باش بەت

ئابلەت مۇھەممەت

222يوللانما
2مەستانە

جورىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا قانچىلىك مۇھەببەت قالدى؟

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 11:03 6 ئىنكاس چۈشتى

 بېيجىڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا، بىز ھەرگىزمۇ نىيىتىمىزدىن يانمايمىز، ساددىلىق بىلەن بۇ دۇنيادا ھېچكىمنى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، دەپ قارايمىز. ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق جاھىللىق بىلەن بىرىنى سۆيگىنىمىزنى ئەسلا بىلمەيمىز. ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ شۇنچىلىكلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىلگىرىكى تۇيغۇلارنى تاپالمايمىز.
بەزىدە بەزى نەرسىلەر شۇنداق ئۈن-تىنسىزلا يوقايدۇ. خۇددى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتتەك. ئەگەر ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكى بەش ئالامەتنىڭ ئۈچتىن ئارتۇقى بولسا، ئۇنداقتا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېسسىيات قالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 1. قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك
 بۇرۇن قارشى تەرەپ زۇكام بولۇپ قالسىمۇ، سىز شۇنداق جىددىيلىشىپ كېتەتتىڭىز، ئۇنىڭ قىينىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرگەچكە، ئۆزىڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالاقزادە بولاتتىڭىز. ئۇ قاچان ياخشىلانسا، سىز شۇ چاغدا خاتىرجەم بولاتتىڭىز.
ئەمما ھازىرقى ئەھۋال بولسا، ئۇ ھايات بولسىلا بولدى، باشقا ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ كەتمەيسىز. بۇ ئىككى ھالەتنىڭ پەرقى ھەقىقەتەن چوڭ.
2. ئۆيگە قايتقۇسى كەلمەسلىك
ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت بولسا، ئۇنداقتا ئۆي سىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ئىللىق ماكان ھېسابلىنىدۇ، خۇددى ئۆيگە قايتسىڭىز، بارلىق ھارغىنلىق يوقاپ كېتىدىغاندەكلا. ئەمما ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات قالمىغاندا، ئۆي سىزگە نىسبەتەن خۇددى قاماقخانىدەكلا، ناھايىتى سوغۇق، ئۆيگە قايتسىڭىز بىئارام بولىدىغاندەك، كۆڭلىڭىزدە ئىللىقلىق ھېس قىلالمايسىز. بۇنداق ھالەتتە كىممۇ ئۆيگە قايتىشنى خالىسۇن؟

 3. بىر-بىرىدىن ئۇزاققىچە خاپا بولۇش، ھېچكىممۇ يول قويۇشنى خالىماسلىق
بۇرۇن ھېسسىياتىڭلار ياخشى ۋاقىتتا، قانچىلىك سوقۇشۇپ قېلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، چوقۇم بىرىڭلار يول قويۇپ ئاندىن يەنە بىرىڭلارنى بەزلەيتىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-ئاياللارنىڭ دەتالاشلارنى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىقتەك قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ بىردەمدە ياخشىلىشىپ قالاتتىڭلار.
ئەمما ھازىر نەچچە كۈنگىچە خاپا بولۇشۇپ، گەپ قىلىشمىساڭلارمۇ، ھېچقايسىڭلار باشتا ئەپۇ سوراشنى خالىمايسىلەر. ئەگەر ئاراڭلاردا ھەقىقەتەن ھېسسىيات بولسا، مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقامدۇ؟
 4. قارشى تەرەپكە گەپ قىلىشنى خالىماسلىق
بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا خۇددى قۇشقاچقا ئوخشاش، توختىماستىن گەپ قىلىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا راستتىنلا ھېسسىيات قالمىغاندا، بىر-بىرى بىلەن كارى بولماي، دېيىشكۈدەك ھېچقانداق گەپ قالمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ، ياكى قارشى تەرەپكە گەپ قىلىشتىن بىزار بولىدۇ ياكى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.

5. قارشى تەرەپ بىلەن يالغۇز ئۇچىرىششىنى خالىماسلىق
بىز ئىككى كىشىلىك دۇنيانى ناھايىتى قەدىرلەيمىز، بولۇپمۇ قىزغىن مۇھەببەتلىشۋاتقاندا. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئىككىيلەن بىر يەرگە كەلگەندە ھەتتا ھاۋامۇ شېرىن تېتىيدۇ. ئەگەر ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھسسىيات قالمىغاندا، يالغۇز ئۇچرىشىپ قالسا خۇددى بىر خىل دىمىق ھاۋاغا يولۇققاندەك، ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
  • تاپارمەن گۈلۈم5 كۈن ئىلگىرى

    مەندە ھىچقايھىچقايسىسى يۇقكەن، نىدا ياخشى

  • زىمىستان5 كۈن ئىلگىرى

    مەندە ھېچقايسىسى يوقكەن ،يولدىشىمدىمۇ بۇ ئەھۋاللار يوق قارغاندا بىز ئۇنداق ئەمەسكەن

  • چىچەكخان6 كۈن ئىلگىرى

    مەندە ئىككىنچىسىدىن باشقىلىرى باكەن ،راستلا مۇھەببىتىم سۇسلىشىپ قالغانمىدۇ

  • گۇلدۇرعالاپ6 كۈن ئىلگىرى

    قۇشقاچ …،………………،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

  • 11111111116 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ خۇتنۇمدا بۇ ھەھۋاللارنىڭ ھەممىسى باكەن خەپ خۇتۇن

  • @يىگانە@6 كۈن ئىلگىرى

    مەندە بىرىنچىسى بىلەن تۆتىنچىسى بار ئىكەن،ئىرىمدا بىرنچىسى بىلەن ئىككىنچىسى بار ئىكەن،
    (چۈنكى ئىرىمنىڭ قۇچقىچى بار)

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号