باش بەت

ئابدۇرەھىم

406يوللانما
52مەستانە

ئېلىمىزنىڭ يېڭى تۆت چوڭ كەشپىياتى

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 15:26 2 ئىنكاس چۈشتى

ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. ئېلىمىز ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ۋە كەشىپ قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، توردا مال سېتىۋېلىش، ئالىپاي ۋە ئورتاق ۋېلىسىپىتتىن ئىبارەت يېڭى تۆت چوڭ كەشپىيات بارلىققا كەلدى. بۇ يېڭى تۆت چوڭ كەشپىيات ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول: ئېلىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسىنى ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ تېخنىكىنى قوللىنىش ۋە يېڭىلاشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە. 2016- يىلى ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسى 22 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، يەر شارى تۆمۈر يول تىجارىتى مۇساپىسىنىڭ %65 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن ئېلىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تېخنىكىسىنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى تۆۋەن، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، قۇرۇلۇش دەۋرى قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

توردا مال سېتىۋېلىش: ئېلىمىزدە تۇنجى بولۇپ توردا مال سېتىۋېلىش 1996- يىلى 11- ئايدا باشلانغان، 2016- يىلى مەملىكەت بويىچە توردا مال سېتىۋالغان ئابۇنىچى 460 مىليونغا، يىللىق ئوتتۇرىچە ئىستېمال سوممىسى 10 مىڭ 830 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %20 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان. توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى −ئابۇنىچىلار كومپيوتېر ياكى يان تېلېفون ئارقىلىق توردىكى سەييارە دۇكاندىن ۋاقىت ۋە ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايلا ئۆزىگە ئېھتىياجلىق تاۋارلارنى سېتىۋالالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە توردا مال سېتىۋېلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر خىل يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەر شارى ئىستېمالىنى يېتەكلەيدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

ئالىپاي: ھازىر ئېلىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە سىرتقا چىققاندا ھەميان ئېلىۋالماي يان تېلېفونلا ئېلىۋالىدىغان يېڭىچە ئادەت شەكىللەندى. تاكسىدا ئولتۇرۇش، مېھمانخانىدا يېتىش، تاماق يېيىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلاردا ئالىپاي ئارقىلىق چىقىم قىلىنىدىغان بولدى. ھازىر ئالىپايغا ھەقىقىي ئىسمىنى قوللانغان ئابۇنىچى 300 مىليون بولۇپ، ئالىپايدا كۈنىگە 45 مىليوندىن ئارتۇق كىشى پۇل مۇئامىلىسى بېجىرىدىكەن. بۇ بىر خىل يېڭى ئىستېمال ئەندىزىسى بولۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش كۆز قارىشىنى نامايان قىلىدۇ. بۇمۇ ئېلىمىزدىكى بىر چوڭ يېڭى كەشپىيات ھېسابلىنىدۇ.

ئورتاق ۋېلىسىپىت: 2016- يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلىرىدە ئورتاق ۋېلىسىپىتلەر بارلىققا كېلىپ، كىشىلەرنىڭ قاتنىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ئېلىپ كەلدى. ئاپتوبۇس، تاكسى ۋە موتوسىكلىتتىن قالسىلا ئورتاق ۋېلىسىپىتلەر ئاساسلىق قاتناش قورالىغا ئايلىنىپ، ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن مۇھىت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىش بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن رازى بولۇش تۇيغۇسى كۈچەيدى.

مۇھەممەت تۇراپ

ئەسلى مەنبە: http://uyghur.xjdaily.com/65/45908.html

باش سۈرەت تاللاش x
  • تەۋپىق6 كۈن ئىلگىرى

    ھەمبەھىر ۋېلىسپىت لىرى تۇرمۇشىمىزغا خىلى قولايلىق ئىلىپ كەلدى

  • جان6 كۈن ئىلگىرى

    دولىتىمىزنىڭ مۇشۇ تەرەقىياتلىرىخا توھپە قۇشۇپ كەلكەن ئشچى كادىرلىرىمىزخا رەھمەت جاپا چەكتىڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号