باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10351يوللانما
781مەستانە

گۈلنەزەرنىڭ ئەڭ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» ھەققىدە

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:19 3 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تاماشا تورى 14-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شاڭخەي شىشياڭ تاراتقۇ شىركىتى، تاڭدې كىنو-تېلېۋىزىيەسى، سەنرېن كىنو-تېلېۋىزىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسلى ئىجادىيەت شەھەر كەسپ مەيدانى ئىلھامبەخىش تېلېۋىزىيە تىياتىرى «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» (十年三月三十日) بۈگۈن باش پېرسوناژلار سېپى بىلەن «يىللار» نۇسخىسىدىكى ئۇقۇم ئېلان سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دوۋ شياۋ، گۈلنەزەر باش رول ئالىدۇ. بۈگۈن تېلېۋىزىيە تىياتىرى سەپنى رەسمىي ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن، دوۋ شياۋ، گۈلنەزەر «30 كۈن» قۇرۇلمىسىدىكى شېئىرنى مىكرو بىلوگىغا ئېلان قىلىپ «بوشلۇقتىكى چاقىرىش» بىلەن قىسقىغىنە بىر سائەت ئىچىدىلا تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئارقىدىنلا «يىللار» ئۇقۇم ئېلان سۈرىتى ئاشكارىلىنىپ، رەسمىي يوسۇندا بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسلى ئىجادىيەت شەھەر كەسپ مەيدانى مۇھەببەت ئىلھامبەخىش تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سىرلىق چۈمبەردىسى ئېچىلدى.

باش پېرسوناژلار سېپى ئاشكارىلاندى، دوۋ شياۋ بىلەن گۈلنەزەر «مۇھەببەت ئۈچۈن قايتا ئۇچراشتى»

ئىلگىرىكى كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئورگان تەشۋىقات ئېلان سۈرىتىنى ئاشكارىلاش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» بۇ قېىتم ئالاھىدە ئەجىر سىڭدۈرگەن بولۇپ، دەسلەپتە، دوۋ شياۋ، گۈلنەزەر مىكرو بىلوگىغا «30 كۈن» قۇرۇلمىسىدىكى شېئىرنى ئېلان قىلىپ، ئۆز-ئارا پىكىرىلىشىش شەكلى بىلەن باش پېرسوناژلار سېپىنى ئېلان قىلغان. دوۋ شياۋنىڭ «10 يىل بىلىشتۇق؟ 3 ئاي تونۇشتۇق؟ 30 كۈن چۈشەندۇق؟» دېگەن مىسىراسىغا گۈلنەزەر «10 يىل كۆردۇق؟ 3 ئاي پەرۋاز قىلدۇق؟ 30 كۈن ئايرىلدۇق» دېگەن مىسىراسى ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا تېلېۋىزىيە تىياتىردىكى ئىككەيلەننىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى ھەمدە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن»دە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەنانى ئۇستىلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئىككەيلەن مىكرو بىلوگنى ئېلان قىلىشى بىلەنلا، قىسقىغىنە بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» پاراڭ تېمىسىنىڭ چېكىلىش ۋە مۇنازىرە قېتىم سانى 3 مىليون 660 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، سانسىزلىغان مەستانىلەرنى جەلپ قىلغان ھەمدە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا بولغان تەلپۈنۈشىنىمۇ ئاشۇرغان.

ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئاساسلىقى جىن رەن، يۈەن لەي، دىڭ ئاڭ، شۈ شىڭجى، جاۋ چېڭجى، شېن شۇاشۇاڭ قاتارلىق مىجەز خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، ئوخىشمىغان غايە ئۈسىتىدە ئىزدىنىدىغان ياشلار قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسكىن رىقابەتكە تولغان 1-دەرىجىلىك شەھەردە ئۆسۈپ-يېتىلىش، كۈرەش قىلىش، غايەت ۋە مۇھەببەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېكايسىى سۆزلىنىدۇ.

گۈلنەزەر بۇنىڭدا مىجەزى تۈز، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرىدىغان فېيتۇ شىركىتىنىڭ دېرىكتورى يۈەن لەينىڭ رولىنى ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتىكى مۇھەببەىتى جىن رەن بىلەن كەسپ مەيدانىدا ئۇچرىشىدۇ. ئىككەيلەن ساپ مەكتەپ ھاياتىدىن رېئاللىقتىكى كەسپ مەيدانىغىچە بولغان دەۋرىدە 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۈينى يېزىپ چىقىدۇ.

ئۇقۇم ئېلان سۈرىتى تۇنجى «يىللار» خەت قەغىزىدىكى 10 يىللىق كۈي.

«10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى باش پېرسوناژلار سېپىنى ئاشكارىلاشتىن باشقا يەنە، «يىللار» ئۇقۇم ئېلان سۈرىتىنى ئاشكارىلاىغان بولۇپ، ئېلان سۈرىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاق، كۆك رەڭدىن بېزەلگەن كالېندار خەت قەغىزى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. بۇنىڭدا ئەر، ئايال باش پېرسوناژ يىراقتىن «يىللار كۆپ ئەمەس، قاچماڭ» دەپ يېزىلغان خەت قەغىزىگە قاراپ تۇرىدۇ. غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئايروپىلان سايىسى ئىككەيلەننىڭ ئارىسىغا يەتكىلى بولمايدىغان ئارىلىق ھاسىل قىلغاندەك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇغا باشلايدۇ.

ئېلان سۈرىتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قىسمىغا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كالېندار شەكلى نامايەن بولۇپ، ئۈستىگە 2018-يىلى دېگەن يېزىلىش بىلەن بىرگە كېيىنكى بەت بەت ئاستىغا كونا شەكىلدىكى 2008 دېگەن خەت يېزىلىپ «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن ماسلىشىپلا قالماستىن يەنە تېخى ئەر، ئايال باش پېرسوناژنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلاردىن كېيىن يەنە قايتىدىن مۇھەببەت ئۇچقۇنىنى تۇتاشتۇرۇپ، يىللار ئۆتسىمۇ بىراق ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماسلىق دەۋر تۇيغۇسىنى نامايەن قىلغان.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسلى ئىجادىيەت شەھەر كەسپ مەيدانى ئىلھامبەخىش تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «10 يىل 3 ئاي 30 كۈن» ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىشكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن 40 يىلدىن كېيىن، دۆلىتىمىز كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، خەلق ئەڭ مۇقىم بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى شەھەر تۇرمۇشى تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈش ئوربېتىسىنى ھازىرقى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ساياھەت كەسپىگە ماسلاشتۇرۇپ ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ياشلىق قىياپىتى ۋە تۇرمۇش پوزىتىسىيەسىنى نامايەن قىلىپ، پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش بىلەن بىرگە تورداشلارغا ئەپسۇسلۇق ۋە گۈزەللىك ئىچىدىكى ياشلىق باھارىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە يەنە رېئال كەسپ مەيدانى سىنىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىزمۇ ھەم ھېكايىدىكى باش قەھرىماننىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان ئۆسۈپ-يېتىلىش خاتىرىسدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك بولىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • نازىلە36 كۈن ئىلگىرى

    ئىشقىلىپلا مەيلى كىملا بۇلسۇن، مەيلى گۇلنەزەر، مەيلى دىلرابا ئىككىلىسىدىن قايسىسىلا ئۇتۇق قازانسۇن، ھەممىسىلا بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى كەلگۇسى ئۇمۇدىمىز، غەيرەت قىلىڭلار قىزلار، سىلەر بۇلغاچ مىلىتىمىز تىخىمۇ رۇناق تاپقۇسى! داۋاملىق ئالغا!!!

  • مەجنۇنتال6 كۈن ئىلگىرى

    گۈلنەزە غەيرەت قىلىڭ يۈرەكتىن بىر قانچىسى كەتتى

  • 嘻嘻哈哈6 كۈن ئىلگىرى

    قالتىس ،، غەيرەت قىلىڭ گۈلنەزەر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号