باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

بىر نەچچە كورپۇس بىنانى تۇتاشتۇرۇپ چوڭ تۇرالغۇغا ئايلاندۇرۇۋالغان نيۇيورك بايلىرى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 11:26 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 9-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نيۇيوركتىكى پۇلدارلار ئادەتتىكى ياكى ئەڭ يۇقىرى قەۋەتتىكى تۇرالغۇسى ئىشلىتىشىگە يەتمىگەندەك ھېس قىلسا ئىجادچانلىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ باقىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نيۇيوركتا شەھەر ئىچىدىكى قاتار سېلىنغان بىر نەچچە يۈرۈش تۇرالغۇ ياكى قەۋەت سانى ئوخشاش ئۆيلەرنى تۇتاشتۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى تۇرالغۇغا ئايلاندۇرۇش مودا بولدى. ئۆيلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇشۇنداق كەڭ-كۇشادە تۇرالغۇ بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن بەزىلەر بىر قېتىمدىلا بىر نەچچە كورپۇس بىنا سېتىۋالالايدۇ، يەنە بەزىلەر قوشنىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى بىر نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالىدۇ. تۆۋەندىكىلىرى نيۇيوركنىڭ مانخاتتون رايونىدىكى 12 داڭلىق شەخسنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تۇرالغۇسى.

30 يىل ئىچىدە نيۇيورك شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى بىلۇمبېرگ بۇ بىنادىكى 6 يۈرۈش تۇرالغۇنىڭ 5 يۈرۈشىنى سېتىۋالدى. 2009-يىلى ئۇ تۇرالغۇلارنىڭ 4ىنى تۇتاشتۇرۇپ ئۆيىنىڭ كۆلىمىنى 1200 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىنانىڭ مەركىزىي باغچا بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن.

«ئارمان شەھەر»دىكى (欲望都市) باش پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولغان ئايال چولپان ساراھ (Sarah Jessica Parker) بىر پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتتىن دائىرە ئىچىگە ئېلىنغان ئىككى قىزىل خىشلىق كورپۇسنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئوخشاش قەۋەتلىرىدىكى ئۆيلەرنى تۇتاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ 5 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىشلىتىلىش كۆلىمى 1300 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، ياتاق ئۆيىدىن 9ى، تازىلىق ئۆيىدىن 8ى، يەنە تېخى 200 كىۋادرات مېتىرلىق خۇسۇسىي باغچىدىن بىرى ھاسىل بولدى.

فەيسبۇك تورىنىڭ سابىق باش دېرىكتورى ھەمدە ناپستېر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىن پاركېر (Sean Parker) سۈرەتتىكى ئىككى كورپۇس بىنانىڭ ئىگىسى. ھەر بىر كورپۇس بىناغا كەڭ پەلەمپەي ۋە ئارقا گۈللۈك سەپلەنگەن؛ ئۆي ئىچىدە ئەگمە ئىشىك ھەمدە مەرمەر تاشتىن ياسالغان 19-ئەسىرگە تەۋە تاممەش بار. خەۋەر قىلىنىشىچە، سىن بۇ بىنالارنىڭ تۇنجىسىنى 2011-يىلى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 130 مىليون يۈەن) سېتىۋالغان؛ 2017-يىلى 5-ئايدا 16 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 110 مىليون يۈەن) 2-بىنانى سېتىۋالغان.

بەزىلەر مىلياردېر جون سىترىكېرنى (Jon Stryker) بۇ ئىككى ئۆينىڭ ئىگىسى دەپ قارايدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، جون بۇ ئىككى ئۆينى 2012-يىلى 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 210 مىليون يۈەن) سېتىۋالغان. بۇ ئۆيلەرنى جون سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى مۇز قايماق دۇكىنى، سىتەنۋېي ماركىلىق پىيانىنولارنى كۆرگەزمە قىلىش ئۆيى ھەمدە ماشىنا ئىسكىلاتى قىلىنغانىدى.

2009-يىلى داڭلىق مودا ناخشىچىسى مادوننا مانخاتتوندىن 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 210 مىليون يۈەن) 3 كورپۇس تۇتاش بىنا سېتىۋالغان. 3 بىنا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن 13 ياتاق ئۆي، ئۇسسۇل ئۆيى، بىر نەچچە ئاشخانا، 280 كىۋادرات مېتىرلىق گۈللۈك، ئىككى ماشىنا ئىسكىلاتى، بىر لېفىت ۋە بىر خۇسۇسىي چېنىقىش ئۆيى بار دەرىجىدىن تاشقىرى تۇرالغۇغا ئايلاندۇرۇلغان.

2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رۇسىيەلىك مىلياردېر رومان (Roman Abramovich) مانخاتتون رايونىدىن سېتىۋالغان 3 كورپۇس بىناسىنى تۇتاشتۇرۇش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ بىنالارنى 2015-يىلى 78 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 520 مىليون يۈەن) سېتىۋالغانىدى. 2017-يىلى 10-ئايدا ئۇ يەنە ياندىكى يەنە بر كورپۇس بىنانى سېتىۋالدى ھەم 4 كورپۇس بىنانى تۇتاشتۇرۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى تۇرالغۇغا ئايلاندۇرۇشقا ئاتلاندى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号