باش بەت

durdana

1071يوللانما
58مەستانە

«غەربكە ساياھەت» تىكى شۇنچە كۆپ مودا ئامىللىرىنى بىلمىگەن ئۆمرىمىزگە ۋاي

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 23:38 22 ئىنكاس چۈشتى

شىجۆجى سالونى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1986-يىلىدىكى «غەربكە ساياھەت» نىڭ كونا نۇسخىسى يادىڭىزدا باردۇ؟

ئىچىدىكى ھەر بىر شەخىس بىزنىڭ چوڭ بولۇشىمىزغا تەڭ ھەمراھ بولغان، ئەينى يىلى قانچىلىك ئادەمنىڭ بۇ تىياتىرنىڭ ۋەقەلىكىگە چوڭقۇر چۆككەنلىكىنى ھېسابلاپ بولماق تەس.

مەن دۇنيادىكى بارلىق گىرىمچىك ۋە كىيىم لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ «غەربكە ساياھەت» تىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم.

چاچ پاسونى ۋە گىرىم جەھەتتە

«كۆز قۇيرۇقىغا ئەڭلىك سۈرۈش» بۇنداق ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدىغان ياپونچە گىرىمنى ئەۋلىيا ئەزەم ئۆز زامانىسىدا قىلىپ بولغان.

بۇ يىل مودا كۆرگەزمىلىرىدە قاتتىق مودا بولغان ئالتۇن قاپاق گىرىمىنى ئەۋلىيا ئەزەمدىن ئىلھام ئالغانمىدۇ؟

توپا رەڭ لەۋ گىرىمى يېقىندا قاتتىق مودا بولدى، بۇنى كۆپ تونۇشتۇرمىساقمۇ بولار، تاڭ سېڭ ھەزرەت ئۇنى دائىم سۈرىۋالاتتى.

ياڭ مى دائىم سۈرىۋالىدىغان سۆسۈن رەڭلىك لەۋ گىرىمىنى بىزنىڭ كىچىك تۈلكە خېنىم ئىشلىتىپ بولغان.

ئەجدىھا قىزچاقنىڭ كۈلرەڭ گىرىمىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى، مانا ھازىر مودا بوپتۇ.


مودا بولۇپ ئوت كەتكەن قىسقا بۈدۈر ماڭلاي غەربكە ساياھەتتە چىقىپ بوپتىكەن.

ئىت تالىۋەتكەن ماڭلايمۇ بار يەنە جۇمۇ!

يەنە تېخى ئوماق كۇمىلاچ باش چاچ پاسونىمۇ بار، ئامىتامۇ يامانكەن.

بۇنداق «مودا» تىياتىردا قىزىل لەۋسۇرۇخ كەم بولسا بولامدۇ؟

قىزلار ئاجايىپ ياقتۇرىدىغان YSL لەۋسۇرۇخمۇ بىزنىڭ ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك شاھىمىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش رەڭدە.

ماۋۇ ئۇسلۇبمۇ غەربكە ساياھەتنىڭ جۇما دەپ قوياي.

لى بىڭبىڭ ئامراق لەۋسۇرۇخنى ئاۋالوكسىۋارا سۈركەپ بولغان.

شالاڭ ماڭلاي غەربكە ساياھەتتە بەك كۆپ ئۇچرايدۇ.

دېڭ زىچى قىلىۋالغان قوش كۇمىلاچ باشمۇ بار يەنە.

شۇنىڭدىن قاتتىق گۇمانلاندىمكى، كورېيەلىك قىياپەت لايىھەلىگۈچىلىرى ئوغىرلىقچە غەربكە ساياھەتنى كۆرۈپتۇ.

كېيىم-كېچەك

شۇ بىر تەرىپىنى كىيىپ، بىر تەرىپىنى سالىدىغان ئىشكەنغۇ، تاڭ ھەزرەت بۇنىڭ ئەھلى.

بۇ يىللىق داڭلىق كىيىم كۆرگەزمىسى، شۇ جۇ باجىيېنىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن.

يەنە تېخى چاسا ياغلىقمۇ بار، جۇ باجىيې پاسونىدىكى، ئۆزگىچە ھەم سالاپەتلىك كۆرسىتىدىكەن.

ئەينى يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەندە دىققەت قىلماپتىكەنمەن، شاسېڭنىڭ قولىدىكى بىلەيزۈك شەنىلنىڭكى بىلەن ئوپئوخشاش ئىكەن!!!

ئامىتا بۇددانىڭ سېرىق رەڭلىك شاھانە كىيىمىگە ئوخشىمايدۇ دەڭە قېنى؟

ماۋۇ شامال مالائىكىسىنىڭ كىيىمى كىيىم كۆرگەزمىسىگە چىقىپتۇ مانا.

ئوخشاشلا يولۋاس باش بېزىكى، ئەمما غەربكە ساياھەتتىكىدەك سالاپەت نېمىش قىلىدۇ؟

غەربكە ساياھەتتە كۆپ چىقىدىغان «قىزىل گىلاستۇك» مودا ساھەسىدە بەك ئەتىۋارلىق.

ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك، كۈمۈش مۈڭگۈزلۈك پادىشاھلار كەلدى، ئوخشاشلا پارقىرايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

جۇ باجىيې ئۇخلىغاندا چىگىۋالغان لىنتا بىلەن ماۋۇ لىنتىدا پەرق بارمۇ؟

ۋاي ۋۇي ئاياغلىرىمۇ ئوخشاشكەن دېسە.

مادوننانىڭ ماۋۇ كىيىمىنى غەربكە ساياھەتتە ئالۋاستى خوتۇنلار كىيىپ شاما قىلىۋەتكەن.

ئۈنچە مەرۋايىتلارمۇ شۇنچىلىك ئوخشىغان.

ئەسلىدە داڭلىق ماركىلار ياقتۇرىدىغان قاپلان تېرىسىمۇ چىمەنتاغدىلا نامايەن بولغان.

لېيدى گاگامۇ چوقۇم غەربكە ساياھەتنى قاتتىق ياقتۇرىدىكەن.

بولمىسا شۇنچە ئوخشايىتتىمۇ؟

بۇلارنى كۆرۈپ ھەر قانچە دوراپ باقسىمۇ قەلبىمىزدىكى ئاشۇ «غەربكە ساياھەت» كە يېتەلمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، سىلەرمۇ ھېس قىلغانسىلەر؟


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەرەفات ئەخمەت4 كۈن ئىلگىرى

    يەنە بىرسى ئاۋۇ تاڭسىڭنىڭ قۇلۇقىدىكى قاسساپ ئاسقۇنىڭ ھالقىسىغا ئوخشايدىغان ھالقىمۇ بەك مودىغۇ ھازىر

  • باھار6 كۈن ئىلگىرى

    كۈلكە سېغىنىپ تۇرغاندا بەك ياراپ كەتتى بۇ مەزمۇن .

  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    بەك ئۇماق ھە سىلە.ئىنكاس ئوقۇيمەن دەپ نۇر تورىغا قاراپلا ئولتۇرمەن.كۆزۈم چاتاق بولماس ھى ھى

  • مىھرى نىقاپ6 كۈن ئىلگىرى

    ۋايجان نىم دىگەن قىززىق ،ئامىتامۇ يامانكەن دەپ ،

  • ئېچىلجان6 كۈن ئىلگىرى

    ۋۇ ھا ھا ھا ، ، ، بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدىب، بولدى مەن بىردەم كۈلۋالاي

  • قەلبى6 كۈن ئىلگىرى

    ۋەششى كىرىش تۇرۇپتۇ

  • شاكىلات قىز6 كۈن ئىلگىرى

    راسلا بەك ئوخشىتىش بوپتۇ، بەكلا كۈلگۈم كەلدى جۇمۇ، ھاھ ھاھ ھاھ ھا، ئۈزەمنى تۇتىۋالاي، باكا كالپۇكۇم ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك بوپ قامىسۇن،

  • @يىگانە@6 كۈن ئىلگىرى

    نىمدىگەن قىزىقارلىق ئوخشىتىش بۇ،ھاھاھاھاھا
    نەچچە كۈنگىچە كۈلىدىغان بولدۇمدە،،،،

  • شارۇلخاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    بىز غەرىبكە ساياھەتنى قانچە كۆرسەكمۇ ،يەنە كۆرگۈمىز كىلىپ تۇرىدۇ ،ھەقىقەتەن قالتىس تىلۋىزىيە تىياتىرى جۇمو بۇ

  • مەڭگۈ … …6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن كۆزى ئۆتكۈر ئادەملەر كۆپكەن جۇمۇ ، ھازىرقى مودالارنى نەخ تېپىپتۇ … ھا ھا ھا ھا دەششەت كۈلىۋەتتىم دىسە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号