باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

ئاۋسترالىيەدە بوغما يىلان ئەينەكتىن 2 ياشلىق بالىغا ئېتىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 11:57 1 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 15-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاۋسترالىيەنىڭ كىۋېنسلەند ئىشتاتىدا تۇرىدىغان مېگان مەنلېي (Megan Manley) بېغىدا چوڭ بوغما يىلاندىن بىرى تۇرغانلىقىنى بايقىغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ يىلان ئۇنىڭ مھمانخانا ئۆيىنىڭ يەرگە تۇتاش ئەينىكى ئالدىدا تۇراتتى، ناھايىتى تىت-تىت بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنى ئەڭ ئەنسىرەتكەن يېرى، ئۇنىڭ 2 ياشلىق ئوغلى سەم شۇ ۋاقىتتا ئەينەك ئالدىدا يىلانغا قاراپ ئولتۇراتتى، كۆزلىرى ئۇيان-بۇيان يۆتكەلسىلا يىلان ئۇنىڭغا ئېتىلاتتى. بەختكە يارىشا، ئوتتۇرىدا ئەينەك بار ئىكەن. بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى مېگاننىڭ ئۆيىگە 2 بوغما يىلان «زىيارەتكە كەلگەنىدى». بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭ پادىچى ئىتى ئارقا ھويلىدا ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدىغان بىر بوغما يىلان كۆرۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مېگان دەرھال ئىشىك-دېرىزىلىرىنى مەھكەم ئېتىپ يىلاننىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. مېگان: «ئوغلۇمنىڭ يىلانغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھوشۇمدىن كېتەيلا دېدىم. ئۆمۈچۈك، لەھەڭ، ھەتتا قوڭۇر ئېيىقلاردىنمۇ ئانچە قورقۇپ كەتمەيتتىم. بىراق، بوغما يىلاندىن بەكلا قورقتۇم. سەمنىڭ نەزىرى يۆتكىلىشى بىلەن يىلان ئۇنىڭغا ئېتىلدى» دېدى. 

يىلاننى تۇتۇشقا ئادەم چاقىرغاندىن كېيىن مېگان ئوغلى بىلەن بىللە مېھمانخانا ئۆيگە كىرىۋالدى. 6 ھەپتە ئىلگىرى ئۇ ئۇزۇنلۇقى ئوغلىنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىنمۇ ئاشىدىغان يىلان قاسرىقى كۆرگەنىدى. بىراق، ئۇ يىلاننى ئاللىبۇرۇن كېتىپ قالدى دەپ ئويلىغانىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قارلۇق6 كۈن ئىلگىرى

    شۈمۈپ قوياي دىگەن ئوخشايدۇ بالىنىڭ ئۇماقلىقىنى كۆرۈپ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号