باش بەت

شىرئەلى روزى

381يوللانما
14مەستانە

13 يېشىدىلا باكلاۋرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن تالانتلىق قىز بۈگۈنكى كۈندە پەقەت بىر ئادەتتىكى ئادەم بولماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:48 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى

13 يېشىدىلا ماتېماتىكا كەسپى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا، 18 يېشىدا فىزىكا كەسپى بويىچە باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئاڭلىماققىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، بىراق ئامېرىكىلىق قىز Promethea ھەقىقەتەنمۇ بۇنى قىلالىغان. 173 لىك ئالاھىدە يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسى ئۇنى بىراقلا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى «خىسلەتلىك ئۆسمۈر» گە ئايلاندۇرغان. دېمەك مۇشۇ بويىچە داۋاملاشسا ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىمۇ چەكسىز پارلاق بولۇشى كېرەك ئىدى، بىراق بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ۋەقەدىن كېيىن ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن يوقالغان. بۇرۇن خىسلەتلىك ئۆسمۈر دەپ ئاتالغان بۇ قىز 6 يىلدىن كېيىن پەقەت باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىنى ئوڭشاپ بېرىش ۋە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىماقتا.

 Promethea ناھايىتى كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان، ئۇ 6 يېرىم ئايلىق بولغاندا راۋان سۆزلىيەلىگەن، 8 ئايلىق بولغاندا خەت تونۇپ، كىتاب ئوقۇشقا باشلىغان، 20 ياشقا بارماي تۇرۇپلا بىر نەچچە پەنلەردىن باكلاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا تەييارلانغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە رەسىم سىزىش، مۇزىكا چېلىش، تارىخ قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ باشقىلاردىن ئالاھىدە تالانتقا ئىگە ئىدى.

Promethea نىڭ ئانىسى بىر سەنئەتكار بولسىمۇ بىراق تۈزۈك پۇلى يوق ئىدى، ئائىلىسىدە Promethea دىن باشقا يەنە ئىككى بالىسى ئۇنىڭ بېقىشىغا مۇھتاج ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى قالايمىقان، كىچىك بىر ئۆيدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا Promethea نىڭ ئانىسى پەقەت ئۇنى باشقا بالىلاردىن ئەقىللىقراق دەپ قارىغان ۋە قىزىنىڭ تالانتىغا دېگەندەك ئەھمىيەت بەرمىگەن. بىر قېتىم ئۇ كىتابتىن سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈز سىزىقلىق تېزلەتكۈچ مەركىزى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ قالىدۇ ۋە بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى كېلىدۇ، ئانىسى ئىلاجىسىز ئۇنى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاپىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلىنىۋاتقان بولۇپ، نۇتۇقنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن بۇ قىزچاقنىڭ سورىغان بىر سوئالى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.

ئۇ «سىلەر تېزلەتكۈچنىڭ زەررىچىلەرنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق تۈپەيلىدىن ئېرىپ كېتىشىدىن قانداق ساقلاندىڭلار» دېگەن سوئالنى سورىغان ئىدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزىكا ئالىملىرى ئۇنى تەجرىبىخانا مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتۈرىدۇ ئۇلار بىرلىكتە نۇرغۇن كەسپى بىلىملەر توغرىسىدا پىكىرلىشىدۇ. نەق مەيداندىكى دوكتۇرلار ئۇنى تۇغما تالانت ئىگىسى دەپ ماختايدۇ. بۇ چاغدا Promethea نىڭ ئانىسىمۇ قىزىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تالانتىنى ھېس قىلىدۇ. قىزىنى تېخىمۇ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇ قىزىنى ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىغا قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 200 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىدۇ، ئەينى ۋاقىتلاردا 200 ئامېرىكا دوللىرى دېگەننىڭ خېلىلا كۈچى بار ئىدى.

سىناق نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن  Promethea نىڭ ئانىسى ھەيران بولغىدىن داڭ قېتىپلا قالىدۇ، چۈنكى سىناق دوكلاتىدا قىزىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى دەرىجىدە 173 چىققانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. كېيىن بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئەقىل بۆلۈنمىسى توغرىسىدا بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىمەكچى بولغاندا بۇ قىزنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ، بىراق ئۇلار بۇ قىزچاقنىڭ 8 يېشىدىلا ئالگېبىرا ۋە دىففېرېنسىئال – ئىنتېگرالغا ئائىت بارلىق دەرسلەرنى تاماملاپ بولغانلىقىغا قەتئى ئىشەنمەيدۇ، تاكى ئۇلار Promethea نىڭ ئىشلىگەن مەسىلىلىرىنى نەق مەيداندا كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بۇ قىزغا ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولىدۇ. Promethea نىڭ ناھايىتى تېزلا داڭقى چىقىپ كېتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر پۇل چىقىرىپ ئۇنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتماقچى بولىدۇ، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ 19 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ.

Promethea بىر ئەسەبى مەستانىسىنىڭ توختىماستىن پاراكەندە قىلىشغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئەر دائىم ئۇنىڭغا پۇل ۋە خەت ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى مىچىگان ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇسى بولسىمۇ بىراق ھېلىقى ئەر كەسكىن تەلەپپۇزدا ئۇنى خارۋارد قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇشقا مەجبۇرلايدۇ. Promethea بىر نەچچە قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلىدۇ. ئاخىرى بىر كۈنى بۇ ئەر ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىدۇ ۋە Promethea نىڭ ئانىسىغا قارىتىپ ئۈچ پاي ئوق چىقىرىدۇ. گەرچە جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئانىسىنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ بىراق شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بەس-بەس بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىغا پۇل ئىئانە قىلىدۇ.

 دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن Promethea ۋە ئۇنىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز غايىپ بولىدۇ، ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. 6 يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە توساتتىنلا جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئانىسى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىغان ئىدى، ئۇ ئانىسى بىلەن بىر خىلۋەت چارۋىچىلىق مەيدانىدا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن خالى ھالدا ئادەتتىكى ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئادەتتە ئۇ كۈنلىرىنى تولاراق ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ، رەسىم سىزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى، دېمەك ئۇلۇغ ئانا مېھرى بارلىق شان-شەرەپتىن ئۈستۈن كەلگەن ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە Promethea باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىنى ئوڭشاپ بېرىش ۋە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىدىن قىلغان كىرىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە، ئەينى يىلىدىكى ئاشۇ قاباھەتلىك ۋەقە ئۇنىڭ ئانىسىغا غايەت زور ئازاپ ئېلىپ كەلگەچكە قىزىنىڭ قەلبى چەكسىز خىجىلىققا تولغان ئىدى. Promethea مۇخبىرلارغا «مەن پەقەت بىر ئاددىي ئادەم بولۇپ، ئانامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن» دېگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈلجامال6 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن ئەقىلىقكەن ،دۇت بۇلسا ئاپىسن تاللىماستى

  • assalam6 كۈن ئىلگىرى

    ھېلىمۇ ئ‍ەقىللىقكەن ،ئ‍تا-ئانىدىن ئ‍ىسىل مەكتەپ نەدە با؟ مەن بولساممۇ ئ‍انىنى تاللىشىم كېرەك دەپ قارايمەن ،پۇل ،ئ‍ابروي،مەنپەەت ئ‍ادەمنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئ‍ادەم ھاياتلا بولسا ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ.بىراق مېھىرنى ،قەلىبنى ۋە ئ‍انىنى ھەمدە ۋاپادارلىقنى تاپقىلى بولمايدۇ.دىمەك ئ‍ېغىزدىلا ئ‍انادەپ قويۇپ ،بىرچىنە تاماق بېرىپ قويۇپلا ئ‍ىشنى تۈگىتىش ئ‍اقىلانىلىك ئ‍ەمەس

  • bahadir 84006 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ،بەك،قايىل،بۇلدۇم،بۇ،قىزغا،،ئسلكەن،،،

  • ♡ F o R L i F e ♡6 كۈن ئىلگىرى

    ھەيييييييي ئىست، بىر ئالىمنىڭ كىلىشىنى توساپ قوياپتۇغۇ

  • دىلبەر دل6 كۈن ئىلگىرى

    نىمەدىگەن ئسىلخسلەت زۇرغەيرەت

  • شەھرۇق6 كۈن ئىلگىرى

    ئەقىللىق بولۇپ قالغىنى گۇناھ بۇبتۇ بۇقىزنىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号