باش بەت

ئادىلجان

9007يوللانما
129مەستانە

ئامېرىكىدا مىليونېر بايلارنىڭ سانى يەنىلا كۆپ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:55 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى 15-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋېتسارىيە بانكىسى 14-نويابر «دۇنيا بايلىق دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان بىر يىلدا دۇنيادىكى دوللار بىلەن ھېسابلانغان مىليونېر بايلارنىڭ سانى ئىككى مىليون 300 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، 36 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى ئامېرىكىدا ئىكەن. 

2017-يىلى ئامېرىكىدىكى مىليونېر بايلارنىڭ سانى 15 مىليون بولغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدىكىدىن بىر مىليون 100 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن. ياپونىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئىككى مىليون 700 مىڭ ۋە ئىككى مىليون 200 مىڭ بولۇپ ئايرىم-ئايرىم ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغان. ئەمما سانى ئامېرىكىدىن بەكلا پەرقلىق؛ پۇل پاخاللىقىنىڭ تەسىرىدە ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ ئىككى دۆلەتتىكى مىليونېر بايلارنىڭ سانى ئازراق ئازلىغان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن مىليونېر بايلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان. 

جۇڭگودىكى مىليونېر بايلارنىڭ سانى بىر مىليون 900 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان. شىۋېتسارىيە بانكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2022-يىلىغا بارغاندا بۇ رەقەم ئىككى مىليون 800 مىڭغا كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. 

بۇ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىرقانچە ھەپتە بۇرۇن شىۋېتسارىيە بانكىسى گۇرۇھى يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مىلياردېر بايلار جەھەتتىكى ئورنى تەۋرەپ قالغان. ئاسىيادىكى مىلياردېر بايلار سانى بۇلتۇر تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدا جۇڭگودىكى مىليادىر بايلار سانىنىڭ ئېشىشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号