باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

بىل گەيتىس: سۈنئىي ئىدراكنىڭ پايدىسى خەتىرىدىن كۆپ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 10:41 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس يېڭى تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى بىرقانچە يىلدىكى ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان تەسىرىگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولماقتا. بىل گەيتىس سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن مىسك دۇنيا مۇنبىرىدە سۆز قىلغان ۋاقىتتا سۈنئىي ئىدراك (AI) قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپلەر ئۇنىڭ يوشۇرۇن خەتىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر كەمتۈك دۇنيادا تۇرۇۋاتىمىز، بۇ تەرەققىياتلار بىزنىڭ بارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز يۇقۇملۇق كېسەللەرگە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك... بىز داۋالاش خادىملىرى قىلالمايۋاتقان ئىشلارنى يەل قىلىشىمىز كېرەك.»

بىل گەيتىسنىڭ قارىشىچە، سۈنئىي ئىدراك ئەڭ ئاخىرىدا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك مۇھىتىنى ئۆزگەرتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش ۋە مەكتەپنىڭ سىنپ كۆلىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دېدى:«بىز ئەمگەك كۈچىنى ياساش كەسپىدىن ئازاد قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنى ئىنسانلارنى مەركەز قىلغان بىرقىسىم ئېھتىياجغا ئايلاندۇرالايمىز.» بىل گەيتىس بۇرۇن ماشىنا ئادەملەردىن تاپاۋەت بېجىش كېرەك دېگەن. 

بىل گەيتىس ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى داڭدار شەخس، ئۇ يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بىرقىسىم مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى، مەسىلەن: شەخسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسى، سىياسىي ئېلان ۋە سايلام پائالىيىتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بالىلار ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنى بەك كۆپ ئويناپ كېتىپ بەدەن چېنىقتۇرمىسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى زۆرۈر ئىكەن. 

بىرقانچە كۈن ئىلگىرى داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىتېفېن خاۋكىڭ AI ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «بۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ ناچار ئىش بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号