باش بەت

zefer

607يوللانما
35مەستانە

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئېلىپ چىقىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:35 3 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئادەتتىكى قوراللارنى ئېلىپ يۈرسە بولىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن، تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈنمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قورال ئېلىپ يۈرۈشى ھەرگىزمۇ ئالەم بوشلۇقىدىكى خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەر شارىغا قايتىش جەريانىدا، خەتەرلىك رايونلارغا قونۇپ قالغاندا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر، مەسىلەن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان رايونى، چۆللۈككە قونۇپ قالغاندا ياكى بۆرە توپىغا ئۇچراپ قالغاندا ئۆزىنى قوغدايدۇ.

图片

نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە رۇسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئېلىپ چىقىش ئادىتى بار، لېكىن ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەنجەر ئېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا تاشقى پىلانېت ئادەملىرىگە ئۇچراپ قالسا بۇ قوراللار كارغا كېلەمدۇ؟

图片

نەزەرىيە جەھەتتىن مۇمكىن بولىدۇ. چۈنكى قورالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىمىيەلىك ماددا يانغاندا ئوكسىگېن ۋە ئوتقا موھتاج بولمايدۇ، كېڭەيگەن يۇقىرى بېسىملىق گاز زور ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، ئوقنىڭ ئېتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋا بىلەن سۇنىڭ قارشىلىق كۈچى بولمىغاچقا، ئوق تۈپتۈز ئۇچىدۇ، ئوقنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېتىلىش ئارىلىقى يەر شارىدىكىدىن خېلىلا ئۇزۇن، قىرغىن قىلىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك.

图片

 بۇندىن باشقا، ئالەم بوشلۇقىدا ئاتموسفېرا بېسىمى يوق، تاپانچىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىمىيەلىك رېئاكسىيە گازنى تېخىمۇ بەك كېڭەيتىپ، ئوقنى ئىتتىرىش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

图片

لېكىن ئادەتتىكى تاپانچا ئارقىلىق تاشقى پىلانېت ئادەملىرى بىلەن تىركىشىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ يەر شارىنى تاپالىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكى ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئىنسانلاردىن كۆپ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ، ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ قورالى كارغا كېلەمدۇ يوق؟ پەن-تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئالدىدا، قولىغا قورال ئېلىۋالغان ئىنسانلار خۇددى قېلىن پاختىلىق چاپان كىيىۋالغان، قولىدا ئويۇنچۇق تاپانچا كۆتۈرۈۋالغان، بىر پەشۋاغا توغرا تۇرالمايدىغان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ.

图片

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاماخور6 كۈن ئىلگىرى

    ئىنسانلار تۇغما تويماس خارەكتىرگە ئىگە بولغاچقا ، شۇنچە تەرەقىياتلارنى قولغا كەلتۈرەلىدى . قانائەت قىلىش ھايۋانلارغا خاس ئىش

  • دۇنيا شاھزادىسى شىرزات.T6 كۈن ئىلگىرى

    ئاخشام مەن تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە دەپ قويدۇم،ئۇلار يەر شارىغا كەممەيدىغان بوپتۇ.

  • روياپ6 كۈن ئىلگىرى

    ما گەپنى كۈرەڭ ئەمدى،،،تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىنى راستىنلا،،تېپىپتۇدە،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号