باش بەت

نۇسرەتگۈل

7763يوللانما
112مەستانە

جېجياڭ ساقچىلىرى پاھىشىۋازلىق شايكىسىدىن بىرنى بىتچىت قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:20 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى بىنجياڭ رايونى ساقچىلىرى توردا پاھىشىۋازلىق قىلىشقا تەشكىللەيدىغان شايكىدىن بىرنى بىتچىت قىلىپ، 30 نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.

دۇ xx بۇ يىل 20 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، خاڭجۇ بىنجياڭ رايونىغا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى كەلگەن، خاڭجۇغا كېلىشتىن ئىلگىرىلا پاھىشىۋازلىققا قارىتا ئانچە-مۇنچە چۈشەنچىسى بار ئىدى. بىنجياڭ رايونىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا بىر ئايالنى تاپتى ھەم ئۆزى ۋاستىچى بولۇپ، توردا پاھىشىۋازلىق قىلىدىغانلارنى تەشكىللىدى، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئۈندىدار توپلىرىغا قوشۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر يوللىدى. 2017-يىلىنىڭ بېشىدا ۋاڭ xxمۇ دۇ xxقا قوشۇلۇپ، شايكىسىنىڭ ئادەم سانىنى 20 نەچچىگە يەتكۈزدى، پائالىيەت دائىرىسى يالغۇز كىشىلىك ياتاقلاردىن بەشيۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارغا تەرەققىي قىلدى.

2017-يىلى 8-ئايدا بىنجياڭ ساقچىلىرى ئاممىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، تەۋەلىكىدە تەشكىللىنىشى مەخپىي، ئىشى ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان پاھىشىۋازلىق شايكىسىدىن بىرى بارلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردە 70 نەچچە ساقچى بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ دۇ xx ۋە ۋاڭ xx باشچىلىقىدىكى 30 نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، 15 ئادەمگە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى، 18 ئادەمگە مەمۇرىي جازا بەردى.

مېھمانخانا باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرىگىمۇ مەمۇرىي جازا بېرىلدى. دېلوغا مەسئۇل ساقچى: «مېھمانخانا باشقۇرغۇچىلىرى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار پاھىشىۋازلىق شايكىلىرىنى بىر قاراپلا بىلىۋېلىشى ھەم ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئايرىم ساندىكى باشقۇرغۇچىلار پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلەپ بۇنداق قىلمىشلارغا بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ. بايقىلىپ قالسا مۇشۇنداق جازالىنىدىغان گەپ» دېدى. نۆۋەتتە. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ARZUYUM6 كۈن ئىلگىرى

    ئەجەپ ياخشى قىپتۇ شۇ جاپاكەش خەلىق ساقچىلىرغا كۆپتىن كۆپ رەخمىتىمنى بىلدۇرمەن ،ئۇندىدارلاردىمۇ قايسى توپقا كىرسە ئادەمنى ھاياجانغا سالدىغان كىنو كۇرۇشنى خالايدىغانلار مىنى قۇشۇڭ دەپ توپلارنى قالايمىقان قىلغان ،توپ باشلىقى يوق بوپ قالسا شەھۋانى رەسىملەرنى يوللىغان ۋاي نۇمۇس ۋاي نۇمۇس بەزى توپلاردا تىخى ئۇرۇق تۇقانلار بىللە تۇرۇدىكەنمىز شۇۋاقىتتى ئۇڭايسىزلىقلارنى دىمەيلا قۇياي بولدى ،ھەي نۇرداشلار ئىشقىلىپ مۇشتا نۇمۇسىزلارنى توپ يىلتىزدىن يۇقۇتۇش كىرەك ،شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ جاپاكەش خەلىق ساقچىلىرغا رەخمەت جۇما

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号