باش بەت

كىنوچى

33يوللانما
9مەستانە

پولات پالۋان ساۋۇتىنى سېلىۋەتسە، ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:40 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مارۋېل دۇنياسى ھەر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۇغۇلۇشى بىلەنلا كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە بولسا، بەزىلىرى بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقىلىق نام قازانغان. لېكىن يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆزىنىڭ ئەقلىگە تايىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ئىچىدە زور نام قازانغان. شۇنداق، بىزنىڭ بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغىنىمىز دەل «پولات پالۋان». پولات پالۋان ئۆزىنىڭ تۈرلۈك كۈچلۈك جەڭ ساۋۇتلىرى بىلەن نام قازانغان. ئۇنداقتا، ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر پولات پالۋان ساۋۇتىنى سېلىۋەتسە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ ئاجىزلىشىپ كېتەمدۇ؟ بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن...

«پولات پالۋان» فىلىمىدە، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر بولغان ئىككى كۆرۈنۈش بار، بىرىدە، پولات پالۋان يېشىل گىگانت ئادەم خۇلكقا قارشى ساۋۇتىنى كىيىپ، خۇلك بىلەن ئېلىشىدۇ. يەنە بىرىدە بولسا، سان-ساناقسىز پولات ماشىنا ساۋۇتلىرى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پولات پالۋاننىڭ ساۋۇتى مەيلى كۆرۈنۈشتىن بولسۇن، ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانىدا تۇرماقتا، ئەقىل-پاراسىتى چەكسىز، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، كۆپلىگەن دۈشمەنلەر ئالدىدا، تونى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا.

فىلىمغا سېلىشتۇرغاندا، ئەسلى ئەسەردىكى پولات پالۋان تېخىمۇ كۈچلۈك، مەسىلەن، سۇمرۇغقا قارشى ساۋۇت، چاقماق ئىلاھىغا قارشى ساۋۇت، ماگنىت شاھىغا قارشى ساۋۇت، ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەمگە قارشى ساۋۇت... تۈرلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدىمۇ، پولات پالۋان قىلچە ئەندىشە قىلمايدۇ.

ئۇنداقتا، ساۋۇتىنى سېلىۋەتكەن پولات پالۋان ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ھازىرقى فىلىمدە ئىپادىلەنگەن ھېكايىغا قارىغاندا، پولات پالۋان ساۋۇتىدىن ئايرىلسا، ئۇ پەقەت بىر ئالىم ياكى قۇرۇق سۆلەت بەگزادىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، كۈچى؟ ياق، باشقا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار ئۇنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ! لېكىن، ئەسلى ئەسەردە، پولات پالۋان ساۋۇتىنى سېلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك.

مارۋېلنىڭ ئەسلى ئەسىرى «پولات پالۋان4» دە، تونى بىر قېتىملىق خەۋپ ئىچىدە، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، «ھالاكەت ۋىرۇسى» دەپ ئارىلىدىغان بىر دورا سۇيۇقلۇقىنى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ، توغرا، ھەممە شۇ ئوكۇلنى ئۇرغاندىن كېيىن ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

بۇ ۋىرۇس تونىنى باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچى، سۈرئىتى ۋە چىداشلىق كۈچى باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە كۈچلۈك بولغان ئۆزلىكىدىن ساقىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تەپەككۇر جەھەتتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نېرۋىسىدا خۇددى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كومپىيوتېر ساقلانغاندەك، تېزلا پۈتۈن دۇنيانىڭ تورىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدەن ھالىتىنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جەڭ ساۋۇتىنى سېلىۋەتكەن پولات پالۋان، ئادەتتىكى ئادەم ئاتالغۇسىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تونىنىڭ ئىلگىرىلىشى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ. «ھالاكەت ۋىرۇسى» بىلەن ساۋۇتنىڭ مۇكەممەل بىرلىشىشى بىلەن، ئۇ پەقەت خىيالى ئارقىلىقلا جەڭ ساۋۇتىنىڭ شەكلى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلالايدىغان بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئۇ يەنە ساۋۇتنى تېرە ۋە ئۇستىخىنى ئىچىگە يوشۇرالايدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ بەدەن كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە، ھەتتە نەچچە ئون ھەسسە كۈچلىنىپ كېتىدۇ.

فىلىمدا، «پولات پالۋان» تونى ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس، لېكىن ئوبدان ئويلاپ باقايلى، بۇ دەل ئۇنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان تەرىپى ئەمەسمۇ؟ ئادەتتىكى ئادەممۇ ئادەتتىكى ئەمەس بولالايدۇ، پەقەت تىرىشقاندىلا، سىزمۇ «پولات پالۋان» بولالايسىز!

باش سۈرەت تاللاش x
  • T@NHA6 كۈن ئىلگىرى

    گىگانىت ئادەمنىڭ جاجىسنى بەرگەن بىردىن بىر ئادەم سورمۇ ئازراق ئۇرۇشۇپباقىدۇ لىكىن

  • ئۇيانچى6 كۈن ئىلگىرى

    بەكلا ئاخسا بۇ پۇلات پالۋان مەن بۇ ئادەمنىڭ كىنۇسىغا بەكلا ئامراق

  • ♡ F o R L i F e ♡6 كۈن ئىلگىرى

    مارۋېلدىكى قەھىرمان لار ھەممىسى بىر بىرەدىن نوچى، كاپىتان مۇ دەششەتتېي، قاراقاپلان نىڭ كىنوسىنى كۆسەك ۋۇتتىياۋاي

  • رايلۇز6 كۈن ئىلگىرى

    كۈچ جەھەتتىنلا يامان بۇوسا يامان بۇلمايدۇ. ئەقىل باردە بۇ ئادەمدە. بەك ئامراق مەن بۇ ئادەم رول ئالغان فىلىملەرنى

  • شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ماۋرېل قەھىرمانلىرى ئىچىدە ھەممىدىن پولات پالۋانغا بەك بەك بەك بەك بەك ئامراق . ئۇ بەلكىم ساۋۇتسىز بولسا ئادەتتىكى ئادەم بۇلا ، لىكىن ئۇنىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈر كاللا بار … ئۇ ساۋۇتسىز ياكى ساۋۇتلۇق ھالدا ماڭا ياراۋېرىدۇ ، مەن بەك ئامراق .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号