باش بەت

رۇشەن

2565يوللانما
68مەستانە

دۇنياۋى سودا ماگناتلىرى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 10:21 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە تاراتقۇسى دۇنياۋى سودا ماگناتلىرىنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى مۇنداق ئېچىپ بەردى: پۇل – مەسىلە ئەمەس، توسالغۇ-تەسەۋۋۇر كۈچى.

سىز دۇنياۋى سودا ماگناتلىرىنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققانمۇ؟ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ، ئىمپورت ئاپتوموبىل، سەيلە كېمىسى ۋە شەخسىي ئايروپىلانلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ باققانمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەر، لېكىن بۇ ھېچقاچان يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلارغا نىسبەتەن بارلىق ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەسىلە ئەمەس، بەلكى بىردىنبىر توسالغۇ دەل تەسەۋۋۇر كۈچى بولۇپ قالدى.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار باشقىلار ئەسلا ئويلاپمۇ باقمىغان ئاستون مارتىن ماركىلىق يادرو سۇ ئاستى كېمىسى قاتارلىقلارغا ئىگە بولغۇسى بار ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، زەردارلاردا ھازىر بىر مەھەل ئىجارە ئېلىش مودا بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ چوقۇم شەخسىي ئايروپىلانى ۋە ساياھەت كېمىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، چۈنكى پەقەت باھا قويۇلسىلا ھەممىسىنى ئىجارە ئالغىلى بولىدىكەن.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقىي زەردارلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ئىنتىلىشى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان، ئۇلار ھازىر دۇنياغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، ئالەم ھەققىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ ئاساسچىسى، 46 ياشلىق ئېلون ماسكنىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى شىركىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) مارس توغرىسىدا ئىزدىنىش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ئىمزالىغان.

ئېلون ماسك ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنسانلار ياشاۋاتقان يەر شارى يېتەرسىز بولۇپ قالغان.

ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا بويىچە 1-باي جېف بېزوس تېخىمۇ ئالدىغا چىقىپ كەتتى.

ئۇ 2013-يىلى يەنە تېخى «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نى سېتىۋالدى، چۈنكى ئۇ جامائەت پىكىرى ھوقۇقىنى ياخشى كۆرەتتى. ئەلۋەتتە بەزىلەر ئۇنىڭ بۇ گېزىتنىڭ تەھرىرلىك ئىشلىرىغا قارىتا ھېچقانداق تەسىر كۈچى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا. مەيلى سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىز بولسۇن، ئادەمنىڭ ھاياتى ھامان چەكلىك، شۇڭا ھامان ئۆلۈپ كېتىش بەرھەق ئىش.

شۇنىڭ بىلەن، گۇگولنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى سېرگېي بىرىن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتالايدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تەجرىبىخانىسى»غا 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بولدى.

ئۇ ياللىغان بىر تۈركۈم ئالىم ھازىر «ئۆلۈمنى يېڭىش»تەك بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇنى «ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە» دەپ قاراشتى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇنلا بەختكە قارشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن زەردارلار نۇرغۇن پۇل تۆلەشتىن باش تارتماي ئۆزىنىڭ كاللىسىنى ياكى پۈتۈن بەدىنىنى توڭلىتىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى قايتا تىرىلەلەيدىغان بولۇشنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىگىلىنىشىچە، 150 نەچچە ئادەم مۇشۇنداق قىلدى. كاللىسىنى توڭلىتىشقا 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ، ئەمما پۈتۈن بەدىنىنى توڭلىتىشقا 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى زۆرۈر بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئۇلار يەنە تاسادىپىي قازا تېپىشقا قارىتامۇ ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر قىسىم زەردارلار كۈتۈلمىگەن ھادىسىدىن ئېھتىيات قىلىش ۋە قىيامەت كۈنى يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېزدىن يېڭى زېلاندىيەنىڭ چەت جايلىرىدىن ئۆزىگە بىر پارچىدىن يەر سېتىۋېلىشتى.

بۇ ئەھۋال يەنە يېڭى زېلاندىيەدە ئۆي باھاسى ۋە يەردىن پايدىلىنىش باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەتتا يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى بۇ ھەقتە چەكلەش تەدبىرىنى چىقىرىش تەكلىپى بەردى.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يۇقىرىقىلار ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىكەن. بىل گەيتىس ۋە ۋاررېن باففېتقا ئوخشاش ھەقىقىي ئەڭ زەردار كىشىلەر بايلىق ۋە مۈلۈكلىرىنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىۋېتىشنى ھەمدە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلىۋېتىشنى تاللايدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قارغاي3 كۈن ئىلگىرى

    ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسى كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىۋېلىشتا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号