باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

10 ياشلىق بالا Face IDنى «ئالداپ» ئانىسىنىڭ iPhone Xىنى ئېچىۋەتتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 11:26 2 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 15-نويابىردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۈبھىسىزكى، ئەگەر تۇيۇقسىز ئەۋرىشكە ئېلىپ سىنالسا Face IDنىڭ بىخەتەرلىكلىكى Touch IDدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئالما Face IDنىڭ خاتالىق پەرقى مىليوندىن بىر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما بۇ ئېنىقلىق دەرىجىسى قوشكېزەك، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ۋە يېشى 13 ياشتىن كىچىك بولغان بالىلار ئىشلەتكەن ۋاقىتتا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

ھازىر بۇ خىل چەكلىمىلىك يەنە كېڭەيدى. يېقىندا توردا بىر قىسقا فىلىم تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئانىنىڭ iPhone Xنىڭ Face ID قۇلۇپىنى 10 ياشلىق ئوغلى ناھايىتى ئاسانلا ئېچىۋەتكەنلىكى سۆزلەنگەن. 

ۋىدىيودا پەقەت نەتىجىسىلا تىلغا ئېلىنغان، ئەمما جەريانى سۆزلەنمىگەن. بۇنىڭدىكى بىر خىل ئېھتىماللىق بولسا iPhoneدىكى Face ID تەكرار-تەكرار مەشىقلەندۈرۈلۈش ئارىلىق بالىسىنىڭ چىرايىنى تونۇيدىغان بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئالما بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى: «ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر Face ID سىزنى تونۇمىسا، ئەمما ماسلاشتۇرۇش سۈپىتى مەلۇم چەك قىممەتتىن يۇقىرى بولغاندا سىز يەنە تونۇتۇش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن دەرھال مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەن بولسىڭىز ئۇ ھالدا Face ID ساقلىنىپ بولغان سانلىق مەلۇماتنى يەنە بىر قېتىم توپلايدۇ ھەمدە تۈزىتىدۇ.»

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر بالىسى دەسلەپتە ئاپىسىنىڭ يانفونىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچالمىغان، ئەمما ئارقىدىن توغرا مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەن بولسا ئۇنىڭ  Face ID سانلىق مەلۇماتى A11 Bionic ئۆزەك نېرۋا تورى ماتورىغا ئېلىپ كىرىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ چىرايى ئارقىلىق iPhone Xنى قۇلۇپى ئېچىلىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە ئاپىسى زىيارەت قىلىنغان ۋاقىتتا بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەلكىم ئۆگىنىش جەريانى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئەھۋالدا كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. 

iPhone X ئەمدىلا چىقىرىلدى، Face IDمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئاستا-ئاستا كىرمەكتە. ئىشىنىمىزكى، ئالما خاتالىقلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۈزىتىپ، Face IDنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەر قىلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • omak0076 كۈن ئىلگىرى

    يۇقارقى mv كۆرۋىتىپ 30سىكونت يىرىگە كەلگەندە تىلفۇنۇمنىڭ siri ئۆزلىكىدىن ئىچىلىپ كەتتى نەچچە قىتىم سىناق قىلدىم ئوخشاش نەتىجىسى

  • سەھەر سان6 كۈن ئىلگىرى

    كۆزىتىدىغانغا يېتەمدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号