلارنى تۈزلىيەلەيدىكەن.

باشقا يۈز چاپلاقلارچۇ، ئادەمنى ئۇنداق ئۈمىدسىزلەندۈرمەڭ دەمسىز؟

يانار تاغ لاتقىسىدىن ياسالغان «كانە تازىلايدىغان» دەيدىغانلىرىچۇ؟ بۇنداق مەلھەم قىلىدىغان يۈز چاپلاقلار تېرىنى تازىلىيالايدۇ، لېكىن تېرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئالتۇن يۈز چاپلىقىچۇ «قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىغان»-ئالتۇننىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارنىڭ بارلىقى بار، ئەمما بۇ ئالتۇن ۋاراقلىق ئالتۇن يۈز چاپلىقىدا بۇنداق ماددىنىڭ بولۇشىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

2007-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا بىر قىزچاق ھۆسن تۈزەش سودا بۇيۇملىرى يىغىنىدا 24 k لىق ئالتۇن ۋاراقلىق يۈز چاپلىقى چاپلاتماقتا.

يېلىملىق يۈز چاپلىقى «دانىخورەكنى تەلتۆكۈس بىر تەرەپ قىلىدىغان» چۇ؟

ماي ۋە دانىخورەك دېگەن تەرلىگەندىن كېيىن مايلار تەر تۆشۈكچىسىنى ئېتىۋالغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ، مايلىق تېرىگە يېلىملىق يۈز چاپلىقىنى ئىشلەتسە ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق بولىدۇ. پەقەت كۈندە يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

چىرايلىق قويۇلغان كەسپى ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئالداپ پۇل تېپىشنىڭ دەستىكى.

ھەر قانچە كاتتا يۈز چاپلىقىمۇ، ھەر قانچە ياخشى ۋەدىلەرمۇ سۇ تولۇقلاپ، تازىلايدۇ دېگەن ئىككى چوڭ ئىقتىداردىن ئايرىلالمايدۇ.

پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىدىن باشقا ھېچكىم ياشلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالمايدۇ، گەپ ئاڭلاڭ، يۈزىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ بېرىڭ.

ئۇلار سىزنى ئالدىغاندىن سىرت يەنە سىزنى «نابۇت» قىلىدۇ.

مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئاشكارىلىغان ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى قىززىتقان مەلۇم يۈز چاپلىقى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ھورمۇن مىقدارى ئۆلچەمدىن 6000 ھەسسە يۇقىرى چىققان. تەكشۈرۈلۈشىچە، ئۈندىدار سودىگەرلىرىنىڭ سېتىۋاتقىنىنىڭ كۆپىنچىسى «قارا زاۋۇت»لارنىڭ ماللىرى بولۇپ، «ئۈچ يوق مەھسۇلات» ئىكەن، ماتېرىيالىغا قانداق ئىشەنچ قىلغىلى بولسۇن دەيسىز.

بۇ خىل يۈز چاپلاقلىرىنى چاپلىغاندىن كېيىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە راستتىنلا ئاقارتىدىكەن، تېرىنى يۇمران قىلىدىكەن. لېكىن ئىشلتىشتىن توختىسىڭىز تېرىڭىز قىزىرىپ، قىچىشىپ، ئاغرىيدىغان ئالامەتلەر بولىدىكەن، يەنە تېخى دانىخورەكنى ئاۋۇتۇپ، رېئاكسىيە قىلىدىكەن. تايىنىپ قېلىش ئېغىر بولىدىكەن، تېرىنى تېخىمۇ ناچار قىلىۋېتىدىكەن.

توردا ئىلگىرى بىرەيلەن شۇنداق دېگەن، بىر بىئولوگىيە پىروفېسسورى مۇنبەردە قاتتىق نەپرەت بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ: «سىلەر قىزلار كۈندە يۈز چاپلاق چاپلىدۇق دەيسىلەر، زىيادە ئاقسىلنى تېرىنىڭ سۈمۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ تېخى بىر چاپلىغانچە يېرىم سائەت تۇرغۇزىسىلەر، ئۇ چاغدا ئۇنىڭدىكى مىكرو جانلىقلارغا بايرام بولىدۇ...»

ئەگەر تېرىدە ئازراق كىچىك جاراھەت بولۇپ قالسا، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھېلىقى گىرىم بۇيۇملىرى يۇقۇملاندۇرۇشى، ياللۇغلاندۇرۇشى مۇمكىن، يەنە تېرىنىڭ يۇمشاق توقۇلمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ئۆپكىنى ھەتتا قاننى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئاق قان كېسىلى قىلىپ قويىدۇ.

ئىشەنچلىك يۈز چاپلاقلاردا مۇۋاپىق مىكروب تىزگىنلىگۈچى ماددا بار، لېكىن ئۆزى ياسىۋالغان ياكى كېلىش مەنبەسى نائېنىق بولغان يۈز چاپلاقلاردا بۇنداق ماددا يوق، شۇڭا ئاسانلا مىكرو پەيدا قىلىدۇ.

قانداق قىلغاندا تېرىنى ئىلمىي ئاسىرىغىلى بولىدۇ؟

ئېيتىپ كەلسەك، بەك كونا ماقام تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇ ۋاقتىدا يەپ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، قانغۇدەك ئۇخلاش، تەرتىپلىك بولۇش ھەر قانداق ئىشتىن بەكرەك كارغا كېلىدۇ.

تېرىنىڭ خۈنۈك بولۇشىنىڭ كۆپىنچە سەۋەبى ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانچىلىقى، توكسىننىڭ چۆكۈندى ھاسىل قىلىشىدىندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلەرنى كۆپەيتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ۋە قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەبئىي ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇش كېرەك.

كۆز ئەتراپى قارىدىسا، قورۇق بولسا، ئۇخلاپ قانمىغانلىق سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ، ھەر كۈنى 11 دە ئۇخلاپ بولۇش، يېتىش ھالىتى سەۋەبلىك قورۇق چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

قارىراق بولسىڭىز، كۈندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچسىڭىز، تېرىدىكى قارا پېگمىنىتنىڭ چۆكمە بولۇپ قېلىشىغا تاقابىل تۇرالايسىز، ئاپتاپقا بەك قاقلىنىۋەتمەڭ.

يىغىپ ئەكەلسەك يۈز چاپلاق چاپلاش يۈزنى پاكىز يۇيغانغا يەتمەيدۇ. ھېچبولمىغاندا پۇلىڭىز يانچۇقىڭىزدا قالىدۇ.

دەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ قائىدىنىغۇ جىق ئاڭلىدۇق، لېكىن شۇ يەنە چاپلىغۇم بار ئىدى دېسىڭىزمۇ مەيلىڭىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈل رەڭگى6 كۈن ئىلگىرى

    يەنە قۇرۇتۇلغان لىمۇننى دەملەپ ئىچىپ بەرسىمۇ يۈز تىرىسىگە پايدىلىق، كۈندە كەچتە جىق ئەمەس بىرسىقىم گازىر، بادام، قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، ياڭاق، يەپ بەرسە قۇرغاق تىرىلەرگە تىرىنى يۇمشاق ھەم مايلاشتۇردۇ، يەنە چاچ، قاشلارغا ئوزۇق، بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ

  • گۈل رەڭگى6 كۈن ئىلگىرى

    نەزىرە نۇرداش سادىقلىق توغرا دەيدۇ قايناقسۇنى كۆپ ئىچىپ ئۇيقىنى يىتەرلىك ئۇخلىغاندا يۈز تىرىسىگە پايدىلىق يەنە مايلىق يۈزلەرگە تەۋسىيەرىم مايلىق، ئىسسىقلىق تاماقلارنى ئاز يىيىش، گازىر، پىچىنە پىرەنىك لەرنى كۆپ يىيىشتىن ساقلىنش ئەتتىگەن ۋە كەچتە قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، مىۋە چىۋىنى كۆپ يەپ بىرىش، كەچتە يۈزنى پاكىزە يۇيۇپ يىتىش، ئەتتىگەندە يۈز يۇيىدىغان سۇغا تۇز، ئاچچىق سۇ ئارلاشتۇرۇپ يۇيۇيۇپ بىرىش، گۈرۈچ يۇيغان سۇدا يۈزنى يۇيۇپ بىرىش، قاتارلىقلار مۇشۇلارنى تولۇق ھورۇنلۇق قىلماي قىلىپ بەرسە يۈزنى سۈزۈك ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ، مىنىڭمۇ يۈزۈمگە بۇرۇن دۇدۇلا بەك كۆپ چىقاتتى، نۇرغۇنلىغان دانىخورەك يوقىتىش مەلھەملىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم، ئەڭ ياخشى دىگەن يۈز چاپلاقلارنى ئىشلىتىپ باقتىم، دوختۇرخا كۆرۈنۈپ دورا ئىشلىتىپ باقتىم ئەمما ئۈنىمى ۋاقىتلىقلا بولغان ئىدى، بۇ قىتىم بۇ يەرلىك ئۇسۇلنى بىريىل قوللاندىم ھازىر يۈزۈم شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتتى

  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    توۋا كارتۇن گۇاڭ توۋچىياڭ نەق بۈگۈنكى قىسمىدا يۈزگە چاپلاق چاپلايدىكەن قىززق . ئېىيقلار تۇنيالمىسۇن دەيدۇ.بىر ھازا كۈلۈپتىمە قارغاندا مەن زاماننڭ كەينىدە قالدىممۇ ھا ھاھا ھا ھا

  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    ئىچى سىرتىدىن ماسلاشسا ئەلۋەتتە گۈزەل بۇلدۇ.لىكىن ساغلام بولسا تېېخمۇ گۈزەل بۇلدۇ .مەن ئەزەلدىن يۈز چاپلىقى ئىشلىتىپ باقمىدىم لىكىن ھەرخىل يەرلىك ئۇسۇللارمۇ بوپ قالدىكەن يۈز تىرەممۇ خېلى ياخشى ھەم سۈزۈك لىكىن مۇشۇ چولپانلارغا قارسام شۇنداق ھەۋسىم كىلدۇ.كىم گۈزەللكە ئىنتىلمەيدۇ دەيسىلە شۇڭا مەنمۇ يۈز چاپلىقى سېتۋالاي دەپ ئويلاۋاتمە ئەلۋەتتە يەرلىك رىتسىپلاردىنمۇ يۈز ئۆرىمەيمەن ئىزچىللىق مۇھىم چولپان بۇلالمىساقمۇ چولپانلاردەك گۈزەل بولساق نىم بوپتۇ ھى ھى

  • ئايتېكىن6 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىڭلارنىڭ ئۆزئالدىڭلارغا توغرىدۇ،لېكىن تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىك بىرلەشسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ،چاپلاق چاپلاش ئىچكى گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزمەيدىغاندۇ،چاپلاق چاپلاپ ئۆزىنى ياساپ يۈرىدىغان خانىملاردا ئىچكى گۈزەللىك يوق دىيەلەمدۇق،ئوخشاشلا ياسانماي تېرىسىنى ئاسرىماي يۈرىدىغانلارنىمۇ قەلبى گۈزەل دەپ كېسىپ ئېيتالامدۇق ،شۇڭا ھەركىمنىڭ ئۆزىگە توغرا…

  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    ھەسەل چىلان ئالقات زەنىجۋىلنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە ئۈنمى بەك ياخشى بۇلدىكەن.يەنە قاتتق پوستىلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى چاچقىمۇ پايدىلىق تىرىمۇ يۇمران سۈزۈك توق لەۋ تىرناقلارمۇ پارقىراق بۇلدىكەن

  • ئېچىلجان6 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىسى بىكا چىقىم ، ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق ، مۇشۇ ئاياللارنىڭ نەچچە ئەسىر ياشايدىغاندەك گىرىم قىلىمەن دەپ ھەر كۈنى نەچچە سائەت ۋاقىت ئىسراپ قىلۋېتىشلىرىنى ئويلىسام ، تىنىم شۈركىنىپ كىتىدۇ ، تاماق يەڭ دىسە ئۇرۇقلايمەن دەپ تاماق يىمىگەن ، قاچان قارىسا ئەخلەت خوگوخانا ، ئاچچىقخانىلاردا يۈرگەن ، شۇڭا ئەلۋەتتە بوشايدۇدە تىرىسى ، شۇ نەچچە سائەت ۋاقىتنى باللىرىغا بەرسىچۇ ئىست ، ھەممىنى يەسلى ، مەكتەپلەرگە يۈكلەپ قۇيۇشلىرى ،

  • ئۈمۈد6 كۈن ئىلگىرى

    گىرىم باشقا ،يۈز تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى باشقا ،گىرىم تىرىنى بۇزىدۇ ،تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلرى تېرىنى ئاسىرايدۇ ،بوممىسا خەق ئايدا نەچچە يۈزكوي خەجلەپ يۈز چاپلاق ئىلىپ نىمىش قىلىدۇ بۇرۇنقى موھىت بىلەن ھازىرقى موھىت پەرقلىنىدۇ ،بىركۈن بولغانغان ھاۋادا بۇلغانغان سۇ نى ئىشلىتىمىز ، بۇرۇن يۈز چاپلاق يوق شۇڭا ئىشلەتمىگەن بىراق ھازر با

  • 去xan麦36 كۈن ئىلگىرى

    ھەي قىزلا يۈزگە تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن بىللە سۈرىيدىغانغا ساپ ھەسەل ئىشلىتەمدۇ ياكى دۇكاننىڭ ھەسەللىرىنى ئىشلەتسەكمۇبۇلامدۇقاچىلىك ۋاقىتتا بىرئىشلىتىمىز

  • جەسۇر جەڭچى6 كۈن ئىلگىرى

    تاشقى گۈزەللىكتىن ئ‍ىچكى گۈزەللىك ئەڭ مۇھىم
    ئ‍ىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى بىرلەشسە بۇ دۇنيا بەك گۈزەل
    بۇلىدۇ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号