باش بەت

durdana

1071يوللانما
58مەستانە

شاھرۇھ خان يانداش رول ئالغان نادىر فىلىم «تەلەيلىك ساتىراچ» فىلىمىگە ئىككى كەلىمە

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:45 22 ئىنكاس چۈشتى

دوۋبەن تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈنكى فىلىم خېلى بۇرۇنقى فىلىملەر قاتارىدىن: تەلەيلىك ساتىراچ بىللۇ(好运理发师) ( Billu)  ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئىشلەنگەن ۋاقتى:2009-يىلى

رېژىسسور: پرىيادارشان

روللاردا: ئىرفان خان، شاھرۇھ خان، لارا دۇتتا

بىللۇ بىر ساتىراچ، كىچىككىنە ساتىراچخانىسىغا تايىنىپ جان باقىدۇ، دۇكىنىدىكى ئەسلىھەلەر كونا، ياسىغان چاچلىرى مودا ئېقىمغا ئەگىشەلمىگەچكە ئۇدۇلىدىكى ساتىراچخانا تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرۋېتىلەي دەپ قالىدۇ، سودىسى پەقەت ئاقمايدۇ. فىلىمنىڭ بېشى ناھايىتى ئۈمىدسىز بىر كەيپىياتتا داۋاملىشىدۇ. 

تۇرمۇش بىللۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ناھايىتى قىينايدۇ، ھەتتا بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمەيدۇ، ئۆيدە يەيدىغان نەرسىنىمۇ ئايالى ھەممە يەردىن ئۆتنە قىلىپ ئەكەلگەن. دەل شۇ پەيىتتە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا چولپان ساھىرخاننىڭ بۇ يېزىغا كېلىپ فىلىم ئىشلەيدىغان خەۋىرى يېتىپ كېلىدۇ، ساھىرخان دەل بىللۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى ئىدى. خەۋەر تارالغاندىن كېيىن ھەممە ئادەمنىڭ كاتتا چولپان بىلەن كۆرۈشكىسى كېلىدۇ، بىللۇ بىردەمنىڭ ئىچىدە دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىللۇ باشتا ئەھۋالدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، رەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىي مۇنازىرىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ساھىرخان بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئويلايدۇ، لېكىن كۆڭلىدە ھازىر كاتتا چولپان بولۇپ كەتكەن دوستىنىڭ ئۆزىنى يەنە تونۇيالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.....

بالا ۋاقتىدا ئۇ ساھىرخانغا ئۆزىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى بېرىدۇ، ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ چېچىنى ياساپ قويىدۇ، يەنە تېخى پۇل ئوغرىلاپ چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىنو كۆرگىلى بارىدۇ، كىنودىكىلەرنى دورايدۇ، ئۆزىنىڭ ئالتۇن ھالقىسىنى سېتىپ بومبايغا بارىدىغان بېلەت ئېلىپ بېرىپ، ئاشقان پۇلنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويىدۇ...

نۇرغۇن يىلدىن كېيىن ئۇ ياقا يۇرتتا كىچىككىنە بىر ساتىراچخانىسىغا تايىنىپ جان باقىدۇ، مودا ياسىيالمايدىغانلىقى سەۋەبلىك مازاق قىلىشقا ئۇچرايدۇ، بالىسىنىڭ ئوقۇش ھەققىنىمۇ تاپشۇرالمايدۇ........دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ساھىرخان كەلدى، بالىلار ساھىرخاننىڭ دادىسىنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىك خەۋىرىنى تارقىتىۋېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ كاتتا چولپان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۇنى دەستەك قىلىپ چولپان بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ، ئۇ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ۋە سىرىتنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇنىڭغا غەيرەت بىلەن تېلېفون قىلىپ باقماقچى بولىدۇ. لېكىن قاتتىق تىل ئاڭلايدۇ. دوستىنى پەقەت يىراقتىن كۆرۈشكىلا مەجبۇر بولىدۇ. ھەممە ئادەم ئۇنى يالغانچى، ساھىرخاننىڭ دوستىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان ساختىپەز دەپ تىللايدۇ...

مانا ھايات مۇشۇنداق ئاچچىق، سىز پەقەت چىدىشىڭىز كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا ساھىرخان كۆزلىرىنى نەملەپ تۇرۇپ ھېلىقى يېزىلىق باشلانغۇچتا دوستىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەيدۇ، بالىلىقىدىكى ئەسلىمىسىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىللۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىستىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى مۇشۇنداق قاچۇرغان، يۈزلىشىشنى خالىمىغان...

ئەمما ئۇلار يەنە كۆرۈشىدۇ، شۇنچە كۆپ يىللىق ئىككىلىنىشلەرنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى پەقەتلا شۇ ئاددىيغىنە بىر قۇچاقلىشىش. بىللۇ ئۇنىڭغا:«سەن بەك يىراقلاپ كەتتىڭ، مەن ھەتتا سەن بىلەن كۆرۈشۈش ئويۇمنىمۇ يوقىتىپ قوياي دېدىم» دەيدۇ. ئاڭلىماققا بۇ گەپلىرى شۇنداق ئاجىز، كۈلكىلىك، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇرىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆزى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغان دوستقا يۈزلەنگەندە ھەممىمىز بىللۇغا ئوخشاش بولۇپ قالىمىز، ئارامسىزلىنىمىز، ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز يوقايدۇ، ئۆزىمىزمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان غورۇرىمىزغا ئالىمىز، بۇ نەرسىلەر بىزنى ئىلگىرىكى ياخشى دوستلىرىمىزدىن ئايرىپ قويىدۇ. ھايات يولىدا باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىمىز ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز ئايرىم بولۇپ كېتىدۇ.

ئەمما كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شۇنداق خام خىيالغا كېلىمىز، بالا ۋاقتىدا بىللۇدەك دوست بىلەن تونۇشۇپ، كېيىن ساھىرخانغا ئايلىنىش نېمىدىگەن تەلەيلىك ئىش ھە!

شەخسەن مېنىڭ فىلىمدىن ھېس قىلغىنىم، سەمىمىيلىك بىباھادۇر، سەمىيمىلىك بىزنى ياخشى كۈنگە دەرھال ئېرىشتۈرەلمىسىمۇ ھېچقاچان رەسۋا قىلمايدۇ، ھامان بىزنىڭ روھىمىزنى راھەتلەندۈرىدىغان بىر شەكىلدە قايتىپ كېلىدۇ.

سىز بۇ فىلىمدىن نېمىلەرنى ھېس قىلغان، سىزمۇ باشتا بىللۇدىن گۇمانلانغانمۇ؟ باشتا ئۇنىڭ يارىماسلىقىدىن بىزار بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ پەزىلىتىگە قايىل بولغانمۇ؟


باش سۈرەت تاللاش x
  • T@NHA6 كۈن ئىلگىرى

    مەنمۇ بۈگۈن ئالايىتەن باھۇبالىينى كۆردۈم،خۇلاسە،ناھايتى تايىنى يوق ئۇنى كۆرگىچە مۇشۇ كىنونى قايتا بىر كۆرسەمچۇ ۋە ياكى چىڭلۇڭنىڭ رىۋايەتنى جۇشۇڭچىنىڭ ئاينۇرى گۈھەر قۇتىسىنى

  • ئىشەنچ6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ كىنۇنىڭ بوپسا ئىككىنجى بولىمىنى ئىشلىگەن بولسا بىللۇنىڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشكەنلىرىنى باشقا خوشنلىرى كورۇپ ئاخىرلاشقان بولسا دەپ ئوزۇمنىىڭ ئويى ھە

  • srk an sk fan6 كۈن ئىلگىرى

    سالمانخاننىڭ يىڭى كىنوسى باۋفىڭدابا

  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    ھا ھا ھا مەزمۇندىن ئىنكاسلا دەھشەت دىسە

  • جەۋلان6 كۈن ئىلگىرى

    ھەي باللا نىم تىللىشىپ يۈرۈيدىغانسىلە كىنو ياخشى بولسۇن بىر كۆرۈپ قويساق بولدى ئۇنچە چوڭقۇر تەھلىل قىلىشنىڭ ئورنى يوق تالاشماڭلا بولدى ، بىر تەرەپتىن ھىندىستانلىقنى تىللاپ تۇردىكەنسىلە بىر تەرەپتىن شۇ ھىندىستانلىق ئۈچۈن قېرىندىشىڭلار بىلەن تىللىشىدىكەنسىلە (ياق ياق دەيدۇ موك موك يەيدۇ) دىگەندەك بىر تەرەپتىن تىللاپ بىر تەرەپتىن ماختاپ تۇردىغان باللاكەنسىلە

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    مارجانى دىگەن ناخشىدىن بەكرەك ، دېپىكا بىلەن شاھرۇھ خان چىقىدىغان lowemira hit hi دىگەن ناخشا بەكرەك پەيزى ھې ھې ھې

  • 嘻嘻哈哈6 كۈن ئىلگىرى

    تىتان مىھماننىڭ گەپلىرىگە ھە دەپ ئۆتۈپ كىتىڭ ، بۇ ئادەم مەخسۇس شاھرۇھخاننىڭ خەۋەرلىرگە مۇشۇنداق شالتاق ئىنكاس يازمىسا ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ ،

  • ئىسىمسىز6 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قولدىن ئىش كەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ياراتمايدىغان ئادەملەرنى يىغىپ ، يىغىپ يىغىپ ئاپىرىپ… ئېغىزىمغا بىر گەپ كەلگەن، بولدىلا ئۆزى چۈشىنىۋالا شۇ بىچارە بايقۇشلار… مۇشۇنداق ئادەملەرگە بىر ناخشا بار تەۋسىيە قىلاي ئاڭلاپ بېقىڭلار. ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت ، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تات دەيدىغان.

  • ئىسىمسىز6 كۈن ئىلگىرى

    بىر قىسىم ئىنكاسچىلارغا نىم دەي ئەمدى، ئۆزى بىر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالماي باشقىلار قىلغاننى ياراتماي، مەن قوڭامنى ياراتماي بوسۇرۇپ ئولتۇرىمەن، قوڭام مېنى ياراتماي ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. دەيدىغان پور كۆتەك نوچىلار ھاھاھا

  • ئامان6 كۈن ئىلگىرى

    مەن بۇ كىنونى بەك ياقتۇرمەن، ئەمىليەتتىمۇ شۇنداققۇ مەرتىۋە، پۇل بايلىققا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ھازىرقى دەۋرىدە كىممۇ ھېچ ئىكلەنمەي كاتتا چولپان بولۇپ كەتكەن دوستىنى ئىزدىيەلىسۇن؟!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号