باش بەت

ئىدىقۇت887

6844يوللانما
11مەستانە

«ئەڭ چىرايلىق ئالماس زەنجىر» 224 مىليون يۈەنگە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 14:21 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 163.41 كارات كېلىدىغان كەسمە ئالماس، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ داغ-نۇقسانسىز D رەڭلىك ئالماس شىۋېتسارىيە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۈز پەسىللىك ئۈنچە-مەرۋايىت كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدە 25 مىليون 700 مىڭ فوندستېرلىڭ (يەنە تەخمىنەن 224 مىليون يۈەنگە تەڭ) كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان بولۇپ، لېكىن بۇ ئالماس زەنجىرنىڭ ئاخىرقى پۈتۈشۈش سوممىسى ئىلگىرى پەرەز قىلىنغان باھادىن تۆۋەن بولۇپ قالغان. بۇ قېتىم كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغىنى «The Art of de Grisogono» دەپ ئاتىلىدىغان ئالماس زەنجىر بولۇپ، بۇ ئالماس زەنجىر 2 مىنۇت تالاشتۇرۇپ سېتىلىشتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرى مىليون 700 مىڭ فوندستېرلىڭ (يەنە تەخمىنەن 224 مىليون يۈەنگە تەڭ) كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان. مۇتەخەسسىسلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ، 163.41 كارات كېلىدىغان بۇ ئالماس زەنجىرنىڭ ئەرزان سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئالماس زەنجىرنىڭ ئەسلىدە 37 مىليون فوندستېرلىڭ (يەنە تەخمىنەن 320 مىليون يۈەنگە تەڭ) غا يارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئالماس تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى توبىياس كورمىند (Tobias Kormind) ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ ئالماس زەنجىرنىڭ بىز ئويلىغاندەك باھاغا سېتىلماي قالغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. 2013-يىلى، سوسبايز كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش رەستىسىدە 118.28 كاراتلىق داغ-نۇقسانسىز D رەڭلىك ئالماس 30 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 203 مىليون يۈەنگە تەڭ) غا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانىدى، بۇ قېتىم كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ئالماس زەنجىر 2013-يىلى سېتىلغان ئالماستىن توپتوغرا %40 چوڭ ئىدى. بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئالماس بازىرىمۇ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشىدەك ھادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى».

«The Art of de Grisogono» ناملىق بۇ ئالماس «پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرايلىق ئالماس» دەپ ئاتالغان بولۇپ، GIA ئامېرىكا گۆھەر-ياقۇت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بۇ D رەڭلىك ئالماس سۈپسۈزۈك كەلگەن داغ-نۇقسانسىز ئالماس ئىدى.

بۇ ئالماس ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئانگولادا بايقالغان ھەم 404 كارات كېلىدىغان ئالماستىن كېسىپ پارچىلىنىپ ياسالغانىدى، بۇ ئالماس زەنجىرنى سىلىقلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا توپتوغرا 11 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىنغانىدى. نىيۇيوركتىكى 80 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ئالماس ئۇستىسى بۇ ئالماسنى تۇنجى قېتىم كېسىپ پارچىلىغاندىن كېيىن زىبۇ-زىننەت ياساش ئۇستىلىرى تەخمىنەن 1700 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ ئالماس زەنجىرنى ياساپ پۈتتۈرگەنىدى.

 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号