باش بەت

خەندان

759يوللانما
78مەستانە

«سىرلىق ئايال پالۋان 2» قويۇلۇش ۋاقتىنى بىر يېرىم ئاي ئالدىغا سۈردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-14 23:51 8 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 14-نويابىر خەۋىرى، «سىرلىق ئايال پالۋان 2»(神奇女侠2) فىلىمى قويۇلۇش ۋاقتىنى بىر يېرىم ئاي ئالدىغا سۈرگەن بولۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قويۇلىدىغان بولدى، رېژىسسور پاتى جېنكىنىس بىلەن گال گادوت فىلىم مەيدانىغا قايتىپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە deadline نىڭ خەۋىرىدە، تاراتقۇلاردا تارقالغان گال گادوتنىڭ ۋارنېر شىركىتىدىن فىلىم ئىشلىگۈچى برىت راتنېرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر فىلىم تىزىملىكىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بولمىسا «سىرلىق ئايال پالۋان 2» فىلىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. 

بىرىنچىدىن، گال گادوت «سىرلىق ئايال پالۋان 2» فىلىمىدە رولغا چىقىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان. ئۇ ۋارنېر شىركىتى بىلەن فىلىمدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىلىق سۆزلەشمىگەن. 

ئىككىنچىدىن، راتنېرنىڭ راتپەك دۇن شىركىتى «سىرلىق ئايال پالۋان 2» فىلىمىگە مەبلەغ سالمىغان. ئۇلارنىڭ ۋارنېر شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى كېلەر يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇلىدىغان فىلىم «زوراۋان»(狂暴) بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. «سىرلىق ئايال پالۋان» فىلىمىگە نىسبەتەن ئۇلار بىر پاسسىپ مەبلەغ سالغۇچى خالاس.

«سىرلىق ئايال پالۋان 2» ئالدىن تارقىتىلغان تەشۋىق فىلىمى:


باش سۈرەت تاللاش x
  • جاھان كەزدى1 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مەزمۇننى چىقارغان خەندانجان ئۆزىنىڭ نىم قىلۋاتقىننىمۇ بىلمەمدۇ نىمە؟ ئۆزىمۇ بۇ كىنونى كۇرۇپ باقمىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا قانداقىسىگە ئىكىنجى بۇلۇمنىڭ قىسقا كۇرۇنىشى دەپ بىرىنجى بۇلۇمنىڭكىنى چىقىرىپ قۇيدۇ؟ ۋەزىپىنى توشقۇزىمەن دەپ ئۇچىرغانلىكى نەرسىنى بىلسىمۇ چىقىرىپ بىلمىسىمۇ چىقىرىپ يۇرۇيدىكەنسىلە، نۇر تورىدىن كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ ئادەمنىڭ، ھەي خەندانجان، ھەي خەندانجان، ئەستايىدىلراق بۇلۇڭ دەيمە…

  • قۇملۇق ئوغلى2 ئاي ئىلگىرى

    سىرلىق ئايال پالۋان 1 نىڭ تەشۋىقات فىلىمى بۇ دىگەن
    بۇ ئاپتۇرمۇزە ھەي

  • پولات-2 ئاي ئىلگىرى

    شۇ ، راسلا بىرىنجى قىسمىكەن بۇ

  • دىل2 ئاي ئىلگىرى

    ئىرشات كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىپسىز .

  • ئىرشات2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ نەدە سىرلىق ئايال پەلۋان2نىڭ تەشۋىقات فىلمى؟؟؟
    يالغانلا بىر نەرسىلەرنى چىقىردىكەنسىلە ئويلىماي،
    ئىنىقلا سىرلىق ئايال پالۋان 1نىڭ كىسۋىلىنغان قىسمى ئىكەنغۇ؟
    مۇشۇنداق قىلساڭلا ئۇقۇرمەنلەرنى ئالدىغان بولمامسىلە؟؟؟

  • 梦想ئارزۇ2 ئاي ئىلگىرى

    بەك ياخشى بولدى.مەن بىرىنچى بۆلۈمىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كۆرگەن ، بۇفىلىمنىڭ

  • جەۋلان2 ئاي ئىلگىرى

    مەن بىرىنجى بۆلۈمىنى بەك ياقتۇردۇم ياخشى كىنوكەن، ئەمدى ئىككىنچى بۆلۈمىنى ساقلايمەن تېزراق قويۇلسا بۇلاتتى

  • 131******352 ئاي ئىلگىرى

    خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق ، ئاخىردىكى فىلىم 1-قىسمىنىڭ كۆرنىشىغۇ دەيمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号