باش بەت

zefer

607يوللانما
35مەستانە

يەر شارى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايسى جانلىقنىڭ نەسلى قۇرۇمايدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 13:00 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دېڭىز يۈزى داۋاملىق ئۆرلەپ، يەر شارى ۋەيران بولغاندا، ئاتموسفېرا ئىنسانلار نەپەسلىنەلمەيدىغان گازلار بىلەن تولىدۇ... ئىنسانلار ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەر شارىنىڭ «ئەجىلى توشقاندا»، قۇياشنىڭ سىرتقى قېپى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چەكسىز يالقۇنلۇق نۇر بىلەن يەر شارىنى «كاۋاپ» قىلىۋېتىدۇ، ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىردا يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار قانداق بولىدۇ؟ راستتىنلا ھەممىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟ ئالىملار زامان ئاخىرىدىن كىيىن يەر شارىدا قايسى جانلىقنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ نەدە ياشايدىغانلىقىنى تەتقىق قىلدى.

图片

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، قۇياشنىڭ يورۇقلۇقى كۈچىيىدۇ، تەخمىنەن بىر مىليارد يىلدىن كېيىن يەر شارىدىكىلەر بۇ ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، بۇ ئاتموسفېرادىكى سۇ ھورىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئاتموسفېرادىكى سۇ ھورى مىقدارىنىڭ ئېشىشى تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىدۇ. بۇ خىل ئوڭ قايتما ئىنكاس ئېففېكتى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ، يەرشارىنى ۋەيران قىلىدۇ. 

图片

تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەندە، دېڭىز-ئوكيانلار پارلىنىشقا باشلايدۇ، دېڭىز-ئوكياندىكى سۇنىڭ سىلىقلاش رولىدىن مەھرۇم بولغاندىن كىيىن، يەر شارىنىڭ ھەرىكەتچان بۆلەكلىرى ھەرىكىتىنى توختىتىشى مۇمكىن. يانارتاغنىڭ پائالىيىتىدىن مەھرۇم بولغاندىن كىيىن، ئاتموسفېرادىكى كاربون قايتا تولۇقلانمايدۇ. ئاتموسفېرادا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولمىسا، ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۆسۈملۈكلەر بولمىسا، ئاتموسفېرادا ئوكسىگېنمۇ بولمايدۇ. ئوكسىگېن بولمىسا، يەر شارىدىكى ھايۋاناتلار زاۋال تاپىدۇ، ئالدى بىلەن سۈت ئەمگۈچىلەر بىلەن قۇشلارنىڭ نەسلى قۇرۇيدۇ. بېلىق تۈرى، قوش ماكانلىقلار ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلار ئوكسىگېنغا ئاز مىقداردا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ھەم يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، بىر قەدەر ئۇزۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

图片

ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يەرشارى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا نەسلى قۇرۇيدىغان جانلىق ئۇمۇرتقسىز ھايۋانلار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ھاشاراتلار بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، ھاشارەتلەرنىڭمۇ نەسلى قۇرۇيدۇ، ئۇنداقتا يەر شارى نەچچە مىليارد يىل بۇرۇنقى ئەڭ ئىپتىدائىي ھالىتىگە قايتىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا يەر شارىدا پەقەت مىكرو ئورگانىزملارلا قالىدۇ. جانلىقلار چەمبىرىكى لىتوسفېرا قاتلىمىغا چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ يەر مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ۋاقىتلىق پاناھ جايغا ئايلىنىدۇ.

图片

باش سۈرەت تاللاش x
  • كىمدۇ4 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئالىملار ئازراق ئۈمۈدۋار بولسا بولمامدۇ دەيمەن ھە باللا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号