باش بەت

دىل بايان

608يوللانما
63مەستانە

iPhone Xدىن توختىماي كاشىلا چىقماقتا، سىز يەنىلا سېتىۋالماقچىمۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:03 25 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

1. سىرى چۈشۈش

سىرى چۈشۈش ئالما يانفونلىرىغا نىسبەتەن يېڭىلىق ئىش ئەمەس، iPhone 5تىن تارتىپ بۇ خىل مەسىلە ئىزچىل كۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە iPhone Xمۇ باھاسىنىڭ قىممەتلىكىگە ئاساسەن باشقا تەرەپلىرىدىكى سۈپەت مەسىلىلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياخشى بولىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن، بىراق يېقىندا كۆپلىگەن ئابونتلار ئۆزىنىڭ سېتىۋالغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان كۈمۈش رەڭ نۇسخسىدىكى iPhone Xنىڭ رامكىسى، Lighting چېتىش ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلىرىدا سىرى چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. نۆۋەتتە بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى پەقەت قوغداش قېپى ئىشلىتىش ياكى ئالمىنىڭ سىر پۈركۈش ھۈنەر-سەنئىتىنى ياخشىلىشىنى كۈتۈش.

2. ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى ناچار

 

بۇ قېتىمقى iPhone Xكە قوش باتارىيە لايىھەسى قوللىنىلىپ، باتارىيە سىغىمى iPhone 8 Plusنىڭ باتارىيە سىغىمىدىنمۇ چوڭايتىلغان. بىراق بىلىشىڭىز كېرەككى، iPhone Xكە ئىشلىتىلگەن پۈتۈن ئېكران لايىھەسىنىڭ ئېكران يۈزى چوڭ ۋە ئېنىقلىقىمۇ يۇقىرى، بۇمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ توك سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا سىز iPhone Xنىڭ ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتىنى iPhone 8 Plusنىڭ سەۋىيەسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز.

3. ئېكران مەسىلىسى

يېقىندا iPhone Xنىڭ ئېكرانى كۆيۈپ كېتىش مەسىلىسى غۇلغۇلا قوزغىدى، لېكىن ئالما ئورگان تەرەپ بۇنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ رىمونت قىلدۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بىرنەچچە كۈندە iPhone Xنىڭ ئېكرانىدا يېشىل سىزىق پەيدا بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاشكارىلاندى، نۆۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس.

4. يۇمشاق دېتالنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى يېتەرسىز

iPhone Xنىڭ پۈتۈن ئېكران لايىھەسى گەرچە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇرۇپ، كۆرۈش سېزىمىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر بەرگەن بولسىمۇ، بىراق نۆۋەتتە بۇخىل ئېكرانغا ماسلىشىدىغان يۇمشاق دېتاللانىڭ سانى ئىنتايىن چەكلىك، بەزى تورداشلار مازاق قىلىپ سېتىۋالغىنى گەرچە iPhone X بولسىمۇ، ئەمما iPhone 8چىلىكمۇ ئىشلىتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئالمىنىڭ بۇ مەسىلىنى تېزراق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

5. تۇرۇپكىسىدىن شاۋقۇن چىقىش

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى iPhoneنىڭ تۇرۇپكىسىدىن شاۋقۇن چىقىش مەسىلىسى بىرقىسىم ئابونتلارنىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلاندى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ خىل مەسىلە iPhone Xكىمۇ مىراس قالغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى تورداشلار ئاللىبۇرۇن بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك مۇنبەرلەردە مۇزاكىرە قىلىشقا باشلىغان، دۆلەت ئىچىدىكى ئابونتلار ئىچىدە بۇنداق مەسىلىگە يولۇققانلار بامۇ-يوق، بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.

باش سۈرەت تاللاش x
  • isil6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي باللا بەرىبىر ئۇزىمىزنىڭ دۇلىتىدە ئىشكەنگەن تىلفۇنلارغا يەتمەيدۇ vivox20 oppox11 لارنىمۇ ئىشلىتىپ بىقىڭلا ئاندىن نىمىنىڭ ياخشى ئىكەن لىكىنى بىلىسىلە

  • hijran 86 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئالما تىلفۇنغا پەقەت قىزىقمايمەن يا قوش كارتا چۇشمەيدۇ يا دۇمىتكا چۇشمەيدۇ ئۇنىڭ ئۇستىگە خالىغان ئەپنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ

  • i love car6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئالمىنىڭ ھەممە تىلفۇننى ئىشلىتىپ باقتىم شۇ،ھەممىسى شۇ زامانغا ئەڭ قالتىس ئىدى ئۇ،ھازىر مەنiphone 6s ئىشلىتىۋاتىمەن ،بەك رازى بولدۇم بۇتىلفۇندىن ،ئىھتىياجغا يەتسە ئالماشتۇرۇشنىڭ زۈرۈرى يوق مەنچە بۇ.

  • تىتان6 كۈن ئىلگىرى

    چاتاق چىقتى دىگەنلىك پۈتۈن ئالمىدىن چاتاق چىقتى دىگەنلىك ئەمەس ،چاتاق چىققانلار شىركەت بىلەن ئالاقىلشىپ ئالماشتۇرسا ، چاتاق چىقمىغانلار نورمال ئىشلىتىۋەسە بولىدىغۇ ؟ نوت يەتتە پارتىلغان چاغدا پۈتۈن دۇنيادىكى نوت يەتتە پارتىلاپ كەتتىما ؟ شۇ تىپتىكى پۈتۈن تېلىفۇندىن چاتاق چىقتىما ؟ بۇ دىگەن قىسمەن ئەھۋال . شۇڭا ئالما ھەۋەسكارلىرى ئالما ئېلىپ ئىشلىتىۋەرسۇن ، سەمسۇڭچىلار سەمسۇڭ ئىشلىتىۋەرسۇن. ماڭا ئوخشاش قايسى ياخشى بولسا شۇنى ئىشلىتىدىغانلار يېقىندا يىجىيا تېلفۇنغا ئاشىق بولدۇم شۇڭا بەش ت نى ساقلاپ ئولتۇراي

  • Different6 كۈن ئىلگىرى

    ئىنكاس چىقاسا كۈرۈنمەيدىكەنغۇ 30ھەرىپ مىنا ئوجون

  • akbar t6 كۈن ئىلگىرى

    ئالما دىگەن باشلامچى تۇرسا

  • akbar t6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي بەك قۇسۇر ئىزدەيدئىكەن ، ھەممە نەرسىنڭ كەمچىلىقى بۇلدۇ دە

  • تىتان6 كۈن ئىلگىرى

    باتارىيىدە پەۋقۇلاددە ياخشىلىنىش بولمىغان بۇنداق شارائىتتا ئالاقە ئۈسكۈنىسى شىركەتلىرىنىڭ ئېكرانغا بۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشىنى ئەخمەقلىقمىكى دەپ ئويلىدىم. شۇڭا پۈتۈن ئېكرانلىق يانفۇن سېتىۋېلىشتىن سەل ئىككىلىنىپ قالدىم.ئېكران بارغانسىرى چوڭىيىپ بارغانسېرى سۈزۈكلەشتى لېكىن باتارىيە شۇ پېتى ، تېلفۇننى نېپىز قىلىش ئۈچۈن كىچىكلىسە كىچىكلىدىكى چوڭايمىدى .

  • 186******596 كۈن ئىلگىرى

    قاچانمۇ تۈگە مۇشۇ نادانىلقىمىز ، ھىلى ئالمىچلا ھىلى سامسىچىلا دەپ ، سامسۇڭنى ياكى ئالمىنى ماختاپ ياكى چۈشۈرۈپ بەرگىنىڭىزگە قايسىڭلا ئالما تىلغۇن ياكى سامسۇڭدىن مۇكاپات بەدى ،، ساڭسۇڭنى ئىشلىتپ سامسۇڭنى داڭلاپ ئەتىسى ئالمىنى ئىشلىتىپ ئالمىنى داڭلاپ ، يەنە ئەتىسى خۇۋاۋىيغا چۈشۈپ قىلىپ خۋاۋىينى داڭلاپ يۈرۈيدىغان نادانلا

  • ئېسىلزادە6 كۈن ئىلگىرى

    سىلە ئاۋۇ يېشىل سىزىقنې بوش چاغلىماڭلا ئۇ يوغىناپ كىيىن قىزىل رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ،كىنو كۆرسىڭىز ياكې كەچتە ئىشلەتسىڭز كۆز دېن ياش ئېقىپ كومىدىيەلىك كىنو كۈرۋېتىپمۇ يىغلاپ كېتىسىز چۈنكې مېنېڭ باشقا s7يانفۇنۇمما شۇنداق ،بۇ OLED ئىكراننېڭ ئالاھىدىلېكې،پۇشايمان قاچام ئاللا بۇرۇن توشۇپ بولدې،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号