باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

گۈزەل قىز «ئەۋرىشىم لەغمەنچى ئاكا»نى قوغلىشىپ كەلتۈرۈۋالدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 11:27 8 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئەۋرىشىم لەغمەنچى ئاكا» تيەن بونى تىلغا ئالغاندا، بىلمىدىم كۆپچىلىكنىڭ يادىدا بارمۇ يوق، ئۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن دۇكان سودىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن يەنە تېخى گۈزەل مەستانىنىمۇ كەلتۈرۈۋالدى.

بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ، تيەن بو خۇاڭلۇڭشى قەدىمكى بازىرىنىڭ لەغمەن كەسپىنى مودىغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى «ئەۋرىشىم لەغمەنچى ئاكا»غا ئايلاندى. نام چىقارغاندىن بۇيان، 30 ياشلىق تيەن بو شۇ جايدىكى قىزىق نۇقتا شەخسكە ئايلىنىپ، يېقىندا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئالاھىدە، ئەڭ داغدۇغىلىق خەۋەر ئاشكارىلاندى. شەرقىي شىمالدىكى گۈزەل قىز مەستانە ئۇنى قوغلىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا توي خېتى ئېلىپ بولغان. مۇخبىر ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدىن بۇ خەۋەرنىڭ راستىلىقىنى دەلىللىگەن.

چۇڭچىڭغا كاماندىروپكىغا بېرىپ مۇراسىمغا قاتناشقان تيەن بو دۇكاندا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ نەۋرە ئاكسى يۈ گاڭنىڭ مۇخبىرلارغا ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. ئەسلىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى قارشى تۇرغان بولۇپ، ئاخىرىدا تيەن بو ئۆزى شەرقىي شىمالغا بارغان. شۇنىڭ بىلەن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ يۇۋاش، سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلغان.

مۇخبىر تېلېفوندا تيەن بو بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۇ 24 ياشلىق ئايالى شياۋ سۇنى تىلغا ئالغاندا سەل خىجىل بولدى، تيەن بونىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 10-ئاينىڭ 10-كۈنى توي قىلغان بولۇپ، قىز شەرقىي شىماللىق ئىكەن. ئۇلار دەسلەپتە توردا تونۇشقان، ئۈندىداردا بىر قانچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇ ئۇنى ئالغىلى بارغاندا، گەپ قىلىشتىنمۇ خىجىل بولغان. قىز تيەن بونىڭ كۈلكىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تيەن بونىڭ دېيىشىچە، لەغمەن تارتىپ داڭق قازانغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىش ھاياتىغا ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن. گەرچە لەغمەنچىلىك قىلىپ ئانچە پۇل تاپالمىسىمۇ، بىراق ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاپقان. «لەغمەن تارتىپ مۇھەببەت قولغا كەلتۈرۈش»! تېخى يېڭىلا بويتاقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغان بويتاق قىز-يىگىتلەر ئەمدى سىلەرمۇ تيەن بودەك لەغمەن تارتىشنى ئۆگىنىپ باقامسىلەر-يە!

باش سۈرەت تاللاش x
  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    غەلىتە قىلقلار بىلەنمۇ چولپان بۇلۇپ قىز كەلتۈرۈپتۇ مانا

  • 11111111116 كۈن ئىلگىرى

    شىپىڭنى كۇسە بۇ لەغمەنچى بەك نايناقلاپ لەغمەن تاتىدىىكەن

  • ئېچىلجان6 كۈن ئىلگىرى

    مىيەنپىەەر تاشلايدىغان بىرە يىگىت چىقسا ئەمدى ، ئۇنىڭ ئۇيۇنىنى يوللىساڭلا بولاتتىدە ،

  • 爱王6 كۈن ئىلگىرى

    توردا كۆپ بۇ يىگىت بىلەن يەنە بىر قىز بار مۇشۇنداق ھەركەت چىقىرىپ لەغمەن تاشلايدىغان 火山小视频播دا بار

  • 152******836 كۈن ئىلگىرى

    مانا ماۋۇ ئىشىڭلار بولىدۇ،جاپا تارتتىڭلار

  • @يىگانە@6 كۈن ئىلگىرى

    لەغمەننى بەدەنلىرى تولغاشقىدەك ،بوينى ھېلى ئۈزلۈپ كېتىدىغاندەك قىياپەتتە تارتمىسمۇ ئەتكىلى بولدۇغۇ،
    بۇقىز يىگتىنىڭ مۇشۇ ھالتىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟؟؟؟؟قىزىق ،،،،،

  • تىلسىم6 كۈن ئىلگىرى

    ساراڭنىڭ ئۆزى ئىكەنغۇ بۇ،

  • جاھانگىر6 كۈن ئىلگىرى

    ئەمدى بىرسى سۇيۇقئاش تاشلاپ داڭ چىقارسا ئۇنى قوغلىشىدىغان قىزلارمۇ چىقىدۇ سىناپ بىقىڭلا بويتاقلا ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号