باش بەت

zefer

607يوللانما
35مەستانە

تاشقى پىلانېت ئادەملىرى سۇ ۋە ئوكسىگېنغا تايانمايمۇ ياشىيالىشى مۇمكىن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 11:30 8 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئىنسانلار يەر شارىدا ياشاۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى، ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۇ بىلەن ئوكسىگېن بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى زۆرۈر شەرت. بۇ يەنە ئالىملارنىڭ كائىناتتا تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى ئىزدىشىدىكى شەرت قىلىنىپ كەلمەكتە، شۇ سەۋەبلىك ئۇلار يۈز يىلغا يېقىن ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.

图片

شۇڭا ئالىملارنىڭ قارىشىچە، تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتى سۇ بىلەن ئوكسىگېنغا تايانماسلىقى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق قانۇنىيىتى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشىماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.

图片

توغرا، ئوخشىمىغان پىلانېتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئوخشىمىغان پىلانېتتىكى كىلىمات، تېمپېراتۇرا، بايلىقلار ئوخشىمايدۇ، بىزگە ئوخشاش سۇ بىلەن ئوكسىگېنغا تايىنىدىغان بىر يۈرۈش جانلىقلار ئەندىزىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلگىرى ئالىملار ساتۇرننىڭ ئىككىنچى ھەمراھىدا سۇيۇق ھالەتتىكى دېڭىز-ئوكياننى بايقىغان بولۇپ، لېكىن بۇ سۇيۇقلۇق سۇ ئەمەس بەلكى سۇيۇق ھالەتتىكى پاتقاق گازى ئىدى.

图片

ئەگەر ئوخشىمىغان پىلانېتتىكى ھاياتلىق  مېخانىزمى ئوخشىمايدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى ھاياتلىق سۇيۇق ھالەتتىكى پاتقاق گازىنى ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق ماددىسى قىلىدۇ دېگەن گەپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ سۇنى ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق ماددىسى قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.

图片

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار ئوكسىگېن بىلەن نەپەسلىنىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنداقتا كائىناتتا يەنە كاربون، سىلىتسىينى ئاساس قىلغان، ئوخشىمىغان ئېلېمېنتلار ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدىغان جانلىقلار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

图片

مارسنىڭ يەر يۈزىدە زور مىقداردا سىلىكاتلىق ماددىلار بار، شۇڭا بۇ يەردە سىلىتسىينى ئاساس قىلغان جانلىقلار بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئالىملارنىڭ تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنى ئىزدىشىدە مۇھىم ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ.

图片

باش سۈرەت تاللاش x
  • سىرلق تەپەككۇر ،يۈسۈپ6 كۈن ئىلگىرى

    ئۆزەمنى بىلمەي شىلتىڭ ئېتىپتمە ،كىگىزگە يۆگنىپ مەەڭگۈ يېتىپتمە ،دىگەندەك،ئاشتاق پەرەزلەنى قىلىۋېردكە ، ئاندا ماندا بۇلشى مۇمكىن دەيدىكە ،،外星人 كەلگەندە ھەممە ئايان بۇلدۇ ،بۇنداق پەرەز قىلىپ ئولتۇرۇش ۋاقىت ئىسراپچلقى ،

  • ئاقسا بوي6 كۈن ئىلگىرى

    راست گەپ قىلسام ، تاشقى پىلانىت ئادەملەر بار دېگەن گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن جۇمۇ.

  • تاماخور6 كۈن ئىلگىرى

    ئالەمدە قانداقلا نەرسە بولسۇن تۈزۈلىشى ئاخىرقى ھىساپتا ئاتوم بىلەن تۈگەيدۇ . مەيلى ئۇ گۆش ۋەياكى تاش بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش

  • 156******676 كۈن ئىلگىرى

    پۇتۇن ئالەمدە ماددىلار ۋە ئىلمىنتلار نىڭ تۇرى تەركىبى پەقەت يەرشارى ئادەملىرى ئېنىقلاپ چىققانلىرى بىلەنلا چەكلىنەمدۇ ؟ ئىلمىنىتلارمۇ ھازىرغىچە يەرشارى ئادەملىرى ئېنىقلاپ چىققان بىر يۇز نەچچە ئىلمىنىت بىلەنلا توختاپ قالامدۇ ؟ بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ، ئىنسانلار تېخى بايقىمىغان ، ئىنسانلارنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمىغان نۇرغۇن ماددىلار ، ئىلمىنتلار ، ۋە باشقا جانلىقلار ئالام بوشلۇغىدا بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا پەقەت ئوكسىگىن ۋە سۇ بولسىلا ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق كاپالىتى دىيىش پەقەت يەرشارىغىلا قارىتىلغان گەپتۇر .

  • تاماخور6 كۈن ئىلگىرى

    رۇياپ ،چاق چاقمۇ يا ، تاشنىڭ بىرە خېمىيەلىك تەركىۋې ئۇزۇقلۇق ئىنىرگىيە بىرەمدىكەن . ئوخشىمايدۇ دىسە ماشتاقمۇ پەرەز قىلامدۇ .
    پۇلاتنى تاۋلاپ تۈمۈر ئىستىمال قىلىدۇ دىمىدىڭىز تايىنلىق .

  • روياپ6 كۈن ئىلگىرى

    بۇنى چوقۇم مۇشۇنداق،،پەرەز قىلىش كېرەك،،ئىنسانلار جاھاندا مەن بىر،،ھەممە جانلىق مەندەك ياشايدۇ دىسە بولمايدۇ،،،ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ياشاش شارائىتى بار،،
    ئىنسانلار تاماق يىسە،،بەلكىم ئۇلار تاش يېيىشى مۇمكىن ،

  • abaragom...akbaraf6 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە مۇشۇ تەسەۋۋۇر تۇغرا بۇپتۇ

  • ئارام جاڭگال6 كۈن ئىلگىرى

    سۇ ياكى ئوكسىگىنغا تايانمايدىغان جانلىق بار دەپ پەرەز قىلىشقا بولسا ئىنتايىن يۇقىرى ياكى نۆلدىن تۇۋەن راۋرۇس گىرادۇسلۇق مۇھىتلاردا ھايات كەچۇرىدىغان جانلىقلار بار دەپ چۇقۇم پەرەز قىلىشقا بۇلىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号